ئانا سەھىپەخانىم قىزلارھامىلىدارلىق بىلىملىرىھامىلدار ئاياللار قايسى خىل ئېلېكتىر سايمانلىرىغا يېقىنلاشماسلىقى كېرەك

ھامىلدار ئاياللار قايسى خىل ئېلېكتىر سايمانلىرىغا يېقىنلاشماسلىقى كېرەك

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

كۈندىلىك تۇرمۇشتا ھامىلدار ئاياللار ئېلېكتىر سايمانلىرى بىلەن ئۇچرىشىشتىن خالىي بولالمايدۇ بىراق، بەزى ئېلېكتىر سايمانلىرى ئېلېكتىر ماگىنت دولقۇنى ۋە ئېلېكتىر ماگىنت مەيدانى پەيدا قىلىپ ، ھامىلدار ئاياللارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ

شۇڭا ، ھامىلىدار ئاياللار دەسلەپكى ئۈچ ئايدا تۆۋەندىكى ئېلېكتىر سايمانلىرى بىلەن ئۇچراشماسلىقى لازىم :

مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاق . مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاق گەرچە قىسقا ۋاقىتتا تاماقلارنى ئىسسىتىشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن كۆپلىگەن ئائىلىلەردە ئومۇملىشىشقا باشلىغان بولىسمۇ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئۇنىڭ قىسقا ۋاقىتتا ئېلېكتىر ماگېنىت دولقۇنى پەيدا قىلىپ ، كۆزىگە ئاق چۈشۈش ۋە مېڭە نورمالسىزلىشىش ئەھۋاللىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان . شۇڭا، ھامىلدار ئاياللار ئەڭ ياخشىسى مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاق ئىشلەتمەسلىكى ۋە ئۇنىڭغا يېقىنلاشماسلىقى كېرەك .

توك ئەدىيال . تەكشۈرش ئارقىلىق ، توك ئەدىيال بىۋاستە تېرە بىلەن ئۇچرىشىدىغان بولغاچقا، ئۇنى توك مەنبەسىدىن ئۈزىۋەتمەي ئىشلەتكەندە ، بىئارام بولۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. شۇڭا، ھامىلدار ئاياللار ئەڭ ياخشىسى توك ئەدىيال ئىشلەتمەسلىكى كېرەك . ئەگەر ھامىلدار ئاياللار توك ئەدىيال ئىشلىتىش زۆرۈر بولغاندا ، ئەدىيالنى ئىسسىتىۋېلىپلا توك مەنبەسىدىن ئۈزىۋېتىپ ئاندىن ئىشلىتىش لازىم .

تېلېۋىزور ۋە كومپيۇتېر. ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ھامىلدار ئاياللارنىڭ دەسلەپكى ئۈچ ئېيىدا تېلېۋىزور كۆرۈش ۋاقتى ۋە كومپيۇتېردا مەشغۇلات قىلىش ۋاقتى تۆت سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى بولمىسا بويىدىن ئاجراش ، بوۋاقنىڭ غەيرىي تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ %60 تىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقى ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە توڭلاتقۇ ۋە ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ شاۋقۇن ئاۋازى قاتارلىقلارنىڭمۇ ھامىلدار ئاياللارغا تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان .

يان تېلېفون . يان تېلېفون دەسلەپ ئۇلانغاندا پەيدا بولىدىغان ئېلېكتىر ماگىنت رادىئاتسىيەسى ئادەتتە سۆزلەشكەندە پەيدا بولىدىغان ئېلىكتېر رادىئاتسىيىسىنىڭ 20 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. يان تېلېفوننىڭ ئېلىكتېر ماگېنىت رادىئاتسىيىسى ھامىلىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇڭا، ھامىلىدار ئاياللار ئامال بار يان تېلېفون ئىشلەتمەسلىكى، يان تېلېفوننى بوينىغا ئېسىۋالماسلىقى لازىم. بۇنداق قىلغاندا يان تېلېفون پەيدا قىلىدىغان ئېلېكتىر ماگېنت رادىئاتسىيەسىنىڭ ھامىلىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئازايتقىلى بولىدۇ .

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-12-07

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-12-05 / 06:40:47

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ