سوخۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
«شۈ سەنگۇەننىڭ قان سېتىش خاتىرىسى» بولسا يازغۇچى يۈ خۇايۈ ئىجاد قىلغان رومان، روماننىڭ باش قەھرىمانى شۈ سەنگۇەن ھەر قېتىم تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغاندا قان سېتىشقا تايىنىپ جان باققان. شۈ سەنگۈەن ياشىنىپ قېلىپ، قان ساتسىمۇ ئالىدىغان ئادەم چىقمىغان چاغدا، ئۇ راستىنلا ۋەيران بولغان ئىدى.
قان سېتىش ئاڭلىماققا پەقەت ھېكايىلەردىكى ئىشتەك بىلىنسىمۇ، لېكىن ئۇ ھېكايىدە مەۋجۇت بولۇپلا قالماستىن، يەنە رېئاللىقتىمۇ يۈز بېرىدۇ، بىر ئائىلىدىكى بەش جان ئىچىدە پەقەت بىر ئادەم بالا-قازادىن ئامان قالغان.
ما شېنيى بىلەن لېي مېي ئەر-خوتۇن خېنەن ئۆلكىسى جۇماديەن شەھىرى شاڭسەي ناھىيەسى ۋېنلۇ كەنتىدىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىككى ئوغلى، بىر قىزى قاتارلىق جەمئىي بەش جاننىڭ تۇرمۇشى ئىنتايىن غورىگىل ئۆتكەن. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ بېشىدا، كىمنىڭ باشلامچىلىق قىلغانلىقى نامەلۇم ھالدا، كەنتتە «قان سېتىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش» دولقۇنى كۆتۈرۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن كەنتتىكىلەرنىڭ بەس-بەستە قان سېتىپ، خۇشال ھالدا پۇل ئېلىپ كەلگەنلىكىنى كۆرگەن ما شېنيى بىلەن لېي مېيمۇ ئۆزىنى باسالماي، قان ساتقۇچىلار چوڭ قوشۇنىنىڭ غوللۇق ئەزاسىغا ئايلانغان.
بىراق ئۇلار قان سېتىش پونكىتىنىڭ سۇيۇقلۇق نەيچىسى ۋە ئوكۇل يىڭنىسىنى تەكرار ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى. ئۇزاق ئۆتمەي، نۇرغۇن كەنت ئاھالىلىرى يەنى ما شېنيى ۋە لېي مېي قاتارلىقلار ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان.
ئۇ چاغدا بۇ كېسەلگە قارىتا تونۇشى يېتەرلىك بولمىغاچقا، ما شېنيى بىلەن لېي مېي ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئەھۋالدا ئىككىنچى قىزى بىلەن كىچىك ئوغلىنى تۇغقان، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككى بالىمۇ ئانىدىن بالىغا يۇقىدىغانلىقى ئۈچۈن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان.
بۇ ئائىلىدىكى بەش جان ئىچىدە يالغۇز چوڭ قىزى ما نىڭنىڭلا ئەيدىز كېسىلىنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلۇپ قالغان، ئەمما ئائىلىسىنىڭ كېيىنكى ئېغىر يۈكى ئۇنىڭ زىممىسىگە چۈشكەن.
2004-يىلىدىن ئىلگىرى دۆلىتىمىزدە ئەيدىز كېسەللىكىگە ئالاقىدار دورا بىلەن تەمىنلەش تېخى ھەقسىز ئەمەس ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە دورا پەقەت ئىمپورت قىلىنغاچقا باھاسى ئىنتايىن قىممەت ئىدى. ئەسلىدىلا «قان سېتىشقا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرىدىغان» كەنت ئاھالىلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇنچە يۇقىرى داۋالىنىش خىراجىتىنى ھېچكىم ئۈستىگە ئالالمايتتى. بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش جەريانى كىشىنى ھەقىقەتەنمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ.
كۈندىلىك تۇرمۇشتا قان سېتىشتىن ساقلىنىش ناھايىتى مۇھىم، ئەگەر قان بېرىش، قان ئېلىشقا توغرا كەلسە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇرخانىلارغا بېرىش زۆرۈر.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17296576.shtml