سوخۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ياپونىيەلىكلەرنىڭ ئىچىدە ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ سانى خېلىلا ئاز، بۇ زادى قانداق ئىشتۇر؟ بۇنىڭ تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە سەۋەبلىرى بار:
1. تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىش
ياپونىيە گەرچە بىر كىچىك ئارال دۆلىتى بولسىمۇ، لېكىن ئۇنى قائىدە-يوسۇنلۇق دۆلەت دېيىشكىمۇ بولىدۇ. ئۇلار قائىدە-يوسۇنغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئىدىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدۇ، ئەمما قالايمىقان بىرگە بولمايدۇ، بەلكى ھېسسىياتقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا، تازىلىق ئەھۋالىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئۇلار جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالدىدا شەخسىي تازىلىققا ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ، شۇ سەۋەبلىك ئاياللار كېسەللىكلىرىدىن خېلى يىراق تۇرىدۇ.
2. جىنسىيەت ئىلىم-پەن تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىش
ياپونىيەلىكلەر كىچىكىدىن تارتىپلا جىنسىيەت جەھەتتىكى ئىلىم-پەن بىلىملىرى بىلەن ئۇچرىشىدۇ. ئۇلار ئۇنى بىر خىل ئىلىم-پەن سۈپىتىدە قاراپ ئەزەلدىن ئۆزىنى قاچۇرمايدۇ، بەلكى ناھايىتى توغرا قارايدۇ، شۇڭا ئۆزىنىمۇ، ئۆزگىنىمۇ بىلىپ، تېخىمۇ كۆپ قوغداش تەدبىرلىرىنى ئۆگىنىدۇ، ئەگەر ھەربىر ئادەم ئاشۇنداق دەرىجىدە ئەھمىيەت بەرسە، ئۇنداقتا بۇ جەھەتتىكى مەسىلىلەر تەبىئىيلا ئاز بولىدۇ.
3. ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ تەسىرى
ياپونىيەدە ئەرلەر ئۈستۈنلۈكى ئەۋج ئالغان، شۇڭا ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئەرلەر ئىچىدە كېڭىيىشى ۋە يامراپ كېتىشى تەسكە توختايدۇ.
4. قەرەللىك سالامەتلىك تەكشۈرۈش
ئەيدىز كېسىلى دەسلەپ قوزغالغاندا كېسەللىك ئالامىتى روشەن بولمايدۇ، يەنى يۇقۇملىنىش مەزگىلىدىن ئۆزىنىڭ يۇقۇملىنىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلگۈچە بولغان جەرياندا ئۆزىنىڭ ئەيدىز كېسىلى تارقىتىدىغان يۇقىرى خەتەرلىك مەزگىلدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، نۇرغۇن ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدە ئادەتتە ھېچقانداق روشەن سىرتقى قىياپىتى بولمايدۇ، تاكى بىئاراملىق ھېس قىلىپ سالامەتلىك تەكشۈرتكەندە، ئاندىن نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلىدۇ. بىراق ياپونىيەلىكلەر قەرەللىك ھالدا سالامەتلىك تەكشۈرتۈپ، ئۆزىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگۈچى ياكى ئەمەسلىكىنى ئېنىقلايدۇ. ئەگەر ئېنىقلانسا، تارقىلىش پۇرسىتىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.
يۇقۇش مەنبەسىنى كونترول قىلىش، يۇقۇش يوللىرىنى كونترول قىلىش، ئاكتىپ ئالدىنى ئېلىش، تىرىشىپ بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە كونترول قىلىشقا دىققەت قىلساق، كېسەللىك قوزغىلىش نىسبىتىنى ئازايتالىشىمىز مۇمكىن.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/18090263.shtml