ئامېرىكىدىكى تەتقىقاتچىلار ئېلان قىلغان تەتقىقات دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدى : ‹‹ دائىم يېتەرلىك ئۇيقۇنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرىدىغان ئادەمگە سېلىشتۇرغاندا ، ئۇيقۇسىزلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئەرلەرنىڭ بالدۇر كېتىپ قېلىش خەتىرى چوڭراق بولىدۇ
![ئۇيقۇسىزلىق ئەرلەرنىڭ ئۆمرىگە سېلىنغان ئىكەك](https://dohturlar.com/wp-content/uploads/2020/10/uyqusizliq-erlerning-omrige-selinghan-ikek.jpg)
ئاياللاردا بەلكىم تۇغۇلۇشىدىلا ئۇيقۇسىزلىققا تاقابىل تۇرالايدىغان ئىقتىدار بولسا كېرەك ، ئۇيقۇسىزلىق ئۇلارنىڭ ئۆمرىگە ھېچقانداق زىيان سالالمايدۇ›› .
تەتقىقاتچىلار 1000 ئايال ۋە 741 ئەرنىڭ ئۇيقۇ ئەھۋالىنى 14 يىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق يازغان بۇ دوكلاتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى : ‹‹ بۇ ئۇيقۇسىزلىقنىڭ ئەر ۋە ئاياللارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىدە پەرق بارلىقىنىڭ تۇنجى قېتىم بايقىلىشى .
ئۇيقۇسىزلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئەرلەرگە يۈرەك كېسىلى ، يۇقىرى قان بېسىم قاتارلىق جانغا زامىن كېسەللەردىن چوقۇم ھوشيار بولۇش ھەققىدە تەكلىپ بېرىش بەك مۇھىم ›› .