ئانا سەھىپەئۇچۇر خەۋەرلەرتەتقىقات ۋە ئىزدىنىشدىئابېت كېسىلى بىمارلىرىنىڭ مېڭىسى تېخىمۇ تېز قېرىپ كېتىدىغانلىقى بايقالغان

دىئابېت كېسىلى بىمارلىرىنىڭ مېڭىسى تېخىمۇ تېز قېرىپ كېتىدىغانلىقى بايقالغان

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

پەن ـ تېخنىكا گېزىتى خەۋىرى، دوختۇرلار تورى تەرجىمىسى:

شىۋېتسىيە كارولىنسكا تېببىي ئالىي مەكتىپىدىكى ئالىملار قانات يايدۇرغان بىر تۈرلۈك ئومۇميۈزلۈك مېڭە تەسۋىر ھاسىل قىلىش تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2ـ تىپلىق دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ياكى دىئابېت كېسىلىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان بولسا، بىمارنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ «ئاستا» قېرىشى تېزلىشىدىكەن. بىراق، تەتقىقات كوللېكتىپىمۇ ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ بۇ كېسەللىكلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ئۆزگىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردىمى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىدى. ئالاقىدار ئىلمىي ماقالە «دىئابېت پەرۋىشى» 2024. تومۇز ئېيىدا چىققان ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىندى.

دىئابېت كېسىلى بىمارلىرىنىڭ مېڭىسى تېخىمۇ تېز قېرىپ كېتىدىغانلىقى بايقالغان

2-تىپلىق دىئابېت كېسىلى دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشى ئۈچۈن بىر خەتەرلىك ئامىلى ھىساپلىنىدۇ، لېكىن دىئابېت كېسىلى ۋە ئۇنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىنىڭ دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەرنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ قېرىش جەريانىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ھازىرغىچە بىر سىر بولۇپ تۇرماقتا. ئەڭ يېڭى مېڭە تەسۋىر ھاسىل قىلىش تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە ، 2 تىپلىق دىئابېت كېسىلى ۋە دىئابېت كېسىلىنىڭ ئالدىنقى مەزگىلى بىمارنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ قېرىشىنى تېزلىتىۋېتىدىكەن.

تەتقىقاتچىلار 40 ياشتىن 70 ياشقىچە بولغان 31 مىڭدىن ئارتۇق قۇرامىغا يەتكەن كىشىنى يادرو ماگنېتىك رېزونانس ( MRI ) ئارقىلىق تەسۋىر ھاسىل قىلىپ مېڭە قىسمىنى سۈرەتكە ئالغان. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇلار ماشىنا ئۆگىنىش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ بۇ كىشىلەرنىڭ چوڭ مېڭە يېشىنى مۆلچەرلىگەن. نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، دىيابېت كېسىلىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى بىمارلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ يېشى ئوتتۇرىچە ئەمەلىي يېشىدىن يېرىم ياش قېرى ئىكەن؛ 2 تىپلىق دىيابېت كېسىلى بىمارلىرىنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ يېشى ئەمەلىي يېشىدىن 2.3 ياش قېرى ئىكەن؛ دىيابېت كېسەللىكىنى كونترول قىلىشى ياخشى بولمىغان بىمارلارنىڭ چوڭ مېڭىسىدىكى يېشى ئەمەلىي يېشىدىن تۆت ياش قېرى ئىكەن.

تەتقىقات كوللېكتىپىنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ ھادىسە بىمارنىڭ نورمال قېرىش جەريانىدىن چەتنەپ كەتكەنلىكىنى ئىپادىلەيدىكەن، بۇ بەلكىم دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ دەسلەپكى ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بولۇشى مۇمكىن. بىراق، قاتناشقۇچىلاردانىڭ ئىچىدىكى چېنىقىش ئادىتى بار ھەمدە كۆپ مىقداردا تاماكا چەكمەيدىغان ياكى ھاراق ئىچمەيدىغانلارنىڭ چوڭ مېڭىسىدە قېرىش تېزلەنگەن ئەھۋال كۆرۈلمىگەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن.

مەنبە:
Diabetes, Prediabetes, and Brain Aging: The Role of Healthy Lifestyle

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-09-04

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-09-04 / 10:19:49

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ