مېنىڭ ئەيدىز دادام

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ئاپام دادامدىن 12ياش كىچىك بولسىمۇ، دادامغا ئۆزى كۆيۈپ تەككەچكىمىكى دادامنى تولىمۇ ئۇلۇغلايتى، تولىمۇ قەدىرلەيتى، دادامنىڭ ئۇلۇغلىغىنى شۇ دەرجىدە يەرگە چۈشۇرمەيتىكى، بىز دادامغا بىرەر ھۆرمەتسىزلىك قىلساقمۇ دادام ئەمەس ئەڭ ئالدى بىلەن ئاپام بىزدىن رەنجىيتى دادام بىلەن ئاپام شۇ دەرىجىدە ئىجىل ئىناق ئۆتەتتىكى، مەنمۇ بۇ ئائىلىنىڭ بالىسى بولغىنىمدىن پەخرلىنەتتىم، ئپتىخارلىناتىم

ئاپام ئۆزى كىيمىسىمۇ دادامنى ياساسقا ئامراق ئىدى، ئاپامنىڭ قارىشىچە ” ئەرنىڭ ھۆرمىتى شۇ ئائىلىنىڭ ھۆرمىتى ، ئەرلەر ئۆينىڭ تۇۋرىگى، ئاياللار زىننتى ئىمىش، تۇۋرۈكسىز ئۆيدە زىننەتتىن ئىغىز ئىچىش مۇمكىن ئەمەسمىش”.

ئاپام دادامنى پادىشاھنى كۈتكەندەك كۈتەتتىكى، ئاپام چاي چىلاپ دادامغا ئۈچۈرمىگۈچە دادام چاي ئىچمەيتى، دادام ئىشقا ماڭغاندا ئاپام ھەممە يىرىگە زەڭ سىلىپ تۇزەپ رەتلەپ تۇرقىدىن رازى بولغاندا ئاندىن ئىشىك ئالدىگىچە ئۇزىتىپ ئىشقا يولغا سالاتتى. دادام ئۆيگە قايتىپ كەلگىچە ئاپام ئوينى پاكىز تازلاش، تاماقنى تەييار قىلىش، ئۆزىنى رەتلىك ياساش ۋە ئۆيلەرگە ئەتىر چىچىشتىن ئىبارەت تۆت تۇرلۈك مەشغۇلاتىنى تاماملاپ ، دادامنىڭ ئاياق تىۋىشىنى ئاڭلاپ يۈگرەپ ئىشىك ئالدىغا چىقىپ خۇش-خوي كۈتىۋالاتتى دە، ئاستىغا كۆرپە سىلىپ بىشىغا ياستۇق يۆلەيتى. ئاخشاملىرى سۇ ئەكىرىپ دادامنىڭ پۇتىنى يۇياتتى، ئايىغىنى مايلايتى. مەن ئاپامنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىغا قاراپ توۋۋا دەپ ياقامنى تۇتۇپ قالاتتىم. ئاپام پەقەتلا ئۆزىنى ئۆيلىماستىن پۇتۇن ھۇجۇدىنى دادامغا بىغىشلايتى، پەقەت دادامنىڭ خۇشاللىغى بىلەنلا ئۆزىگە خۇشاللىق تاپاتتى. دادامنىڭ بەختىدىن بەخت ئىزلەيتى.
كونىلار ھەسەلنى كۆپ يىسە ئەمەن تىتىيدۇ دەيدىكەن ، ئاپامنىڭ بۇ بەختى ئۇزۇنغا بارمىدى، دادام ئوزگىرىپ كەتتى، ئاپامنىڭ ئەركىلەپ دادامغا سۇنغان قوللىرى دادامنىڭ سەت سىلكەشلىرىدە يا ئالدىغا مىڭىشنى يا پەسكە چۈشۈشنى بىلمەي ھاۋادا پۇلاڭلاپ قالاتتى. دادامنىڭ يىيىشىنى ساقلاپ تاماقلىرىمىز مۇزلاپ قالاتتى. دادامغا بولغان ئىللىق تەلپۇنۈشلىرىمىز دادامنىڭ سوغۇق مۇئامىلىسى خۇددى توك تەپكەندەك بىزنى سىكۇنت ئىچىدىلا ھەيكەلگە ئايلاندۇرۇپ قوياتتى. ئاپامنىڭ ئەجرىدىن سۆيىنىدىغان دادام ئەمدى ئۇنىڭدىن بىزار بولغان ئىدى.

دادامنىڭ ئىش-ھەركەت، گەپ-سۆزى ۋە مەنىۋىي زۇلىمىدىن ئۆزىدىن ئالىقاچان ۋاز كەچكىنىنى بىلگەن ئاپام غەمكىن ھالدا تورۇسقا قاراپ سۈكۈت ئىچىدە خىيال سۈرەتتى، ئاھ ئۇراتتى، مەن دادامنىڭ ئۆزگىرىپ كىتىشىدىن ئاپامغا زەڭ سالىدىغان بولدۇم. ئاپام ھەر بىر تاڭ ساباسىنى كامىل ئىشەچ، قىزغىن ئۈمىتلەر بىلەن كۈتىۋىلىپ كۈندىلىك مەشغۇلاتىنى ئىرىنمەي تەكرارلايتى، دادام ناشتىمۇ قىلماي سوغۇق چىراي بىلەن ئۆيدىن چىقىپ كىتىپ كىچە قايتىپ كەلسىمۇ سەۋرىچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلاتتىكى ئاغرىنمايتى. پەقەت قايتىپ كەلگىنىگە شۈكرى ، كەلمىسە قانداق قىلاتتىم دەپ ئۆزىگە تەسەللى بىرەتتى. دادام پۇتۇن پۇلنى يانچۇغىغا سىلىپ كوچىغا ئىلىپ چىقىپ كىتىپ، ئاپامنى بىر يۈئەن ئۈچۈن خار قىلىۋەتسىمۇ ئەپسۇسلانمايتى. پەقەت كۆزلىرىدىن ھەسرەت ياشلىرىنى ئىقىتىپ جەينامازدىن چۈشمەي ئاللادىن بۇ ئازاپلارغا نىجاتلىق ، دادامغا ئىنساپ، ئوزىگە شۇكرى قانائەت تىلەيتى، ئازاپلارغا سەۋرىچانلىق بىلەن بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، تەقۋادارلىقنى دوست تۇتۇپ دادام قارىمىسىمۇ ئەقىدە قىلاتتى، قەلبىگە يەنىلا بۇرۇنقىدەك ساداقەتلىك ، ۋاپادارلىق موھىرىنى بىسپ ، ئەخلاقنى ھاياتنىڭ ئەڭگۈشتەرى ، شۈكرى ئانائەت، دىيانەت ، كەڭ قوساق، ئەپۇچانلىقنى ئۆزىگە يار بىلىپ، راسچىل سەمىمى بولۇپ تۇرمۇشىدىكى بۇ بىئاراملىق ۋە كۆڭۈلسىزلىكنى يىڭىپ بۇ ئائىلىنى شۇنداقلا مىنىڭ خاتىرجەملىككە تولغان بەختىمنى قوغداش ئۈچۈن تىرىشاتتى.

ئاپام دادام ئۈچۈن ئۆزى ياقتۇرمىسىمۇ رەڭلىك چىرايلىق كىيىملەرنى كىيىپ، ئۆيگە چاچىدىغان ئەتىرنى كۈندە ئالماشتۇرغاندىن سىرىت ، ئۆزىمۇ رەڭگارەڭ ئىچ كىيىملەرنى سىتىۋىلىپ كۈندە بىرنى ئالماشتۇرۇپ، پەردە ۋە يوتقان-كۆرپىلەرنىڭ تاشلىرىنى يەڭگۈشلەپ، ئۆينى كۈندە ھەرخىل ئۆزگەرتىپ دادامنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئارقىلىق دادامنىڭ تالادىكى قەلبىنى ئۆيگە قايتۇرۇپ كەلمەكچى بولاتتى، بىراق دادامنىڭ تالاغا كۆنۈپ كەتكەن بىپەرۋا مىجەزىدە ئاپامغا قاراپمۇ قويمايتى، ئاپامنىڭ ئۈمىتكە تولغان كۆزلىرى ئۈمىتسىزلىككە تولاتتى، قەلبىنى ئازاپ ئوتلىرى لاۋۇلدىغاندا مىنى باغرىغا بىسىپ “نادان بالام، خاتا تۇغۇلغان بالام، كىچىككەنسەن بالام، قانداق قىلارمەن بالام “دەپ قوشاق قوشۇپ يىغلايتى دە، مىنى ئۈمىتسىزلىككە چۆكمىسۇن دەپ سىرغىۋاتقان كۆز ياشلىرىنى زورىغا بىسىۋىلىپ ماڭا “قىيىنچىلىق ئالدىدا غەيرەت بىلەن ياشاشنى، مۇستەقىل ياشاش ئىرادەمنى تىكلەشنى، ھەتتا ئۇلاردىن ئايرىلىپ قالغاندىمۇ ئۆز بەختىمنى يارىتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىم”نى قايتا- قايتا تاپىلايتى. ئاپامنىڭ كۆزلىرىدىن ئىشەنچىسىگە خائىنلىق بىزگە ئاسىلىق قىلغان دادامغا بولغان ھەسرەت، ناداننى سۆيگىنىگە نادامەت، خار سۆيگۈسىگە بولغان ئەپسۇسلارنى كۆرەتتىم . دادامنىڭ ئازاپلىنىشنى بىلمەيدىغان ، ئويۇن- تاماششا دىسە جىنىنى سىلىپ بىرىدىغان قەلىپ كۆزى بۇ خىل تۇيغۇلارنى ھىس قىلمايتى. باشقا ئاياللار ئۈچۈن تىزىپ كەتكەن يۈرىگى ئاپام ئۈچۈن ئىرىپمۇ كەتمەيتى، ئاپامنىڭ يالۋۇرۇشلىرى ، كۆز ياشلىرى ۋە ئىشلەتكەن چارە ئاماللىرى دادامغا كارمۇ قىلمايتى.

ئاپامنىڭ چىھرىدىكى كۈلكە ئۆچكىلى ئۇزۇن بولغان ئىدى. مەن بۈگۈن ئاپامنىڭ كۈلگىنىنى كۆرۈپ يىنىغا كەلدىم،ئاپامنى ئاچچىق كۈلدۈرۋاتقىنى خارلانغان كىشىلىك قەدىر- قىممەت، ئىتىبارسىز سۆيگۈ،قەدىرسىز ئەقىدە ئىدى. ئاپام تارختا قىلمايدىغان قىلىقنى قىلىپ بولىشىغا ھاراق ئىچكەن بولۈپ، ئۈمىتسىزلىك ئىچىدە ئاچچىق -ئاچىق كۈلىۋاتاتتى .مەن ئاپامنى قۇچاقلاپ يىغلىدىم، ئاپامنىڭ بۇ كۈلكىسى ئاخىرقى كۈلكە بولۇپ ئاپام مىنىڭ قۇچىغىمدىلا كۆز يۇمۇپ مەڭگۈلۈك خاتىرجەم ئۇيقىغا كەتكەن ئىدى. (ئاپام بۇ ئازاپلار سەۋەبلىك يۇرەك كىسىلىنى تىپىۋالغان ئىدى) ئاپامنى ئازاپلىغان ئاپامنىڭ يولدىشى، مىنىڭ قەدىرلىك دادام ئاپام جان ئۈزگەندىمۇ ئاپامنىڭ كۈندەشلىرىنىڭ قوينىدا ئىدى.

دادام ئاپام ئۆلگەندىن كىيىن پۇشايمانلىق ياشلارنى تۆكۈپ قايغۇردى، دادامنى يىغلاتقىنى قولدىن بىرىپ قويغاندىلا ھىس قىلغان سۆيگۈ ۋە ئاپامنىڭ ئەجرى ئىدى. ئاپامنىڭ ئۆلىمى دادامنىڭ تۇرمۇش يولىدىكى توساقنى ئىلىپ تاشلىدى،دادام ئاپامنىڭ جىنىغا زامىن بولغان كۈندىشىنى ئۇزۇنغا قالماي ئۆيگە ئەكىردى. مەن ئۇ ئايالنى ئاپامغا سىلىشتۇرۇپ باقتىم ، لىكىن بۇ ئايال خىسلەت -پەزىلەت، ئەدەپ- ئەخلاق ۋە گۈزەللىكتە ئاپامنىڭ قولىغا سۇ قۇيۇپ بىرەلمەيتى. ئاپامدەك ئاددى ئەرزاننى ئىلىپ كىيمەيتى، ئىسىل بولمىسا يىمەيتى، دادام ئايدا نەچچە قۇر كىيىم ۋە زىبۇ زىننەت ئىلىپ بىرىپمۇ بۇ ئايالنى شۈكرى قانائەت قىلدۇرالمايتى، ئاپامنى دىدەك قىلىۋالغان دادام بۇ ئايالنىڭ قۇلىغا ئايلانغان ئىدى. دادام ئاش ئىتەتتى، كىر يۇياتتى، ئۇ ئايال دوستلىرى بىلەن چىقىپ كىتىپ بىر كەچلەردە قايتىپ كىلەتتى. دادامنى يوغان سۆزلەتكەن ئاپامنىڭ يۇقۇر مۇئاشلىق 20ئايلىق مۇئاشى ۋە يىمەي -ئىچمەي يىغىپ قويغان باكىدىكى پۇللىرى پاك-پاكىز تۈگىگەندىلا دادامنىڭ يۇشۇرۇن ھالدا پۇشايمان ياشلىرىنى تۆكىۋاتقىنىنى بىر نەچچە قىتىم كۆرۈپ قالدىم. لىكىن دادامنىڭ بۇ پۇشايمانلىق ياشلىرى ئاپامنى تىرىلدۇرەلمەيتى، قەلبىدە قالغان ئازاپلارنى ، نەپرەتلەرنى يۇيالمايتى.

دادام خۇشتار بولغان بۇ ئايال ئۇزۇن ئۇتمەي ئاپام تىجەپ يىغىپ قويغان بارلىق ئىقتىساتلارنى بۇزۇپ چىچىپ تۇگۈتۇپ، دادامنى تاشلاپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتى. دادامنىڭ ئۈنى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى. دادام پۇشايمان بىلەن ھەسرەت ئۈنچىلىرىدىن گۈل دەستىلەرنى تىزىپ ئاپامنىڭ قەۋرە بىشىدىن كەلمەيدىغان بولىۋالدى. ھىچكىمگە گەپمۇ قىلمايتى، بۇرۇنقى چىقىشقاق مىجەزىدىن ئەسەرمۇ قالمىغان ئىدى. ماڭا ئاپام مازاردىمۇ تىنچ ياتماي دادامنىڭ غىمىنى يەۋاتقاندەك بىلىنىپ دادامنى ئۆيلەپ قويۇش ئۈچۈن ئاپامدەك دادامغا مۇناسىپ كىلىدىغان لايىقتىن بىرنى تىپىپ توي خىتى ئىلىشقا ئىلىپ باردىم. تويدىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈشنى كۆرۈپ تۇرغان جايىمدا تۇرۇپلا قالدىم.

مىنىڭ ئاپامنىڭ جىنىغا زامىن بولغان تالاغا ئامراق دادام ئەيدىزنى يۇقتۇرۋالغان ئىدى. مەن شۇندىلا ئاپامنىڭ ئۈمىتسىزلىككە چۆكىشىنىڭ، مىنى يوق باھانىلەر بىلەن نەچچە قىتىم دۇختۇرغا ئىلىپ بىرىپ تەكشۇرتىشىنىڭ ، مىنى قۇچاغلاپ يىغلاشلىرىنىڭ ۋە ئاپامنىڭ ئۆلىمىنىڭ سەۋەبىنى بىلگەندەك بولدۇم. دادامغا تاپقان ئاياللار دادامنىڭ كىسىلىنى ئاڭلاپ قۇيرىغىنى تىكىپ كىتىپ قىلىشتى. ئاپام ئىككىمىزنى ئازاپلاپ ئازاپ دىڭىزىدا تۇنجۇقتۇرغان دادام ماڭا قالدى.

مەن قانداق قىلاي؟ بىزنىڭ تىنچ تۇرمۇشىمىزنى سورىۋەتكەن، شەرمى- ھايالىق ئانامغا بۇ كىسەلنى يۇقتۇرۇپ روھىنى ئازاپلاپ بىزنىڭ بەختىمىزنى دوزاققا تۇترۇق قىلىۋەتكەن دادامنى باقامدىمەن؟ دادامغا بولغان نەپرىتىمنى باسالماي ، ئاپامنىڭ بىشىغا چىققان تالادىكى ئاشنىلىرىڭ ساڭا قارىسۇن ، كىمدىن يۇقتۇرغان بولساڭ شۇنىڭ يىنىغا بار دەپ پىشىمنى قىقىپ كىتىپ قالماقچىمۇ بولدۇم، بىراق ئاپامنىڭ قەلبىمدە قالدۇرغان ئىسىل ئەخلاق پەزىلىتى مىنى ئويغا سالاتتى.

ھۆرمەتلىك ئاتىلار سىلەر ئۇلۇغ، سىلەر نوچى، سىلەر خۇددى خورازلاردەك نەچچە مىكىجىن ئاياللارنى ئارقاڭلارغا سالالايسىلەر، لىكىن ئەيدىز دىگەن بۇ كىسەل سىلەردىمۇ نوچى، سىلەر سەۋەبىدىن ئاپامغا ئوخشاش بىگۇنا ئاياللار كۆزلىرىدىن ئازاپ ياشلىرىنى توكمىسۇن، ئەزىز جانلىرىنى ناھەق سىلىپ بەرمىسۇن، مەندەك نارىسىدە بالىلار نەپرەت دىڭىزىدا ئاقمىسۇن! ھاياتنىڭ قىممىتىنى ئاشناڭلارنىڭ قوينىدىن ئەمەس، ھالال جۈپتۈڭلەرنىڭ كۈلكىسىدىن ئىزدەڭلار! باللىرىڭلار مىنىڭدەك ئەيدىز دادىدسى ئۈچۈن باش قاتۇرمىسۇن!!

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2022-01-12

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2022-01-01 / 03:18:00

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ