سوخۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
كىشىلىك تۇرمۇشتا نۇرغۇن كىشىلەر مۇنداق بىر ئىشقا دۇچ كېلىدۇ. ئەسلىدە ناھايىتى بالدۇر ئۇخلاپ، تاڭ ئاتقۇچە ئۇخلىماقچى بولىدۇ، ئەمما سەھەر سائەت 2:00-1:00لەردە بىلىنەر-بىلىنمەس ئويغىنىپ كېتىدۇ. ئويغانغاندىن كېيىن يەنە بىر قېتىم ئۇخلاش بەك تەسلىشىپ كېتىدۇ، ئۇزۇن ۋاقىت مۇشۇنداق بولۇۋەرسە ئۇيقۇ سۈپىتىگە ئېغىر تەسىر يېتىپ، ئەتىسى ئورنىدىن تۇرغاندا ئىنتايىن روھسىز بولۇپ قالىدۇ.
1. نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئەھۋال يۈز بېرىدۇ؟
دائىم سەھەردە ئويغىنىپ كەتسە، بەدەندىكى ئىككى ئەزا توسۇلۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن.
(1) جىگەر
يېرىم كېچە سائەت 3:00-1:00گىچە بولغان ۋاقىت قاننىڭ جىگەرگە ئېقىپ كىرىدىغان ۋاقىتى بولۇپ، جىگەرنىڭ ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەن كىشىلەر توپى بۇ ۋاقىتتا ناھايىتى ئاسان ئويغىنىدۇ. بۇ كىشىلەر توپىدا يەنە ئاغزى ئاچچىق بولۇش، ئېغىز پۇراش، قورساق كۆپۈش، ئوسۇرۇشقا ئامراق بولۇش، چېچى ئاسانلا مايلىشىش ۋە ئاسان قۇرغاقلىشىش، ئاسان ئاچچىقلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
(2) ئۆپكە
ئەگەر دائىم مۇشۇ ۋاقىتتا ئويغانسا ھەمدە بەش كۈندىن ئارتۇق داۋاملاشسا، بۇ ئۆپكىڭىزنىڭ توسۇلۇپ قالغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئۆپكە توسۇلۇش، سەھەردە ئويغانغاندىن سىرت، يەنە دائىم يۆتىلىش، بۇرۇن ياللۇغى، مەيدىسى چىڭقىلىش، كۆكرەك ئاغرىش، بادامسىمان تەنچە ئاسان ياللۇغلىنىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
2. ئۇيقۇنىڭ دائىم ئۈزۈلۈپ قېلىشىنىڭ زىيىنى ھەرگىزمۇ تۆۋەن ئەمەس.
(1) يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.
تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىق يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى قاتارلىق ئېغىر مەسىلىلەرنىڭ يۈز بېرىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن.
(2) تەشۋىشلىنىشنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.
تەشۋىشلىنىش ھازىرقى زامان كىشىلىرىدە دائىم كۆرۈلىدىغان پىسخىكىلىق مەسىلە بولۇپ، ئۇيقۇ كەمچىل بولسا تەشۋىشلىنىش كۈچىيىپ كېتىدۇ. ئاستا خاراكتېرلىك ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىق ۋە پۈتۈنلەي ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىقنىڭ ھەممىسى تەشۋىشلىنىش سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرىدۇ.
(3) بەدەننىڭ سۇسىزلىنىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، ھەر كۈنى ئالتە سائەت ئۇخلىغان قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ بەدىنىدە تېخىمۇ روشەن ھەم قويۇق سۈيدۈك بولىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەدەندە سۇ يېتىشمەسلىك ئېھتىماللىقى %16 ~%59 ئەتراپىدا ئاشىدىكەن.
3. سەھەردە ئويغىنىپ كېتىشنى خالىمىسىڭىز، تۆۋەندىكىدەك قىلسىڭىز بولىدۇ.
ئۇيقۇسىزلىق مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا، غەرب تېبابىتى ئادەتتە ئۇيقۇ دورىسى بىلەن داۋالاش ئېلىپ بارىدۇ، بۇ دورىلار ئۇيقۇسىزلىقنى داۋالاشتا دەرھال ئۈنۈم بېرىدۇ، ئەمما پەقەت داۋالاش رولىنىلا ئوينايدۇ، مەسىلىنى تۈپتىن ھەل قىلالمايدۇ.
دۆلىتىمىز تېبابىتىدە بۇ خىل مەسىلىگە قارىتا جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرى ئارقىلىق تەڭشەش ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئادەتتىكى ئۇيقۇسىزلىققا قارىتا، ئادەتتە يېمەك-ئىچمەكنى تەڭشەش ئۇسۇلىنى قوللىنىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ، ياۋا چىلان مېغىزى شورپىسى ئارقىلىق ئۇيقۇسىزلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش تەشەببۇس قىلىنىدۇ. مەسىلەن:گۈلسامساق، نېلۇپەر ئۇرۇقى ۋە ياڭاق قاتارلىقلارنىڭ ئۈنۈمىمۇ تېخىمۇ ياخشى بولغان.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇيقۇ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە يەنە راھەت ئۇخلاش كىيىمى ۋە راھەت يوتقان-كۆرپە ئالماشتۇرۇش، قاراڭغۇ ئۇخلاش مۇھىتى بەرپا قىلىش، ئۇخلاشتىن بۇرۇن قەھۋە ئىچمەسلىك قاتارلىقلاردىن باشلاش كېرەك.
ئۇزۇن مەزگىللىك ئۇيقۇسىزلىق روھسىز بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماستىن، يەنە سالامەتلىككە ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ، شۇڭا ئۇيقۇسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كىشىلەر توپىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇنى چوقۇم بالدۇر ھەل قىلىش كېرەك.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/19153206.shtml