ئەپ سىنىقىمىزغا قاتنىشىڭ

دوختۇرلار ئەپنىڭ ئاندروئىد نۇسخىسى ئىچكى سىناق شەكىلدە تارقىتىلدى. سىناققا قاتنىشىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!

ئانا سەھىپەئەرلەر يىگىتلەرئەرلەر ساغلاملىقىئەرلەر ھەر كۈنى بۇنى ئىچسە ئىسپېرمىنىڭ سانى ۋە ھاياتىي كۈچى تەڭلا تۆۋەنلەپ...

ئەپ سىنىقىمىزغا قاتنىشىڭ

دوختۇرلار ئەپنىڭ ئاندروئىد نۇسخىسى ئىچكى سىناق شەكىلدە تارقىتىلدى. سىناققا قاتنىشىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!

ئەرلەر ھەر كۈنى بۇنى ئىچسە ئىسپېرمىنىڭ سانى ۋە ھاياتىي كۈچى تەڭلا تۆۋەنلەپ كېتىدۇ

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

نۇرغۇن كىشىلەر تاتلىق ئىچىملىكلەرنى «خۇشاللىق سۈيى» دەپ ئاتايدۇ، ھەرىكەت قىلىپ، تويغۇچە غىزالانغاندىن كېيىن، كولا، ئەتكەن چاينى بىراقلا ئىچىۋەتسە ھەقىقەتەن پەيزى بولىدۇ، لېكىن بۇنىڭ بەدىلىمۇ ناھايىتى قىممەت. تاتلىق سۇنى قولىدىن چۈشۈرمەسلىك سېمىزلىك، چىشنى قۇرت يېيىش، دىيابېت قاتارلىق خەتەرلەرنى ئاشۇرۇپلا قالماي، يېقىندا شىۋېيتسارىيە «ئوزۇقلۇق ماددىلىرى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر پارچە ئىلمىي ماقالىدە يەنە قەنت تەركىبلىك ئىچىملىكلەرنىڭ ئەرلەرنىڭ پەرزەنتلىك بولۇش ئىقتىدارىغا ئەجەللىك زەربە بېرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىلگەن.

ئەرلەر ھەر كۈنى بۇنى ئىچسە ئىسپېرمىنىڭ سانى ۋە ھاياتىي كۈچى تەڭلا تۆۋەنلەپ كېتىدۇ

بۇ تەتقىقاتنى سىنگاپور دۆلەتلىك داشۆسى تېببىي شۆيۈەنىدىكى ئالىملار قانات يايدۇرغان بولۇپ، ئۇلار «قەنتلىك ئىچىملىك» ئىسپېرما ساغلاملىقى (كىلىماتى)غا مۇناسىۋەتلىك 11 تۈرلۈك تەتقىقاتنى ئىنچىكە ئانالىز قىلغان، نەتىجىدە بايقىلىشىچە، ئەرلەر تاتلىق ئىچىملىكلەرنىڭ ئىستېمال مىقدارى قانچە كۆپ بولسا، ئىسپېرما سانى شۇنچە تۆۋەن، ھاياتىي كۈچى شۇنچە ناچار، فورماتسىيەلىك ئۆزگىرىش شۇنچە ئېغىر بولىدۇ. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، ئىچمەيدىغان كىشىلەرگە سېلىشتۇرغاندا، ھەر ھەپتىدە يەتتە ئىستاكاندىن ئارتۇق قەنتلىك ئىچىملىك (كاربونات كىسلاتالىق ئىچىملىك، مېۋە شەربىتى، ئىقتىدارلىق ئىچىملىك، ئەتكەن چاي قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ھەر ئىستاكانى 350 مىللىلىتىر ئەتراپىدا) ئىچكەنلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئىسپېرما مىقدارى %6 ئازىيىدۇ. ھەر ھەپتىدە ئۈچ قېتىم كولا ئىچىدىغان كىشىلەرنىڭ ئىسپېرمىسىنىڭ ىمى%12.5 كىچىكلەيدىكەن. ئىسپېرمىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئىسپېرمىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۇرۇقلىنىش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم كۆرسەتكۈچ بولۇپ، تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، ھەر كۈنى قەنت تەركىبلىك ئىچىملىكلەرنى ئىچىدىغان ئەرلەرنىڭ ئىسپېرمىنىڭ ھاياتىي كۈچى تۆۋەن بولۇش خەۋپى%23 ئاشىدىكەن، ئورۇق ئەرلەر ئىچىدە بۇ خىل تەسىرى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ. تاتلىق سۇ يەنە ئىسپېرمىنىڭ شەكلىنى بۇزىدۇ، ھەر بىر بوتۇلكا 500 مىللىلىتىر كولانى ئىچكەندە، ئىسپېرمىدىكى نورمال ئىسپېرمىنىڭ نىسبىتى %0.5 تۆۋەنلەيدۇ.

قەنت تەركىبى بار ئىچىملىكلەر كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ئىسپېرما سۈپىتىنى قورشاپ ھۇجۇم قىلىدۇ. بىرىنچىدىن، شېكەرنى زىيادە كۆپ قوبۇل قىلغاندا پۈتۈن بەدەندە ئوكسىدلىنىش سېزىمچانلىق رېئاكسىيەسى يۈز بېرىپ، ئىسپېرما ھۈجەيرە پەردىسى زەخىملىنىپ، DNA پارچىلىنىپ كېتىش نىسبىتى ئېشىپ كېتىپ، ئىسپېرمىنىڭ سۈپىتى ۋە تۇغۇش نەتىجىسىگە بىۋاسىتە تەسىر يېتىدۇ. ئاستا خاراكتېرلىك ئوكسىدلىنىش سېزىمچانلىقى يەنە ھۈجەيرىنىڭ قېرىشىنى تېزلىتىپ، ئىسپېرمىنى «بالدۇر قېرىتىۋېتىدۇ».

ئىككىنچىدىن، شېكەرلىك ئىچىملىكلەرنىڭ قوبۇل قىلىنىشى تورمۇزلىغۇچى ماددا B، تۇخۇم پۈۋەكچىلىرىنىڭ ھاسىل بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرگۈچى ماددا ( FSH )، ئېسترادىئول قاتارلىق ھورمۇنلارنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇ ھورمۇنلارنىڭ قالايمىقانلىشىشى ئىسپېرمىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىپ، سانىنى ئازايتىۋېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇزاق مۇددەت شېكەرنى زىيادە كۆپ قوبۇل قىلىش سېمىزلىك، «ئۈچ يۇقىرى» قاتارلىق ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇلارمۇ مەنى زەخىملەندۈرىدىغان خەتەرلىك ئامىللاردۇر.

يېمەك – ئىچمەكنىڭ كۆپىيىش ساغلاملىقىغا بولغان تەسىرىنى ئازايتىش ئۈچۈن، مەيلى چوڭلار ياكى بالىلار بولسۇن، شېكەرنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى چەكلەش كېرەك. «ئېلىمىز ئاھالىلىرىنىڭ غىزالىنىش كۆرسەتمىسى (2022)» گە ئاساسلانغاندا، ھەر كۈنى قوبۇل قىلىنىدىغان شېكەر مىقدارى 50 گرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، ئەڭ ياخشىسى 25 گرامدىن تۆۋەن كونترول قىلىنىشى كېرەك. كۆپ ئۇچرايدىغان كولا، ئەتكەن چاي، مېۋە شەربىتى، تەنھەرىكەت ئىچىملىكى، قېتىق ۋە بەزى چاي ئىچىملىكلىرىمۇ قەنت تەركىبى يۇقىرى ئىچىملىكلەر بولۇپ، ئۇنىڭدىن ساقلىنىش كېرەك.

مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2025/05/20870425.shtml

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
تەۋە سەھىپە:
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2026-02-12

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2026-02-12 / 07:00:03

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

تەييارلىغان مەزمۇنلىرىمىزنى رۇخسەتسىز، قانۇنسىز سودا ئىشلىرىغا ئىشلەتمەڭ. بولمىسا قانۇنى ۋە ۋىجدانى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ