ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
نۇرغۇن كىشىلەر ھەر يىلى پۈتۈن بەدەنلىك سالامەتلىك تەكشۈرتىدۇ، بەزىلەر سالامەتلىك تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆزىگە ئاق چۈشكەنلىكىنى بايقاپ، ئىنتايىن ئەندىشە قىلىدۇ. كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشۈش ئەمەلىيەتتە ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئەزالارنىڭ قېرىشىنىڭ نورمال ئىپادىسى، ھەر بىر ئادەم بۇ جەرياننى باشتىن كەچۈرىدۇ، ئەنسىرەپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق.
1. كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشۈشنىڭ قانداق ئىپادىسى بار؟
ئاساسلىق ئىپادىسى بولسا تەدرىجىي كۆرۈش قۇۋۋىتى تۆۋەنلەپ، نەرسىلەرنى غۇۋا كۆرىدۇ. ئەمما كۆزنىڭ نۇرغۇن كېسەللىكلىرى كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، شۇڭا كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى چوقۇم كۆزگە ئاق چۈشۈشتىن كېلىپ چىقمايدۇ.
2. كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشۈش كېسىلىگە كۆز دورىسى تېمىتسا بولامدۇ؟
نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشۈش كېسىلىنى داۋالايدىغان ئۈنۈملۈك كۆز دورىسى يوق. بازاردا ھەقىقەتەن كۆزگە ئاق چۈشۈش كېسىلىنى داۋالايدىغان كۆز دورىسى بار، لېكىن كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرلىرى بۇ كۆز دورىسىنى ئىشلىتىش جەريانىدا بۇنىڭ ئىناۋەتسىز ئىكەنلىكىنى بايقىغان. شۇڭا ئادەتتە بىمارلارغا تەۋسىيە قىلمايدۇ. ئەكسىچە، بۇ تۈردىكى كۆز دورىسى تەركىبىدە كۆپ قىسىم چىرىتمەس دورا تەركىبى بار بولۇپ، ئۇزاق مۇددەت ئىشلەتكەندە، كۆز قۇرغاقلىشىش قاتارلىق بىئاراملىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، دورىغا تايىنىۋېلىشنى پەيدا قىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا يامان سۈپەتلىك ئايلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشۈشنى كۆز دورىسى بىلەن داۋالاش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ.
3. كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشۈشنى ئوپېراتسىيە قىلغىلى بولامدۇ؟
كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشۈشنى ئوپېراتسىيە قىلغىلى بولىدۇ. نۆۋەتتە كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشۈش ئوپېراتسىيەسى تېخنىكىسى ئىنتايىن پىشىپ يېتىلگەن بولۇپ، ئوپېراتسىيە ۋاقتى ئادەتتە يېرىم سائەت ئىچىدە بولىدۇ. ئوپېراتسىيەنىڭ ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى، ئوپېراتسىيەدىن كېيىن يىپنى ئېلىۋېتىشنىڭ ھاجىتى يوق، ئوپىراتسىيەدىن كېيىنكى بىر ئىككى كۈندە كۆرۈش قۇۋۋىتى كۆرۈنەرلىك ئاشىدۇ، بىر ھەپتە ئەتراپىدا نورمال ھالەتكە قايتىدۇ.
4. كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشۈش «پىشىپ يېتىلگەندە» ئاندىن ئوپېراتسىيە قىلغىلى بولامدۇ؟
ھازىرقى ئوپېراتسىيە تېخنىكىسىدا، كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشۈش كېسىلىنى ھەر ۋاقىت ئوپېراتسىيە قىلغىلى بولىدۇ. ئەكسىچە، پىشىپ يېتىلگەندىن كېيىن ئوپېراتسىيە قىلسا، دوختۇرلارنىڭ ئوپېراتسىيە قىيىنلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ، ئوپېراتسىيە خەتىرىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. شۇڭا كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشۈش كېسەللىكى كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارسىلا ھەمدە بۇ خىل كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى تۇرمۇشتا قولايسىزلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقارسا، ھەر ۋاقىت ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالىغىلى بولىدۇ.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17703532.shtml