ئانا سەھىپەساغلاملىقئادەت ۋە ساغلاملىقئەخلەت يېمەكلىكلەر ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى 4 كۈن ئىچىدىلا بۇزىۋېتەلەيدىكەن

ئەخلەت يېمەكلىكلەر ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى 4 كۈن ئىچىدىلا بۇزىۋېتەلەيدىكەن

شىمالىي كارولىنا ئۇنۋېرسىتىتى تىببىي ئىنىستىتۇتىنىڭ «نىئورون» ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان يېڭىلىق ياراتقۇچ تەتقىقاتىدا، ئەخلەت يېمەكلىكلەرنىڭ مېڭىنىڭ خاتىرە مەركىزىنى تېزلىكتە قايتا تۈزۈپ چىقىپ، بىلىش ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى ئاشكارىلاندى. بۇ تەتقىقات يېمەك-ئىچمەكنىڭ مېڭە ساغلاملىقىغا بولغان چوڭقۇر تەسىرىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، سېمىزلىك كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنىڭ چېكىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يېڭى يوللارنى ئېچىپ بېرىشى مۇمكىن.

ئەخلەت يېمەكلىكلەر ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى 4 كۈن ئىچىدىلا بۇزىۋېتەلەيدىكەن

 

تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، تىپىك غەربچە ئەخلەت يېمەكلىكلەر (مەسىلەن، پىشلاقلىق ھامبۇرگ ۋە مايلىق كاۋاپلار) دىكى تويۇنغان ياغ مىقدارىغا تەقلىد قىلىنغان يۇقىرى مايلىق يېمەك-ئىچمەك، مېڭىنىڭ سەقەنقۇر رايونى (hippocampal region 海马区) دىكى CCK ئارىلىق نېرۋون دەپ ئاتىلىدىغان ئالاھىدە مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ گلىكوزا قوبۇل قىلىشىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىپ، ئۇلارنى ھەددىدىن زىيادە ئاكتىپلاشتۇرۇۋېتىدىكەن. بۇ نورمالسىز ھەرىكەت، قىسقا ۋاقىتلىق مۇشۇنداق يېمەك-ئىچمەككە دۇچ كەلگەندىمۇ، سەقەنقۇر رايونىنىڭ خاتىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدۇ. مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئېنېرگىيە مېتابولىزمىنى تەڭشەيدىغان PKM2 ئاقسىلى بۇ جەرياندا ھالقىلىق رول ئوينايدۇ.

شىمالىي كارولىنا ئۇنۋېرسىتىتى تىببىي ئىنىستىتۇتىدىن پروفېسسور سوڭ مۇنداق دېدى: «بىز يېمەك-ئىچمەك ۋە مېتابولىزىمنىڭ مېڭە ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلەتتۇق، ئەمما سەقەنقۇر رايونىدىكى CCK ئارىلىق نېرۋونلىرىنىڭ قىسقا مۇددەتلىك يۇقىرى مايلىق يېمەك-ئىچمەكنىڭ ئۇلارنىڭ ئىقتىدارىغا بىۋاسىتە زىيان سالىدىغان دەرىجىدە سەزگۈر بولىشىنى ئويلىمىغانىدۇق. ئەڭ ھەيران قالارلىقى شۇكى، بۇ ھۈجەيرىلەر گلىكوزا تەمىناتىنىڭ ئازىيىشىغا ناھايىتى تېز ئىنكاس قايتۇرىدىكەن، بۇ ئۆزگىرىشلا ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىغا زىيان يەتكۈزۈشكە يېتەرلىك ئىكەن».

تەتقىقاتچىلار چاشقان مودېللىرىنى ئەخلەت يېمەكلىككە ئوخشايدىغان يۇقىرى مايلىق يېمەك-ئىچمەك بىلەن بېقىپ، ئاران تۆت كۈن ئىچىدە مېڭىنىڭ خاتىرە مەركىزىدىكى CCK ئارىلىق نېرۋونلىرىنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئاكتىپلاشقانلىقىنى كۆزەتتى. بۇ تېز ئۈنۈم ئورۇقلاش ياكى دىئابىت كېسىلى پەيدا بولۇشتىن خېلى بۇرۇن يۈز بەرگەن بولۇپ، خاتىرە يوللىرىنىڭ يېمەك-ئىچمەككە قانچىلىك سەزگۈر ئىكەنلىكىنى ۋە ئوزۇقلۇقنىڭ مېڭە ساغلاملىقىنى ساقلاشتىكى ھالقىلىق رولىنى تەكىتلەيدۇ.

بۇ تەتقىقات يەنە تويۇنغان ياغقا يۇقىرى مايلىق يېمەك-ئىچمەكنىڭ بالدۇر قېرىشلىق دېۋەڭلىك كېسىلى (alzheimer’s disease) گە ئوخشاش نېرۋا چېكىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. قانداقلا بولمىسۇن، مېڭىدىكى گلىۇكوزا سەۋىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نېرۋونلارنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئاكتىپلىشىشىنى ئۈنۈملۈك باستۇرۇپ، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنىڭ كەملىكىنى تۈزىتەلەيدۇ. يېمەك-ئىچمەكنى تەڭشەش ياكى دورىلار ئارقىلىق ئارىلىشىش سېمىزلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك نېرۋا چېكىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردەم بېرەلەيدۇ. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى، يۇقىرى مايلىق يېمەك-ئىچمەكتىن كېيىن ئارىلاپ روزا تۇتۇش CCK ئارىلىق نېرۋونلىرىنىڭ پائالىيىتىنى نورماللاشتۇرۇشقا ۋە ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى ياخشىلاشقا يېتەرلىك بولغان.

پروفېسسور سوڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: «بۇ تەتقىقات يېمەك-ئىچمەكنىڭ مېڭە ساغلاملىقىغا قانچىلىك تېز تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ۋە روزا تۇتۇش ياكى نىشانلىق داۋالاشقا ئوخشاش بالدۇر ئارىلىشىش ئارقىلىق ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى قوغداش ۋە سېمىزلىك ھەمدە مېتابولىزم قالايمىقانچىلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۇزۇن مۇددەتلىك بىلىش مەسىلىلىرىنىڭ خەۋپىنى ئازايتقىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.ئۇزۇن مۇددەتتە، بۇ خىل ئىستراتېگىيەلەر مېتابولىزم ئىقتىدارىنىڭ قالايمىقانلىشىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بالدۇر قېرىشلىق دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان ئىجتىمائىي يۈكىنى يېنىكلىتىپ، ساغلاملىقنى ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش ئۈچۈن يېڭى ئۇسۇللارنى تەمىنلەيدۇ».

تەتقىقات گۇرۇپپىسى بۇ نىشانلىق داۋالاش ئۇسۇللىرىنى ئىنسانلارغا قوللانغىلى بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى ۋە يۇقىرى مايلىق يېمەك-ئىچمەكنىڭ بالدۇر قېرىشلىق دېۋەڭلىك كېسىلى خەۋپىگە قانداق تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەتقىق قىلىشنى پىلانلىماقتا. كەلگۈسىدىكى تەتقىقاتلاردا يەنە مېڭىدىكى گلىۇكوزا سەۋىيەسىنى مۇقىملاشتۇرىدىغان يېمەك-ئىچمەك ئەندىزىسىگە ئوخشاش تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئاساس قىلغان ئارىلىشىشلارنىڭ قوغداش رولى بار-يوقلۇقى تەكشۈرۈلىدۇ.


 

مەزكۇر ئىلمىي تەتقىقات ، ئامېرىكا شىمالىي كارولىنا ئۇنىۋېرسىتېتى تىببىي ئىنىستىتۇتى (UNC School of Medicine) تەرىپىدىن  2025-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى نوپۇزلۇق نېرۋا ئىلمى ژورنىلى «نىئورون» (Neuron) دا ئېلان قىلىنغان. ماقالىنىڭ تېمىسى «گلىۇكوزا تەرىپىدىن تورمۇزلانغان دېڭىز ئېتى رايونىدىكى CCK ئارىلىق نېرۋونلىرىنى نىشانلاش ئارقىلىق يېمەك-ئىچمەك كەلتۈرۈپ چىقارغان سېمىزلىكتىكى بىلىش ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش» (Targeting glucose-inhibited hippocampal CCK interneurons prevents cognitive impairment in diet-induced obesity).

ئادرىس : Neuron Journal Article

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2025-10-05

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2025-10-05 / 10:41:25

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

تەييارلىغان مەزمۇنلىرىمىزنى رۇخسەتسىز، قانۇنسىز سودا ئىشلىرىغا ئىشلەتمەڭ. بولمىسا قانۇنى ۋە ۋىجدانى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ