ئەيدىز كېسەللىكى ۋە ئەخلاق

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ  ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻰ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﺴﺎ ﮬﻪﻣﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺯﻩﮬﻪﺭﻟﯩﻚ ﭼﯧﻜﯩﻤﻠﯩﻚ ﭼﯧﻜﯩﺶ، ﻧﯩﻜﺎﮬﺪﯨﻦ  ﺳﯩﺮﺕ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﯩﻐﺎﻥ ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ( ﺯﯨﻨﺎﺧﻮﺭﻟﯘﻕ )، ﮬﻪﺩﺩﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﮬﻪﻣﺠﯩﻨﯩﺴﻼﺭ  ﺋﯚﺯ – ﺋﺎﺭﺍ ﺑﻮﺯﯗﻗﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻪﺷﻪﺩﺩﯨﻲ ﺑﻪﺩﻗﯩﻠﯩﻘﻼﺭ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ

ﺷﯘ ﯞﻩﺟﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻣﯘ ﺗﯘﻳﯘﺷﻤﯩﻐﺎﻥ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻰ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﺎﺷﯩﻘﯩﭽﻪ ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﻤﯩﺰ.

ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﯩﭻ ﺋﺎﻏﺮﯨﺘﯩﺶ، ﮬﯧﺴﺪﺍﺷﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﻛﯚﻳﯜﻧﯜﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﻛﯚﺯﯨﺪﻩ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻧﯩﺠﺎﺳﻪﺗﺘﯩﻦ ﺳﻪﺳﻜﯩﻨﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺳﻪﺳﻜﯩﻨﯩﺶ، ﻛﯚﺯﮔﻪ ﺋﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﺪﻩ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﻤﯩﺰ. ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯩﺮﺩﯨﺸﯩﭗ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﻟﯩﺐ ﺗﯩﯟﯨﺸﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺗﯜﮔﯜﻝ ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﮔﻮﻳﺎﻛﻰ ﺟﯩﻨﺪﯨﻦ ﻗﺎﭼﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﻗﺎﭼﯩﻤﯩﺰ، ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﻰ ﮬﻪﻕ ﺩﯦﻴﯩﺸﯩﭗ، ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺷﻪﺭﯨﻤﻪﻧﺪﯨﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺟﺎﺯﺍﺳﻰ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﭖ، ﺋﯚﻟﻤﻪﻛﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺗﻪﭘﻤﻪﻙ ﻗﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ.

ﻛﺎﻟﻠﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺳﻪﻟﮕﯩﻨﻪ ﺳﯩﻠﻜﯩﯟﯦﺘﯩﭗ، ﻛﯚﺭﯛﺵ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺧﯩﺮﻩﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ ﻗﻮﻳﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﮬﯧﺴﻴﺎﺕ ﭘﻪﺭﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﻗﺎﻳﺮﯨﯟﯦﺘﯩﭗ، ﺋﻪﻗﯩﻞ ﻛﯚﺯ ﺋﻪﻳﻨﯩﻜﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺭﺍﯞﺭﯗﺱ ﺗﺎﻗﺎﭖ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺑﺎﻗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻰ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯖﻼ ﺯﻩﮬﻪﺭﻟﯩﻚ ﭼﯧﻜﯩﻤﻠﯩﻚ ﭼﯧﻜﯩﺶ، ﺯﯨﻨﺎﺧﻮﺭﻟﯘﻕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﻰ ﺑﯘ ﺟﺎﻧﺌﺎﻟﻐﯘﭺ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻜﻪ ﻣﯘﭘﺘﯩﻼ ﺑﻮﻟﯘﺷﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺧﯧﻠﻰ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﻟﯩﻐﺎ ﻳﯘﻗﯘﺵ، ﻗﺎﻥ ﺳﺎﻟﺪﯗﺭﯗﺵ، ﻛﯚﺗﻤﯩﮕﻪﻥ ﺯﻩﺧﯩﻤﻠﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﮬﺎﺩﯨﺴﯩﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﺍﭖ ﻳﯘﻗﺘﯘﺭﯞﯦﻠﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯚﭖ ﺧﯩﻞ ﻳﻮﻝ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﯩﻜﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﻳﻤﯩﺰ. ﻳﻪﻧﯩﻤﯘ ﺳﯩﻨﭽﻰ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﻣﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ، ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﺑﯩﭽﺎﺭﻩ ﺑﯩﻤﺎﺭﻻﺭ ﺋﺎﺭﺳﯩﺪﯨﻦ ﻧﻰ – ﻧﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﺍﭘﺎﺩﺍﺭﻟﯩﻘﻨﻰ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ، ﺋﯚﺯ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﮕﻪ ﻣﯩﺴﻠﯩﺴﯩﺰ ﺳﺎﺩﯨﻖ، ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺟﯜﭘﺘﯩﮕﻪ ﺑﯧﻐﯩﺸﻠﯩﻐﺎﻥ، ﮬﻪﺗﺘﺎﻛﻰ ﺋﯘ ﺋﻪﺟﻪﻝ ﭼﺎﯕﮕﯩﻠﯩﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻤﯘ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﯧﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﻡ ﻧﯧﺮﻯ ﺳﯩﻠﺠﯩﻤﯩﻐﺎﻥ، ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﯩﻠﻤﻪﺳﻠﯩﻚ، ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﻰ ﺑﯘ ﻧﯩﺠﯩﺲ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻜﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﻰ؛ ﺗﯧﺨﻰ ﻳﻮﺭﯗﻕ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﯚﺯ ﺋﯧﭽﯩﭗ، ﮬﯧﭽﯩﺒﯩﺮ ﺋﻪﺧﻼﻗﺴﯩﺰ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﯚﻟﮕﯩﺮﻩﻟﻤﯩﮕﻪﻥ، ﺳﻪﺑﯩﻲ ﮔﯜﺩﻩﻙ ﻧﺎﺭﯨﺴﯩﺪﻩ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﻰ؛ ﺋﻪﻗﻠﯩﺴﯩﺰ، ﯞﺍﭘﺎﺳﯩﺰ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮬﺎﻟﯩﺪﯨﻦ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭘﺎﻱ – ﭘﯧﺘﻪﻙ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻛﯚﺗﻤﯩﮕﻪﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﻳﻮﻟﯘﻗﯘﭖ ﺑﯘ ﻣﻪﺭﻩﺯﻧﻰ ﻳﯘﻗﺘﯘﺭﯞﺍﻟﻐﺎﻥ ﺟﺎﭘﺎﻛﻪﺵ ﺋﺎﺗﺎ – ﺋﺎﻧﯩﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﻣﯩﺰ. ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ، ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﻪﺧﻼﻗﺴﯩﺰ ﺷﻪﺭﯨﻤﻪﻧﺪﻩ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺩﯦﻴﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻨﻤﯘ؟! ﺋﻪﺟﯩﺒﺎ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﻪﻥ – ﻣﻪﻥ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺗﻪﻗﯟﺍﺩﺍﺭ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﺘﯩﻐﯘ؟! ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﯘ ﻗﺎﺯﺍﻱ ﺋﺎﭘﻪﺕ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﮔﯘﻧﺎﮬﯩﻨﯩﯔ ﺟﺎﺯﺍﺳﻰ….؟!!

ﺗﯧﺒﺒﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ، ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﻗﻮﺯﻏﺎﺗﻘﯘﭼﻰ ﺋﺎﻣﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﻮﺭﮔﺎﻧﯩﺰﻣﯩﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯧﺒﺎﺭﻩﺕ ﺧﺎﻻﺱ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﺪﻩ ﺋﻪﺧﻼﻗﻘﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﻥ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﺎﺕ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺋﯘﻗﯘﻣﻠﯩﺮﻯ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺷﯘﻧﻰ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﻪﭖ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﻛﯧﺮﻩﻛﻜﻰ، ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻰ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﯗﺳﯩﺪﯨﻦ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﻠﻤﯩﺶ – ﺋﻪﺗﻤﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﺧﻼﻗﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ﮬﻪﺗﺘﺎﻛﻰ ﻗﺎﻧﯘﻧﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﯨﺪﯨﻤﯘ ﺑﯩﺰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺧﺎﺗﺎ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﻪﻳﯩﭙﻠﯩﻴﻪﻟﻪﻳﻤﯩﺰ . ﺋﻪﻣﻤﺎ ، ﻛﯧﺴﻪﻟﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺋﻪﺧﻼﻗﺴﯩﺰ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﻏﻼﭖ ، ﺑﯩﻤﺎﺭﻻﺭﻏﺎ ﺷﯘ ﺧﯩﻞ ﮬﯩﺴﻴﺎﺗﯩﻤﯩﺰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﺴﺎﻕ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺧﺎﺗﺎﻻﺷﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﻤﯩﺰ. ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺷﯘ ﺗﻪﺭﯨﻘﯩﺪﻩ ﻛﯧﺘﯩﯟﻩﺭﺳﻪﻙ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﺎﻗﯩﯟﻩﺕ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻤﺎﻳﺪﯗ. ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻰ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﻪﻣﺴﯩﺘﯩﺸﻰ ﭘﻪﺳﻪﻳﻤﻪﻛﺘﻪ ﻳﻮﻕ، ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯩﺮﻯ ﺋﻪﯞﺟﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﺴﻰ ﺋﯧﻨﯩﻘﻜﻰ، ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺗﻮﻧﯘﺵ ﯞﻩ ﭘﻮﺯﯨﺘﺴﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﻗﯩﻠﭽﻪ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﻰ ﻳﻮﻕ ﺑﻮﻟﯘﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﻳﻪﻧﻪ، ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻣﯘﺭﻩﻛﻜﻪﭘﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ، ﭼﯩﮕﯩﺸﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﯞﯦﺘﯩﺪﯗ. ﺟﻪﻣﯩﺌﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﺩﯨﻠﻠﯩﻘﻰ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻣﯘﮬﺎﻛﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﺴﺎﻗﻤﯘ، ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻥ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻠﯩﻖ، ﺑﯩﻠﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﺳﻪﯞﺑﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﯗﺳﯩﻨﻰ ﻳﯘﻗﺘﯘﺭﯗﯞﺍﻟﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯘﯞﺍﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﻤﯩﺰ.

ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﻣﯩﺮﯨﺸﯩﻐﺎ ﺳﻪﯞﻩﺏ ﺑﻮﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻧﺎﭼﺎﺭ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺋﻪﻳﯩﭙﻠﻪﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻰ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﺷﯘ ﺧﯩﻞ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻼﺭ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﻣﺴﯩﺘﯩﻠﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ،

ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻼ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘﻥ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻰ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﻯ ﻛﻪﻣﺴﯩﺘﯩﻠﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻰ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﮬﻮﻗﯘﻗﻠﯩﺮﻯ ﺩﻩﺧﯩﻠﯩﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻻﺯﯨﻢ. ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﭽﺎﻥ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ، ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﭽﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﺳﯘﻧﯘﭖ، ﻣﯧﮭﺮﻯ- ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﺷﻰ، ﺷﯘ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺯﯗﻟﻤﻪﺕ ﻗﺎﭘﻠﯩﻐﺎﻥ ﺩﯨﻠﻼﺭﻧﻰ ﻳﻮﺭﯗﺗﯩﺸﻰ، ﻣﯘﺯﻟﯩﻐﺎﻥ ﯞﯗﺟﯘﺗﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﻠﻠﯩﺘﯩﺸﻰ ﻻﺯﯨﻢ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2022-01-26

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2022-01-01 / 03:32:49

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ