ھامىلىدارلىقنىڭ ئالتىنچى ئايلىق كۆرسەتمىسى: بەدەندىكى ئۆزگىرىشلەر، دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ۋە تەكلىپ پىكىرلەر
ھامىلىدارلىق 6-ئايغا قەدەم قويغاندا، قورساقتىكى ئۇماق بوۋاقنىڭ بەدىنى روشەن ئۆسۈپ يېتىلىش ئۆزگىرىشىنى باشتىن كەچۈرىدۇ. بۇ ئىككىنچى ھامىلىدارلىق مەزگىلى (second trimester) نىڭ ئوتتۇرا ئاخىرقى باسقۇچى بولۇپ، ھامىلە بەدىنىڭ ھەرقايسى ئىقتىدارلىرى كۈنسايىن مۇكەممەللىشىپ، بەدەن شەكلىنىڭ ئۆسۈشى تېز بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھامىلىدار قورسىقى تېخىمۇ روشەن بولۇپ، ھامىلىنىڭ ھەرىكىتى تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ. قېنى ئەمىسە، ئالدىنقى ئايلارغا ئوخشاش، بىز بىرلىكتە بۇ مۇھىم ئايدىكى ھالقىلىق ئۇچۇرلارنى بىللە ئىزدىنىپ باقايلى.
مۇندەرىجە
1. ھامىلىدارلىقنىڭ 6-ئاي ھەققىدە ئومۇمىي تونۇشتۇرۇلۇش
2. ھامىلىنىڭ يېتىلىش ئەھۋالى
3. ھامىلىدار ئاياللارنىڭ بەدىنىدىكى ئۆزگىرىشلەر
4. بولغۇسى دادىلار دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
5. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم ئىشلار
6. جىددىي ئەھۋاللار ۋە بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇللىرى
7. ھامىلىدارلىقنىڭ 6-ئايدىكى كېرەكلىك تەكشۈرۈش تۈرلىرى
8. ئوزۇقلۇق يېمەك-ئىچمەك قوللانمىسى
9. تۇرمۇش رىتىمىنى تەڭشەش تەكلىپلىرى
10. پىسخىكىلىق تەڭشەش تەكلىپلىرى
11. ھامىلە تەربىيىسى نىمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟
12. ئەر-خوتۇنلۇق جىنسىي تۇرمۇش تەكلىپىلىرىمىز
13. 6-ئايغا بولغان ئاخىرقى گۈزەل سۆزلىرىمىز
ھامىلىدارلىقنىڭ 6-ئاي ھەققىدە ئومۇمىي تونۇشتۇرۇلۇش
ھامىلىدارلىقنىڭ ئالتىنچى ئېيى تەخمىنەن 23-ھەپتىدىن 27-ھەپتىگىچە داۋاملىشىدۇ، بۇ ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى مۇھىم باسقۇچ ھىساپلىنىدۇ. بۇ مەزگىلدە ھامىلىنىڭ بەدەن شەكلىنىڭ ئۆسۈشى كۆرۈنەرلىك تېزلىشىپ، ھەرقايسى ئەزالارنىڭ ئىقتىدارى ئۈزۈكسىز مۇكەممەللىشىدۇ، ھەتتا ئۇخلاش ۋە ئويغىنىش قانۇنىيىتى پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ. ئانىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، قورساق قىسمىنىڭ داۋاملىق چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، بەزى بىئاراملىقلارنى ھېس قىلىشقا باشلىنىشى مۇمكىن، لېكىن ھامىلىنىڭ ھەرىكەتلىنىشى تېخىمۇ ئېنىق ۋە كۈچلۈك بولۇپ، ئادەمنى خۇشال قىلىدۇ.
ۋاقىتنى ھېسابلاش
كالېندار ۋاقتى : ھامىلىدار بولغاندىن كېيىنكى 6-ئاي.
ھامىلىدار بولۇش ھەپتىسىنىڭ دائىرىسى : 21-ھەپتىدىن 24-ھەپتىگىچە.
مۇھىم بەلگە : ھامىلىدارلىقنىڭ ئىككىنچى مەزگىلى (Second Trimester) نىڭ ئوتتۇرا ئاخىرقى دەۋىر، ھامىلىنىڭ ھەرىكىنى تېخىمۇ روشەن ھىس قىلىش
تۆۋەندىكى ئادرىستىنمۇ ھامىلىدارلىق كۈن، ھەپتىسى ۋە ئايلارنى ، تۇغۇت ۋاقتىڭىزنى ھېساپلاپ مۆلچەرلىيەلەيسىز:
https://dohturlar.com/sinaq/tughut.php
ھامىلىنىڭ يېتىلىش ئەھۋالى
بۇ ئايدا ھامىلىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 25-30 سانتىمېتىرغا، ئېغىرلىقى تەخمىنەن 600-700 گىرام ئارىلىقىدا بولۇپ، چوڭ-كىچىكلىكى بىر بىھى گە باراۋەر كېلىدۇ. تېرە رەڭگى تېخىمۇ قېنىقلىشىدۇ. تېرە ئاستىغا مايلار يىغىلىپ، بەدەننى تېخىمۇ تولغان قىلىدۇ.
ھامىلىنىڭ يۈز ئالاھىدىلىكى تېخىمۇ روشەن بولۇپ، قاش ۋە كىرپىكى ئۆسۈشكە باشلايدۇ، تىرنىقىمۇ ئۈزلۈكسىز ئۇزىرايدۇ. بۇ مەزگىلدىكى ئەڭ روشەن ئۆزگىرىش نېرۋا سىستېمىسىنىڭ تېز سۈرئەتتە يېتىلىشى بولۇپ، چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتى داۋاملىق قاتلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ چۆنەك ھاسىل قىلىدۇ.
ئاڭلاش سىستېمىسى يەنىمۇ تەرەققىي قىلىپ يېتىلگەندە، ھامىلە ئانا تېنىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئاۋازنى ئاڭلاپلا قالماستىن، يەنە سىرتقى تەرەپتىكى ئاۋازلارغىمۇ ئىنكاس قايتۇرالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەم سەزگۈسى ۋە پۇراش سەزگۈسىمۇ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ، ئوخشىمىغان تەمدىكى باش سۈيىنى سېزەلەيدۇ.
ھەرىكەت ئىقتىدارى تېخىمۇ ماسلىشىپ، تۇتۇش، ئۆرۈلۈش قاتارلىق تېخىمۇ مۇرەككەپ ھەرىكەتلەرنى قىلالايدۇ. بۇ باسقۇچتىكى ھامىلە يەنە يۇتۇش ۋە نەپەسلىنىش ھەرىكىتىنى مەشىق قىلىپ، تۇغۇلغاندىن كېيىنكى تۇرمۇشقا تەييارلىق قىلىدۇ.
ھامىلىدار ئاياللارنىڭ بەدىنىدىكى ئۆزگىرىشلەر
ئالتىنچى ئاي كىرگەندىن بۇيانقى ئەڭ روشەن ئۆزگىرىش قورساقنىڭ داۋاملىق يوغىنىشى ھېسابلىنىدۇ. بالىياتقۇ ئاستى قىسمى كىندىكنىڭ ئۈستىگە تەخمىنەن 2-3 بارماق كەڭلىكىدە كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ بەدەننىڭ ئېغىرلىق مەركىزىنى داۋاملىق يۇقىرىغا يۆتكىلىپ، ھامىلىدارنىڭ تەڭپۇڭلۇق تۇيغۇسىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.
بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى تېزلىشىپ، بۇ ئايدا ئانا 2.5-3 كىلوگىرام سەمرىدۇ. بالىياتقۇ بوۋاق دىيافراگمىسىنى بېسىۋالغانلىقتىن، يېنىك دەرىجىدە نەپەس ئېلىش قىيىنلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، بولۇپمۇ پەلەمپەي ياماشقاندا، يۇقىرى قەۋەتكە پىيادە چىققاندا ياكى قاتتىق ھەرىكەت قىلغاندا تېخىمۇ روشەن بولىدۇ.
تېرە جەھەتتىكى ئۆزگىرىشلەر يەنىلا داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، ھامىلىدارلىق قورۇقلىرى يەنىمۇ گەۋدىلىنىشى مۇمكىن، ئاساسلىقى قورساق، كۆكرەك ۋە يوتا قاتارلىق ئورۇنلاردا كۆرۈلىدۇ. كۆكسى داۋاملىق چوڭايسا، يېنىك دەرىجىدە چىڭقىلىپ ئاغرىشى مۇمكىن. ھورمۇن سەۋىيەسىنىڭ ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن، پىگمېنت ئولتۇرۇشۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، مەسىلەن، ئەمچەك دېغى چوڭقۇرلىشىش، قورساق قىسمىنىڭ ئوتتۇرا سىزىقلىرى قارىداپ كېتىش قاتارلىقلار.
بولغۇسى دادىلار دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
ئالتىنچى ئايلىق ھامىلە تەربىيەسى بولغۇسى دادىغا نىسبەتەن ئەھمىيىتى زور. ھامىلىنىڭ ئاڭلاش سىستېمىسى پىشىپ يېتىلگەچكە، بۇ ھەم ئاتا-بالىلىق ھېسسىياتىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ ياخشى پەيتى. ھەر كۈنى مۇقىم ۋاقىت ھامىلە بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش، پاراڭلىشىش، ھامىلىدار ئانىنىڭ قورسىقىنى يېنىك ئۇۋۇلاش ئارقىلىق پىكىر ئالماشتۇرۇش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئايالىنىڭ كەيپىيات ئۆزگىرىشى ۋە بىئارام بولۇشىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىپ، ۋاقتىدا تەسەللى بېرىش ۋە ياردەم بېرىش كېرەك.
تۇرمۇشتا، ئايالىنىڭ كۈنسېرى چوڭىيىۋاتقان قورساق قىسمى ئېلىپ كەلگەن قولايسىزلىقلارغا ماسلىشىشىغا داۋاملىق ياردەم بېرىش كېرەك، مەسىلەن، يەردىكى نەرسىلەرنى تېرىپ بېرىش، ئاياغ-پايپاق كىيىش قاتارلىقلارغا ياردەم بېرىش كېرەك. بوۋاقلار بۇيۇملىرىنى تەييارلاشمۇ بۇ مەزگىلدىكى مۇھىم ۋەزىپە، سېتىۋېلىش تىزىملىكىنى بىرلىكتە پىلانلاپ، بوۋاقنىڭ يېتىپ كېلىشىگە تەييارلىق قىلساق بولىدۇ.
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم ئىشلار
ئالتىنچى ئايدا تۆۋەندىكى بىرقانچە تەرەپكە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك :
1. تەنھەرىكەت بىخەتەرلىكى
قورساق يوغىناپ، تەڭپۇڭلۇق تۇيغۇسى ئاجىزلايدۇ، يىقىلىپ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك. سەيلە قىلىش، يىنىك گىمناستىكا ئىشلەش قاتارلىق مۆتىدىل ھەرىكەتلەرنى قىلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ، لېكىن قاتتىق ھەرىكەت ۋە خەتەرلىك ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىش كېرەك. ھەرىكەت ۋاقتى 20 مىنۇتتىن 30 مىنۇتقىچە بولسا مۇۋاپىق، ھەرىكەتنىڭ سىجىللىقى بەك چوڭ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.
2. ئۇخلاش ھالىتى
سول تەرەپنى بېسىپ ئۇخلاش تەۋسىيە قىلىنىدۇ، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ، بالىياتقۇنىڭ چوڭ قان تومۇرلارغا بولغان بېسىمىنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ. ھامىلىدار ئاياللارغا راھەت ئۇخلاش ھالىتىنى تېپىشقا ياردەم بېرىپ، بەل، دۈمبە بىئارام بولۇشنى پەسەيتىدۇ.
3. تېرە ئاسراش
ھامىلىدارلىق قورۇقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش پەرۋىشىنى داۋاملىق ئېلىپ بېرىپ، تېرىنىڭ ئېلاستىكىلىقى ۋە سۇ تەركىبىنى ساقلاش كېرەك. ئاپتاپتىن ساقلاشقا دىققەت قىلىش، پىگمېنتنىڭ ئولتۇرۇشۇشىنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.
جىددىي ئەھۋاللار ۋە بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇللىرى
ئالتىنچى ئايدا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان جىددىي ئەھۋال ئاساسلىقى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ :
1. بىنورمال قاناش
ئەگەر ھەر قانداق دەرىجىدىكى جىنسىي يولدىن قان چىقسا، ھەممىسىگە دىققەت قىلىش كېرەك. بولۇپمۇ قورساق ئاغرىش بىلەن بىللە قاناش كۆرۈلسە ، دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك. دوختۇر ساقلاش ئارىلىقىدا، كارىۋاتتا يېتىپ ئارام ئېلىشنى ساقلاپ، قان چىقىش مىقدارى ۋە خاراكتېرىنى خاتىرىلىۋېلىش كېرەك.
2. ھامىلىنىڭ ھەرىكىتى نورمالسىز بولۇش
ئەگەر ھامىلە ھەرىكىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئازايغانلىقى ياكى يوقالغانلىقىنى بايقالسا، دەرھال ھامىلە ھەرىكەت قېتىم سانىنى ھېسابلاشقا توغرا كېلىدۇ. نورمال ئەھۋالدا، ھەر كۈنى قانۇنىيەتلىك ھامىلە ھەرىكىتى بولۇشى كېرەك. ئەگەر ھامىلە ئۇدا ئىككى سائەت مىدىرلىمىسا، دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.
3. تولغاق كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرى
ئەگەر قانۇنىيەتلىك تولغاق ياكى داۋاملىق قورساق ئاغرىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، بالدۇر تۇغۇپ قېلىشنىڭ دەسلەپكى ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ تەكشۈرتۈش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۆۋەندىكى ئالامەتلەردىن ھوشيار بولۇش كېرەك :
- بەل ئاغرىقى ياكى داس سۆڭىكى بېسىۋالغاندەك سېزىم بولۇش، بۇ سېزىم بارغانسىرى ئېغىرلاپ كېتىش.
- جىنسىي يول ئاجرالمىلىرى كۆپىيىش ياكى خاراكتېرى ئۆزگىرىش (مەسىلەن پۇرىقى غەلىتە، ئاچچىق سېسىق، رەڭگى يېشىل سېرىق، قىزىل قىزغۇچ …)
- باش سۈيىگە ئوخشاش سۇيۇقلۇق ئېقىپ چىققاننى ھىس قىلىش ياكى كۆرۈش
ھامىلىدارلىقنىڭ 6-ئايدىكى كېرەكلىك تەكشۈرۈش تۈرلىرى
ئالتىنچى ئايلىق تۇغۇت تەكشۈرۈشىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ :
- قان بېسىمىنى كۆزىتىپ تۇرۇش ۋە خاتىرىلەش كېرەك.
- بەدەن ئېغىرلىقى خاتىرىلەپ تۇرۇش كېرەك.
- بالىياتقۇ تېگىنىڭ ئېگىزلىكىنى ئۆلچەش كېرەك (ئاياللار دوختۇرى ئۆلچەيدۇ)
- ھامىلە يۈرىكىنى كۆزىتىش كېرەك. (ئاياللار دوختۇرى، ئائىلە دوختۇرى ئۆلچىيەلەيدۇ.)
- سۈيدۈك تەكشۈرۈش قىلىش كېرەك.
ئۆزگىچە تەكشۈرۈشلەر:
تۆۋەندىكى تەكشۈرۈشلەر ئاياللار تۇغۇت دوختۇرى تەۋسىيىسى ئاستىدا قىلدۇرسىڭىز بولىدۇ.
- قان شېكىرىنى تەكشۈرۈش:ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى دىيابېت كېسىلىنىڭ خەتىرى بار-يوقلۇقىنى چۈشىنىش
- ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش:ھامىلىنىڭ يېتىلىش ئەھۋالىنى كۆزىتىش
- تۆمۈر ئاقسىلىنى تەكشۈرۈش:قان ئازلىق بار-يوقلۇقىنى باھالاش
ئوزۇقلۇق يېمەك-ئىچمەك قوللانمىسى
ئالتىنچى ئايلىق ئوزۇقلۇق تولۇقلاش تېخىمۇ مۇھىم، چۈنكى ھامىلە تېز سۈرئەتتە يېتىلىۋاتىدۇ.
كۈندىلىك ئېنېرگىيە ئېھتىياجى ھامىلىدار بولۇشتىن ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تەخمىنەن 300-400 كالورىيە ئاشىدۇ.
ئاقسىلغا بولغان ئېھتىياج 80 گىرامدىن 100 گىرامغىچە ئاشىدۇ، ئورۇق گۆش، بېلىق، تۇخۇم ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىللارنى تاللاشقا دىققەت قىلىش كېرەك.
تۆمۈر تولۇقلاش يەنىلا مۇھىم بولۇپ، قېنىق رەڭلىك كۆكتات، قىزىل گۆش ۋە ھايۋانات جىگىرى ئارقىلىق تولۇقلاشقا بولىدۇ.
كالتسىينىڭ قوبۇل قىلىنىشى كۈنىگە 1000 mg غا يېتىشى كېرەك، بۇنى ئاساسلىقى سۈت مەھسۇلاتلىرى، كىچىك بېلىق قېقى ۋە پۇرچاق ياسالمىلىرى ئارقىلىق تولۇقلاشقا بولىدۇ.
ۋىتامىن D تولۇقلاشمۇ ئىنتايىن مۇھىم، مۇۋاپىق ئاپتاپقا قاقلىنىش كېرەك.
يېمەك-ئىچمەك ئۇسۇلى جەھەتتە، داۋاملىق ئاز مىقداردا كۆپ قېتىم تاماق يېيىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ، بۇنداق قىلغاندا ئاشقازان بىئارام بولۇشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ، شۇنداقلا ئوزۇقلۇقنىڭ داۋاملىق تەمىنلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
تۇرمۇش رىتىمىنى تەڭشەش تەكلىپلىرى
ھامىلىدار قورساقنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا تېخىمۇ كۆپ تەڭشەشكە توغرا كېلىدۇ.
1. كىيىم تاللاش
- ئازادە ھامىلىدارلار كىيىمىنى تاللاش
- ئاياغنىڭ تېيىلىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش، پۇتنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇش كېرەك
- زۆرۈر تېپىلغاندا قورساق كۆتۈرۈش بەلۋېغىنى ئىشلىتىش
2. دەم ئېلىش ئورۇنلاشتۇرۇش
- يېتەرلىك ئۇخلاش ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك
- مۇۋاپىق چۈشلۈك دەم ئېلىش بېرىش
- ئۇزاق ئولتۇرۇش ياكى ئۇزاق ئۆرە تۇرۇشتىن ساقلىنىش كېرەك
3. شەخسىي تازىلىق
- چات ئارىسىنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاش
- ئىچ كىيىملەرنى پات-پات ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش
- ئېغىز بوشلۇقى تازىلىقىغا دىققەت قىلىش
پىسخىكىلىق تەڭشەش تەكلىپلىرى
ئالتىنچى ئايدا بەدەن شەكلىنىڭ ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن كەيپىياتتا داۋالغۇش پەيدا بولۇشى مۇمكىن، بۇ ۋاقىتتا پىسخىكىلىق تەڭشەش ئىنتايىن مۇھىم :
كەيپىيات كونترول قىلىشقا دىققەت قىلىش.
ئاكتىپ، ئۈمىدۋار روھىي ھالەتنى ساقلاش.
ئۆيدىكىلەر بىلەن كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇش كېرەك.
ھامىلىدار ئاياللار دەرسلىكى ياكى پىكىر ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىگە مۇۋاپىق قاتنىشىش.
بېسىمنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن بەزى پائالىيەتلەرنى قىلىش.
مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش.
يېقىملىق مۇزىكا ئاڭلاش.
ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارنى قىلىش.
ھامىلە تەربىيىسى نىمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟
ئالتىنچى ئاي ھامىلە تەربىيىسىنىڭ ئالتۇن مەزگىلى ھىساپلىنىدۇ. بۇ ئايدا ھامىلە بوۋاق سىزنىڭ ئاۋازلىرىڭىزنى تېخىمۇ ئېنىق ئاڭلىيالايدۇ، قورساقنىڭ سىرتىدىن سىلاشلىرىڭىزنى ھىس قىلالايدۇ. شۇڭا بۇ ئايدا سىز ۋە يولدىشىڭىز بىلەن بىللە تۆۋەندىكى نۇقتىلار ئارقىلىق بوۋىقىڭىزغا تەربىيىنى باشلىسىڭىز بولىدۇ.
1. ئاۋاز ئارقىلىق غىدىقلاش
- مۇلايىملىق يېنىك ئاۋازدا گەپ قىلىپ بېرىڭ.
- مۇڭلۇق قۇرئان قويۇپ بېرىڭ ياكى ماس كېلىدىغان مۇزىكا قويۇپ بېرىڭ.
- ھېكايە كىتاب ئوقۇپ بېرىڭ.
2. تېگىش سېزىمى غىدىقلىنىش
- قورساقنى مۇلايىملىق بىلەن سىلاپ بېرىڭ. ئەمما بەك كۈچىۋەتمەڭ.
- ھامىلە گىمناستىكىسى قىلىپ بېرىڭ.
- ھامىلىنىڭ ھەرىكىتىنى قورساق سىرتىدىن ھىس قىلغاندا شۇ قىسىمنى يېنىك بېسىڭ ۋە ئىنكاسىنى ھېس قىلىپ بېقىڭ.
ئەر-خوتۇنلۇق جىنسىي تۇرمۇش تەكلىپىلىرىمىز
ھامىلىدار بولۇپ ئالتە ئاي بولغاندا، ھامىلىدار ئايالنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ياخشى، تەرەققىياتى نورمال بولسىلا، ئەر-ئايال مۇۋاپىق جىنسىي تۇرمۇش ئۆتكۈزسە بولىدۇ. لېكىن يېنىك ، سىلىق قوپال بولمىغان بەدەن ھالىتىنى قوللىنىشقا دىققەت قىلىش، ھامىلىدارنىڭ قورسىقىنى بېسىۋېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شەخسىي تازىلىققا ئالاھىدە دىققەت قىلىپ، يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئىشتىن ئاۋۋال مەسئۇل دوختۇردىن مەسلىھەت سوراپ، كونكرېت ئەھۋالنىڭ مۇۋاپىق بولغان-بولمىغانلىقىنى ئىگىلەش تەكلىپىنى بېرىمىز.
لېكىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللار كۆرۈلسە، جىنسىي تۇرمۇشتىن ساقلىنىش كېرەك:
- بويىدىن ئاجراپ كېتىش،بالا ھەمرىيى ئالدىغا كېلىش، بالا ھەمرىيى بالدۇر سويۇلۇش قاتارلىق ئەگەشمە كېسەللىكلەر؛
- جىنسىي يولدىن قان چىقىش ياكى قورساق ئاغرىش؛
- مەسئۇل دوختۇر جىكىلىگەن باشقا ئەھۋاللار ..
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بەدەننىڭ تەسىراتىغا يېقىندىن دىققەت قىلىش. ئەگەر جىنسىي مۇناسىۋەت باشلاش ئالدىدا ياكى جەريانىدا ھەرقانداق بىئاراملىق كۆرۈلسە دەرھال توختىتىش ھەمدە ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
جىنسىي تۇرمۇشتا ھەر ئىككى تەرەپ ئادەتتىن تاشقىرى مۇلايىم، ئېھتىياتچان بولۇشى، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئازادىلىكىنى ئاساسلىق سەۋەب قىلىپ ئويلىشىش كېرەك.
6-ئايغا بولغان ئاخىرقى گۈزەل تېلەكلىرىمىز
سۆيۈملۈك ئاتا-ئانىلار، ئالتىنچى ئاي بوۋاقنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە شاھىد بولىدىغان مۇھىم مەزگىلىڭىز. ھامىلە ھەرىكىتىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، سىز يېڭى ھاياتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ ھەقىقىي ھېس قىلالايسىز. گەرچە بەزى بەدەن بىئارام بولۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسىمۇ، لېكىن ھەر بىر كۈن قىممەتلىك كەچۈرمىش دەپ چۈشىنىڭ! كېلەر ئايدا بىز داۋاملىق تېخىمۇ كۆپ ھامىلىدارلىق بىلىملىرىنى ھەمبەھرىلەپ، سىزگە ھەمرا بولۇپ ئېسىل ھامىلىدارلىق سەپىرىنى ئۆتكۈزىمىز. ھەر بىر بولغۇسى ئانىنىڭ ساغلام، خۇشال ھامىلىدارلىق مەزگىلىگە ئىگە بولۇشىنى، بولغۇسى دادىنىڭ بۇ مەزگىلدە سىزگە ئىزچىل ھەمرا بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز!
ھامىلىدار جەريانىدىكى باشقا ئايلارنىڭ مەزمونلىرىنى تۆۋەندىكى ئادرىسلاردىن تاپالايسىز:
تۇغۇت ۋاقتى مۆلچەرلىگۈچ ماشىنىسى