گالستۇكنى چىڭ چەگمەڭ

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

گالستۇكنى بەك چىڭ چىگىۋەتكەندە، بويۇن ئارتېرىيىسى ۋە نېرۋا تومۇرلىرى سىقىلىپ، قاننىڭ نورمال ئايلىنىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، مېڭىگە قان، ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك كېلىپ چىقىىپ، ئوزۇقلۇق بىلەن نورمال تەمىنلىنىش چەكلىمىگە ئۇچراپ، كۆرۈش نېرۋىسى ۋە كۆزنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى نېرۋىنى ھاردۇرۇپ، كۆز ئىششىشنى، كۆز تورلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بولۇپمۇ، كاتىپلىق خىزمىتى قىلىدىغان خادىملار، بېشىنى تۆۋەن قىلىپ خىزمەت قىلغان ۋاقىتتا، گالستۇك تېخىمۇ چىڭىپ، كۆزنىڭ ئارامسىزلىنىشى تېخىمۇ ئېنىق بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا گالستۇك ئازراق بوشىتىلسا، باشنى كۆتۈرگەن ۋاقىتتا كۆزنىڭ ئىششىشى سەل يېنىكلەيدۇ.

گالستۇكنى چىڭ چەگمەڭ

شۇڭا، كۆز بۆلۈم دوختۇرلىرىنىڭ تەكلىپى بويىچە، دائىم گالستۇك تاقاپ يۈرۈيدىغان كىشىلەر بويۇننىڭ ئازادىلىكىنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇشى لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، قەلەم بىلەن ھەپىلىشىدىغان كىشىلەر ھەر دائىم يىراققا قاراپ كۆزنى ئارام ئالدۇرۇشى كېرەك.

بويۇن ئارتېرىيىسى سىنۇسى سەزگۈر كىشىلەر گالستۇك چەگكەن، ياقا تۈگمىسىنى ئەتكەن ۋە يۇمىلاق ياقىلىق، ئېگىز ياقىلىق كۆڭلەك كىيگەن ۋاقىتتا بەك چىڭ بولۇپ كەتمەسلىككە دىققەت قىلىش، ئەڭ ياخشىسى بويۇننىڭ ئالدى تەرىپىدە 2 بارماق پاتقۇدەك بوشلۇق قالدۇرۇش لازىم.

خىزمەت سالمىقى كۈچلۈك، كەيپىيات ئۆزگىرىشى جىددىي ھەمدە مۇھىت تېمپېراتۇرا ۋە نەملىك يۇقىرى بولغان ۋاقىتتا دەرھال گالستۇكنى بوشىتىش ياكى يېشىۋېتىش لازىم.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-11-18

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-11-18 / 12:39:58

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ