ئانا سەھىپەكېسەللىكلەرئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلىرىئوخشىمىغان ئەسۋاپلاردا قان شىكەر قىممىتى نىمە ئۈچۈن ئوخشاش بولمايدۇ؟

ئوخشىمىغان ئەسۋاپلاردا قان شىكەر قىممىتى نىمە ئۈچۈن ئوخشاش بولمايدۇ؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

بەزىلىرىمىز سېتىۋالغان قاندىكى شىكەر قەنت ماددىسى دەرىجىسىنى ئۆلچەيدىغان ئەسۋاپ 90،100،110،150 قاتارلىق سانلارنى كۆرىمىز. ئەمما يەنە بەزىلىرىمىز نورمالدا قاندىكى قەنت ماددىسىنى 5، 5.5، 6 دىگەندەك سانلار بولىدىغانلىقىنى بىلىمىز. بۇ يەردە بىرەر خاتالىق بارمۇ نىمە؟ ياكى بازاردا سېتىۋالغان ئەسۋاب بۇزۇقمىدۇ؟ ۋەياكى قاندىكى شىكەر بەكلا يۇقىرى بولۇپ كەتكەنمىدۇ؟

بەك ئەنسىرەپ كەتمەڭ. بۇنىڭ سەۋەبى، بىرلىكنىڭ ئوخشىماسلىقىدا.

يەنى، ۋەتىنىمىزدىكى ۋاقىتتا نورمالدا mmol/L نى بىرلىك قىلغان ئاساستا قاندىكى شىكەر ماددىسىنى ئۆلچەيدۇ.

چەتئەلدە، بولۇپمۇ ياۋرۇپا، تۈركىيە، ئەرەپ، كانادا لاردا… mg/dL نى بىرلىك قىلغان ئاساستا قاندىكى شىكەر ماددىسىنى ئۆلچەيدۇ. بۇ دۆلەتلەردىكى دوختۇرلارمۇ مۇشۇ mg/dL غا كۆنەگلىك.

ئەمما نەتىجىدە ئالماشتۇرۇپ كەلسە، ئىككىسى ئوخشاش نەتىجە بولۇپ چىقىدۇ.

يەنى mg/dL نى بىرلىك قىلغان نەتىجىنى 18 گە بۆلسىڭىز mmol/L بولۇپ چىقىدۇ.

مەسىلەن: سىز تۈركىيەدە بىر قان شىكەر ئۆلچەش ئەسۋابىنى سېتىۋالدىڭىز. قان شىكىرىڭىزنى ئۆلچىدىڭىز، 85 چىقتى. بۇ چاغدا تەمتىرەپ كەتمەي، 18 گە بۆلسىڭىز، 4.7 چىقىدۇ. ئەمدى يۈرىكىڭىز جايىغا چۈشكەندۇ؟

سىزگە تېخىمۇ ئاسانلىق تۇغدۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى «قان شىكەر قىممەت بىرلىكى ئالماشتۇرۇش ماشىنىسى» نى ياساپ چىقتۇق. ئەگەر 80، 90، 100، 130،150 دىگەندەك سانلارنى كۆرسىڭىز سول تەرەپكە تولدۇرۇڭ. ئوڭ تەرەپتە سىزگە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك mmol/L نەتىجىسىنى ھېساپلاپ چىقىرىپ بېرىدۇ.

قان شىكەر قىممەت بىرلىكى ئالماشتۇرۇش ماشىنىسى  – ئۇيغۇرچە يېزىق
https://dohturlar.com/sinaq/qan-shiker-qimmiti-birliki-almashturush-mashinisi.html
قان شىكەر قىممەت بىرلىكى ئالماشتۇرۇش ماشىنىسى  – كىرىل يېزىقى

تۆۋەندىكى تىزىملىكتە، ئىككى خىل بىرلىكتىكى قان شىكەر قىممەتلىرىنىڭ سىلىشتۇرمىسى. پايدىلىنىپ قالغايسىلەر.

mmol/L mg/dl mmol/L mg/dl mmol/L mg/dl
0.06 1 6.7 120 16.0 288
0.28 5 7.0 126 16.6 300
0.55 10 7.2 130 17.0 306
1.0 18 7.5 135 18.0 325
1.5 27 7.8 140 19.0 342
2.0 36 8.0 145 20.0 360
2.2 40 8.3 150 20.8 375
2.5 45 8.9 160 22.2 400
2.8 50 9.0 162 23.0 414
3.0 54 9.4 170 24.0 432
3.3 60 10.0 180 25.0 450
3.9 70 10.5 190 26.4 475
4.0 72 11.0 196 27.7 500
4.4 80 11.1 200 30.0 540
4.7 85 12.0 216 33.3 600
5.0 90 12.5 225 38.8 700
5.5 100 13.9 250 40.0 720
6.0 106 14.4 260 44.4 800
6.1 110 15.0 270 50.0 900

 

قان شىكەر قىممىتى نىمە ئۈچۈن مۇھىم؟

ھامىلىلەردە قان شىكەر قىممىتى قانچە ئەتراپىدا بولۇش كېرەك؟

ساغلام كىشىلەرنىڭ قان شىكەر قىممىتى قانچە بولۇشى كېرەك؟

بۇ سوئاللارغا كېيىنكى ماقالىلىرىمىزدە تەپسىلىي جاۋابىنى بېرىمىز. سالامەت بولۇڭ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-01-06

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-01-06 / 12:55:40

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ