ئەرلەر سۆزلەۋاتقاندا كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاشنىڭ ئۆزى بىر خىل كەڭ قورساقلىقتۇر .ئەرلەر ئاياللارغا ئۆز كەچۈرمىشلىرىنى بايان قىلىپ بېرىۋاتقان ياكى ماختىنىۋاتقان چاغلاردا ،ئاياللار مەنسىتمىسە ياكى سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىمىسا ،ئەرلەرنىڭ كۆڭلى ئازار يەپ ،ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسى زەربىگە ئۇچىرىشى مۇمكىن .
ئەرلەرنىڭ ئۆزى قىزىقىدىغان ئەھمىيەتسىز ئۇششاق ئىشلار بىلەن بەند بولۇشىغا يول قويۇشنىڭ ئۆزى بىر خىل كەڭ قورساقلىقتۇر .ئەرلەرگە دوست–بۇرادىلىرى بىلەن جەم بولۇپ كۆڭۈل ئېچىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش كېرەك.
ئەرلەرنىڭ باشقا ئاياللار بىلەن بولغان نورمال ئالاقىسىگە يول قويۇشمۇ بىر خىل كەڭ قورساقلىق .
ئەرلەر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچىرىغاندا ئۇلارغا تەسەللى ۋە مەدەت بېرىشمۇ بىر خىل كەڭ قورساقلىق .
دېمەك ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئەرلەرگە گاھىدا بىر قاتار مەغلۇبىيەت ،ئوڭۇشسىزلىق ياكى زەربىگە ئۇچىراپ تۇرىدۇ .بۇنداق چاغلاردا ئاياللارنىڭ مۇۋاپىق كەڭ قورساقلىقى ئەرلەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشى تەسەللى ۋە مەدەت .ئەرلەر ئاياللارنىڭ كەڭ قورساقلىقىنى ئىنتايىن قەدىرلەيدۇ ،ئاياللارنىڭ ئۆزىگە ھەر ۋاقىت كەڭ قورساق بولىشىغا ئېھتىياجلىق ،چۈنكى بۇ بىر خىل ئەڭ ئەمەلىي ئېھتىياجتۇر ،شۇڭا ھەر ۋاقىت ئەرلەرگە كەڭ قورساق بولۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.