كېسەلگە ئاساسەن چىنىققاندا ، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ۋە داۋالىغىلى بولىدۇ
يۇقىرى قان بېسىمى بارلار . مېدىتسىنا مۇتەخەسىسلىرى يۇقىرى قان بېسىمى بىمارلىرىغا پىيادە مېڭىش، ئاستا يۈگۈرۈش، ۋېلسىپىت مىنىش ۋە سۇ ئۈزۈش تەكلىپىنى بەرگەن. چۈنكى بۇ ھەركەتلەر ئادەمنىڭ يۈرەك ئۈستى بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدىكەن.
سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلى بارلار. بۇنداق بىمارلار ھەر ھەپتىدە ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا بىر سائەت مەشق قىلىشى لازىم. چېنىقىش شەكلى: 20 مىنوت پىيادە مېڭىش، ئاستا يۈگۈرۈش ياكى بەدەن چېنىقتۇرۇش ھەركىتى ئىشلەش، ئۇنىڭدىن كېيىن بەش مىنوت ئارغامچە سەكرەشن 40 مىنوت كۈچەش خاراكتېرلىق مەشق ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق مۇسكللارنى چېنىقتۇرۇش كېرەك.
بۇغۇم يالۇغى ۋە مۆرە ئاغرىقى بارلار.
بەزى مۇتەخەسىلەر: بۇغۇم يۇمشاق سۆڭىكى بۇغۇم سۇيۇقلۇقىنى ئۇزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ دەپ قارايدۇ. شۇڭا دۈمبە، مۆرە، يانپاش، تىز قاتارلىق جايلىرى ئاغرىيدىغان بىمارلار گىمناستىكا ئوينىسا بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا سۇ ئۈزۈش، ۋېلسىپىت مىنىش ھەمدە سۇ ئۈستى گىمناستىكىسىمۇ بۇغۇمنى ئاسراشقا پايدىلىق.
راك كېسىلى بارلار. گېرمانىيە كېلون تەنتەربىيە ئىنىستىتتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى پىيادە ساياھەت قىلىش، سۇ ئۈزۈش ياكى يۈگۈرۈش سۈت بېزى راكى بىمارلىرىنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارنى ئاشۇرىدۇ، دەپ قارىغان.
بۇنىڭدىن باشقا، ھەرىكەت داۋالاشتىن كېيىنكى ھارغىنلىقنى ئازايتىدىكەن. لېكىن بۇنىڭ شەرتى تەدرىجىي ئىلگىرلەش، ھەرىكەت مىقتارى بەك كۆپ بولۇپ كەتمەسلىك، ھەر ھەپتىدە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا يېرىم سائەت بولۇشى لازىم .