مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق قارىدى: ئاتا – ئانىسىدىن ئايرىلىش ئازابى ۋە ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ كەلگەن ئەيدىز ئائىلىلىرىنىڭ خورلۇقى ئەيدىزنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بالىلارنىڭ نورمال دوست تۇتۇشى، قېرىنداشلار ئارا ۋە جەمئىيەتكە ئارىلىشىشىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ
كەمسىتىش ۋە بىرتەرەپلىمە قاراش تۈپەيلىدىن، ئەيدىزنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىش مۇھىتى يوق دېيەرلىك بولۇۋاتىدۇ. بۇ، ئۇلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى، جەمئىيەتكە ئارىلىشىشىغا پايدىسىز تەسىر كۆرسەتمەكتە. ئۇلار جەمئىيەتكە نورمال ئارىلىشالامدۇ؟ بۇنى تۆۋەندىكى كۆرسەتكۈچلەر ئارقىلىق ئۆلچەشكە بولىدۇ: ھازىرقى ياشاش ئەھۋالىنى قوبۇل قىلىش دەرىجىسى، باشقىلارغا ئىشىنىش، سەمىمىيلىكى ۋە ھەمكارلىق پوزىتسىيىسى بارمۇ – يوق، كىشىلىك مۇناسىۋەتنى كەڭ قورساقلىق بىلەن ھەل قىلالامدۇ؟ ھېسسىيات تەلىپىنى نورمال ئىپادىيىلەمدۇ؟ شۇنداقلا كەلگۈسى تەرەققىياتىغا ئۈمىد بىلەن قارىيالامدۇ؟ قاتارلىقلار.
ب د ت بالىلار فوندىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئەيدىز تۈپەيلىدىن يېتىم بالىلار بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا بەزى بالىلاردا يېتىمسىراش ئالامىتى كۆرۈلگەنلىكىنى بايقىغان. ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق قارىدى: ئوقۇتقۇچى ۋە باشقا ئاتا – ئانىلار ياكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ خارلىشى ۋە كەمسىتىشى بالىلارنىڭ مەكتەپتىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولۇپ، يالغۇزلۇقنى تاللىشىغا تۈرتكە بولۇشى مۇمكىن.
چەت ئەلدىكى بىر مىسالدىن قارىغاندا، ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقتۇرۇۋالغان ئىككى بالا ئۇزاققىچە باشقا ئاتا – ئانىلار ۋە يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ يەكلىشىگە ئۇچراپ، مەكتەپكە بېرىشقا ئامالسىز قالغان. ھۆكۈمەت ئۇلارنى ئائىلىدە دەرس ئوقۇشقا ئورۇنلاشتۇرغان، بۇ بالىلار ساۋاقداشلىرى بىلەن ئارىلىشىشتىن مەھرۇم قالغان.
مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق قارىدى: ئەيدىزنىڭ بالىلار پسىخىكىسىغا كۆرسەتكەن تەسىرى ئاتا – ئانىلىرىنىڭ ئەيدىزگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقىدىن بولۇپ، ئەيدىزنىڭ بالىلار پسىخىكىسىغا بولغان زىيىنى شۇ بالىلارنىڭ ئەيدىزگە گىرىپتار بولغان ئاتا – ئانىلىرى كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كەتكىچە بولغان جەريانغا سىڭىپ كېتىدۇ ھەم ئاتا – ئانىسى ئۆلۈپ خېلى مەزگىلگىچە داۋاملىشىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن بالىلارنىڭ سالامەتلىكى مەلۇم دەرىجىدە ئەسلىگە كېلىدۇ، لېكىن بۇ دىل ئازابىغا ھېچكىم ھېسداشلىق قىلمىسا، بىخەتەر ۋە ئىللىق مۇھىتتا دىل ئازابى يېنىكلىتىلمىسە، بۇ، ئىجتىمائىي مەسىلىگە ئايلىنىدۇ.