ئانا سەھىپەمەخسۇس سەھىپىلەردىئابېتدىيابېت كېسىلىدە قان شېكىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ئىنتايىن مۇھىم

دىيابېت كېسىلىدە قان شېكىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ئىنتايىن مۇھىم

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

دىيابېت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشتا قان شېكىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ئىنتايىن مۇھىم

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: 11-ئاينىڭ 14-كۈنى «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دىيابېت كۈنى»، بۇ يىلقى باش تېما «سېسترالار ۋە دىيابېت كېسىلى» بولۇپ، سېسترالارنىڭ دىيابېت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىدە ئوينىغان مۇھىم رولىنى تەكىتلەش مەقسەت قىلىنغان. «دىيابېت كېسىلى بىر ئىرسىيەت ۋە مۇھىت ئامىلىنىڭ ئۆز ئارا تەسىرىدىن كېلىپ چىققان مېتابولىزىملىق كېسەللىك، ئۇنىڭ سوزۇلما خاراكتېرلىك قان تومۇر ئەگەشمە كېسەللىكلىرى بىمارنىڭ ھاياتى ۋە ياشاش سۈپىتىگە زور تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ سىجىل تەرەققىي قىلىشى يۈرەك، مېڭە، بۆرەك، كۆز، پۇت قاتارلىق ئەزالارنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى ئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ شىنلىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، دىيابېت كېسىلى دۆلىتىمىزدە بولۇپلا قالماي، پۈتۈن دۇنيادا يىلمۇ يىل ئۆرلەۋاتىدۇ. دىيابېت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئارىلىقىدا قالدى. دىيابېتنىڭ ئۈچ دەرىجىلىك ئالدىنى ئېلىش مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن خەتەرلىك كىشىلەر توپىنىڭ دىيابېتقا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئازايىتىش، دىيابېتقا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىقلارغا قارىتا قان شېكىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەگەشمە كېسەللىكلەرنىڭ يۈز بېرىش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك.

ۋاڭ شىنلىڭ ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: دىيابېت كېىسلىنىڭ يۈز بېرىش مەنبەسىنى ئازايتىش كېرەك، دىيابېت كېسىلىنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك ئالدىنى ئېلىشتا، ئىشنى ئالدى بىلەن ناچار تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشتىن باشلاش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، خەتىرى يۇقىرى كىشىلەرنى بالدۇر تەكشۈرۈپ، بالدۇر دىياگنوز قويۇپ، مۇنتىزىم داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ داۋالاش كېرەك.

ۋاڭ شىنلىڭ مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئاساسىي قاتلام داۋالاش-ساقلىق ساقلاش مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى دىيابېت كېسىلىنى «بىر جايدا باشقۇرۇش»نى ياخشى ئىشلىشى كېرەك، بۇ دىيابېت كېسىلى خەۋپى يۇقىرى بىمارلارنى دەسلەپكى مەزگىلدە شاللاپ تەكشۈرۈش، دىيابېت كېسىلىنىڭ ئالدىنقى مەزگىلى ۋە سېمىز ئاغرىقلارنىڭ يېمەك-ئىچمكى ۋە ھەرىكىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش، ئۆزى قان شېكىرىنى كۆزىتىش تەشۋىق تەربىيەسى ۋە قەرەللىك ئامبۇلاتورىيەنى زىيارەت قىلىپ قايتا تەكشۈرۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ۋاڭ شىنلىڭ مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: دىيابېت كېسىلى بارلارنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى نىسبەتەن تۆۋەن بولغاچقا، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئاسان يۇقۇملىنىدۇ، دىيابېت كېىسلى بىمارلىرى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشئېڭىنى كۈچەيتىپ، قان شېكىرىنى ئۆزى تەكشۈرۈش ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى، بىنورماللىق كۆرۈلسە ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىشى كېرەك.

كوئىنلون تورى دىن ئېلىندى
مەسئۇل تەھرىر: ئالىم ھاشىم

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
تەۋە سەھىپە:
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-08-25

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-06-15 / 01:16:47

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ