ئانا سەھىپەئەرلەر يىگىتلەرئەرلەر ساغلاملىقىجىنسىي ئەزانىڭ ئۆلچىمى قانچىلىك بولسا نورمال بولىدۇ؟

جىنسىي ئەزانىڭ ئۆلچىمى قانچىلىك بولسا نورمال بولىدۇ؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

[sg_popup id=867]
ئەسلى تېما:

زەكەرنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقى قانچە بولسا نورمال؟

ئېرقنىڭ ئوخشىماسلىقى ھەم ھەر ئادەمنىڭ ئوخشىماسلىقى بىلەن زەكەرنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ

 جىنسىي ئەزانىڭ ئۆلچىمى قانچىلىك بولسا نورمال بولىدۇ؟

دۆلىتىمىزدىكى كۆپلىگەن مۇتەخخەسىسلەرنىڭ تەكشۈرۈشى ھەم سىتاتىسكىلىشى ئارقىسىدا شۇنى بايقىدۇقكى ، ئادەتتە زەكەرنىڭ قاتمىغان ۋاقىتتىكى ئۇزۇنلۇقى 4~6 سانتىمىتىر ئەتراپىدا بولسا نورمال بولىدۇ . بەزىلەرنىڭ 10~11 سانتىمىتىر ئۇزۇنلۇقتا بولۇش ئەھۋاللىرىمۇ بولىدۇ . بۇلارنىڭ ھەممىسى نورمال ئەھۋال .

زەكەر قاتقان ۋاقىتتىكى ئۇزۇنلۇقى 10~15 ئەتراپىدا بولسا نورمال . لېكىن بۇلار ئۇزۇنلۇق ھەممە ئادەمگە ئوخشاش دىيىشكە بولمايدۇ .

زەكەرنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقى يەنە ۋاقىت ، پەسىل ، ئوخشىمىغان روھىي كەيپىيات ، بەدەن ساغلاملىق ئەھۋالى ، تېمپىراتۇرا…قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك . ئادەتتە ، يازدا قىشقا قارىغاندا سەل ئۇزۇن بولىدۇ ، قىشتا سوغۇق ھاۋانىڭ غىدىقلىشى بىلەن سەل قىسقا بولىدۇ ، ئەگەر زەكەرنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقىنى تەكشۈرگەندە ، ئۆي ئىچى تېمپىراتۇرىسى تۆۋەن بولسىمۇ زەكەر قىسقا بولىدىغان ئەھۋاللار بولىدۇ .

ئەگەر تەكشۈرگۈچى زىيادە ئورۇق ياكى زىيادە سېمىز بولسىمۇ ، زەكەر قىسقا بىلىنىپ قالىدۇ . چۈنكى زىيادە سېمىز بولغاندا زەكەر تېرە ئاستى مايلىرى بىلەن قاپلىنىپ قالىدۇدە ، سىرتقا چىققان قىسمى قىسقىراق بولۇپ قالىدۇ .

زەكەرنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقىنى ئۆلچىگەندە ، سىزغۇچنى زەكەرنىڭ تۈۋىگە تاقاپ ، ئاندىن سۈيدۈك چىقىش يولىغىچە بولغان ئارىلىقنى سانتىلىسا بولىدۇ . بۇ چاغدىكى سانلىق ئۇچۇر بىر قەدەر توغرا بولىدۇ .

بەزى كىشىلەر يۇقارقى ئۆلچەمدىن چەتنەپ كەتسە ، زىيادە روھىي بىسىم قىلىۋالىدۇ . بۇنىڭدىن ئەنسىرەش ھاجەتسىز . ئادەتتە زەكەر نورمال قاتسا ، نورمال جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگىلى بولسا ، ئىسپىرما نورمال چىقسىلا بۇلارنىڭ ھەممىسى نورمال ھېسابلىنىدۇ .

 
يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-05-18

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-09-30 / 02:09:42

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ