ئادەمنىڭ قەلبىنى چۈشىنىشكە ماھىر ئايال :
بۇنداق ئايال ئىنتايىن ئېھتىياتچان ،كۈزۈتۈش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولۇپ ،كۆڭلىڭىزدىكىنى بىلىۋالالايدۇ.
ئاق كۆڭۆل ئايال :
بۇنداق ئايال سىزگە ئىشەنچ ئاتا قىلالايدۇ، سىزنى ھاياتىدىكى ئەڭ قەدىردان ئادىمى دەپ قارايدۇ،ئۇ، سىزگىلا ياخشى مۇئامىلە قىلىپ قالماستىن، يەنە ئاتا-ئانا ئۇرۇق -تۇققانلىرىغا، قوشنا – خۇلۇملىرىڭىزغا ،خىزمەدداشلىرىڭىزغىمۇ ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ .
تەبىئىي گۈزەل ئايال:
بۇنداق ئاياللار گۈلدەك ياسىنىپ ،كىپىنەكتەك ئۇچۇپ يۈرىدىغانلاردىن ئەمەس ،كەيىپ-ساپالىق تۇرمۇشقا ئىنتىلمەيدۇ، قۇرۇق ئابرۇي ۋە بايلىق قوغلاشمايدۇ ،بىراق ئۆزىنى ياساپ كۆزىڭىزگە چىرايلىق كۆرۈنۈشنى بىلىدۇ ،چاكىنا ئەمەس ،ئۇ سىزنى تەبئىي مىجەز خۇلىقى ساددىلىقى بىلەن خوش قىلىدۇ.
ئەقىل -پاراسەتلىك ،نازاكەتلىك ئايال:
بۇنداق ئاياللار ناھايىتى ئەقىللىق كىلىدۇ ، ئۇلار تۇرمۇشتا مەسىلىلەرنى توغرا ھەل قىلالايدىغان بولۇپ ،سىزنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىڭىزگە ياردەم بىرەلەيدۇ.
ئۈمۈدۋار ئايال :
بۇنداق ئايال كەڭ قورساق بولىدۇ ،سىزنى سۆيگەنلىكىگە يۈرىكىدىن رازى بولىدۇ، مۇۋاپپىقىيەت قازىنالايدىغانلىقىڭىزغا، جاسارەتلىك ،پاراسەتلىك ئىكەنلىكىڭىزگە ئىشىنىدۇ.مەغلۇبىتىيىڭىزبىلەن ئۈمۈتسىزلەنمەيدۇ ،قىيىنچىلىقىڭىزنى تەڭ كۆتۆرىدۇ. جاپادا بىرگە بولىدۇ.
قەدىر-قىممىتىنى ساقلىيالايدىغان ئايال:
بۇنداق ئايال ئۆز ئوبرازىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغدايدۇ ،بىراق سىزنىڭ ئوبرازىڭىزغا قىلچە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.
ئىقتىساد باشقۇرۇشقا ماھىر ئايال :
بۇنداق ئايال سىزنى غەمدىن خالاس قىلىدۇ ،ئىشلارنى كۆڭۆلدىكىدەك ئورۇنلاشتۇرالايدۇ.
چىقىشقاق ئوچۇق ئايال :
ئۇلار كىشىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قاراپ مۇڭدىشىپ ئولتۇرالايدۇ، سىز ئۈچۈن ياخشى ئىجتىمائىي ئالاقە مۇھىتى يارىتىپ بىرەلەيدۇ..باشقىلارنى رەنجىتىپ قويمايدۇ.