ئۇيغۇرچە: ئوپتىك مىكروسكوپ
ئىنگىلىزچە: Optic microscope
خەنزۇچە: 光学显微镜
تۈركچە: Optik mikroskop
مىكروسكوپ ئىنسان تەرەققىياتىدىكى مۇھىم كەشپىياتلارنىڭ بىرسى بولۇپ ، تېلېسكوپ يىراق ئاسماندىكى كۆز بىلەن ئېنىق كۆرگىلى بولمايدىغان يۇلتۇزلارنى كۆرۈپ كۈزىتىشكە ئىشلەتكەنگە ئوخشاش، مىكروسكوپ بولسا، يېنىمىزدىكى كۆز بىلەن ئېنىق كۆرگىلى بولمايدىغان ناھايىتى كىچىك جىسىم، جانلىقلارنى كۆرۈش، تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋاپ دەپ چۈشەنسىڭىز بولىدۇ. مىكروسكوپ سۆزى گىرىكچە تىببىي سۆزلۈكتىن كىرگەن بولۇپ، مىكرو- ئىنچىكە، كىچىك مەنىدە، -سكوپ بولسا كۆرۈش ئەسۋابى، تەكشۈرۈش ئەسۋابى مەنىسىدە كېلىدۇ. ئوپتىك مىكروسكوپتىكى ئوپتىك سۆزى بولسا، لاتىنچە تىببىي تىلىدىن كىرگەن بولۇپ كۆرۈش، كۆرۈش قۇۋۋىتى مەنىنى ئىپادىلەيدۇ.
مىكروسكوپ ئوپتىك مىكروسكوپ ۋە ئېلېكترونلۇق مىكروسكوپ دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە ئايرىلىدۇ. ھازىر پەن تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، بۇ ئىككى چوڭ تۈر مىكروسكوپلار ئىشلىتىش ساھەسىگە، ئىشلىتىش ئۇسۇلىغا، ۋە قوللانغان تېخنىكىلارغا قارىتا تارماق تۈردىكى مىكروسكوپلار ئىجاد قىلىنىپ چىقىشقا باشلىدى.
ئوپتىك مىكروسكوپ نۇرنىڭ ياردىمى ئاستىدا كىچىك جىسىملارنى كۆرىدۇ. ئوپتىك مىكروسكوپ مەلۇم بىر جىسىمنى 2000-2500 ھەسسىگىچە چوڭايتىپ كۆرسىتەلەيدۇ.
تۆۋەندە ئوپتىك مىكروسكوپنىڭ تۈزۈلۈشىنىڭ رەسىملىك چۈشەندۈرۈلۈشىنى كۆرەلەيسىز: