بوۋاقلارنىڭ ئەمەلي ئەھۋالىغا ئاساسەن قەدەممۇقەدەم ئىلگىرىلەش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھەزىم قىلالماسلىقى، قۇسۇشى ياكى ئىچى سۈرۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم
ئادەتتە بىر خىل يېمەكلىكنى ئاز مىقداردا بېرىشتىن باشلاپ ئاستا-ئاستا مىقدارىنى كۆپەيتىش كېرەك.
مەسىلەن، تۆت ئايلىق بولغان بوۋاققا تۇخۇم سېرىقى ياكى سۈتلۈك تورت بېرىشكە بولىدۇ. ئەمما بۇ ئىككى خىل يېمەكلىكنى بىرلا ۋاقىتتا بېرىشكە بولمايدۇ. ئالدى بىلەن تۇخۇم سېرىقىنى بېرىپ كۆنگەندىن كېيىن، سۈتلۈك تورت بەرسە بولىدۇ.
ئىككى خىل يېمەكلىكنى تەڭلا بېرىشكە باشلىسا بالا ھەزىم قىلالمايدۇ. بىر خىل يېمەكلىككە كۆنگەندىن كېيىن يەنە بىر خىلىنى قوشۇش، دەسلەپتە سۇيۇق بېرىش، ئاستا-ئاستا قويۇقلاندۇرۇپ بېرىش لازىم.
بالىنىڭ قورسىقى ئاچقاندا ئاۋۋال يېمەكلىك بېرىپ، ئاندىن سۈت ئەمدۈرسە بوۋاق ئاسان قوبۇل قىلالايدۇ. ئەگەر قوشۇمچە يېمەكلىك قوشۇپ بەرگەندىن كېيىن بالىدا ئىچ سۈرۈش ياكى چوڭ تەرىتىدە ھەزىم قىلالمىغان ئالامەت كۆرۈلسە، قوشۇمچە يېمەكلىكنى ۋاقتىنچە توختىتىپ، ئەھۋال ياخشىلانغاندىن كېيىن ئاز-ئازدىن قوشۇپ بېرىش لازىم.
بالا ئالتە ئايغا توشقاندا سۈت يېمەكلىكلىرىنى ئاساسىي يېمەكلىك قىلىشتىن ئاشلىق يېمەكلىكلىرىنى ئاساسىي يېمەكلىك قىلىشقا ئۆتسە بولىدۇ. شۇڭا بۇ مەزگىلدە ئانا سۈتى يېتىشمىسە، كالا سۈتىنى كۈنىگە 500 گرامدىن بەرسە بولىدۇ.
( مۇھەررىر : ئامانگۈل )