ئانا سەھىپەتۇرمۇشئائىلە ۋە تۇرمۇشئەرلەرنىڭ ئاياللارنى ھېسسىيات جەھەتتىن خورلىشىدىكى ئالامەتلەر

ئەرلەرنىڭ ئاياللارنى ھېسسىيات جەھەتتىن خورلىشىدىكى ئالامەتلەر

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ھېسسىيات ئالاقىسىدە، روھىي جەھەتتىكى خورلۇق جىسمانىي خورلۇققا قارىغاندا ئاياللارنى بەكرەك ئازابلايدۇ ئاياللار ئەرلەرنىڭ ھېسسىيات جەھەتتىن خورلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئالامەتلەردىن خەۋەردا بولۇشى كېرەك:

ئەرلەرنىڭ ئاياللارنى ھېسسىيات جەھەتتىن خورلىشىدىكى ئالامەتلەر

1. سىزدىن كېچە-كۈندۈز ئايرىلماسلىق. بۇ ئاڭلىماققا ئىنتايىن قالتىستەك تۇيۇلىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. ئېرىڭىزنىڭ ئۆز قىزىقىشى ۋە دوستلىرى بىلەنمۇ كارى بولماي دائىم ئەتراپىڭىزدا پەرۋانە بولۇشى مۇناسىۋىتىڭلارنىڭ يامانلىشىشقا قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتقانلىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ ئۆزىڭىزگە تەۋە ۋاقىتنى تارتىۋېلىش ئارقىلىق سىزنى كونترول قىلماقچى بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

2. ئىش-ھەرىكەتلىرىڭىزگە رىژىسسۇرلۇق قىلىش. ئۇ دوستلىرىڭىز بىلەن سىرتلارغا چىقىشىڭىزنى توسسا، يېگەن-ئىچكىنىڭىزگە، كىيىنىشلىرىڭىزگە ئارىلىشىۋالسا بۇ خورلىماقچى بولۇۋاتقانلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر.

3. ئەركىنلىكىڭىزنى چەكلەش. قەيەرگە بېرىشىڭىزدىن قەتئىينەزەر ئۇنىڭغا دوكلات قىلىشىڭىز زۆرۈر بولسا، نېمە قىلىشىڭىز، كىم بىلەن قىلىشىڭىز قاتارلىقلارغا يىپىدىن يىڭنىسىغىچە ئارىلىشىۋالىدۇ. ئەگەر بىرەر ئىشنى يوشۇرغىنىڭىزنى بىلىپلا قالسا ئىنتايىن خاپا بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا سىز روھىي جەھەتتىن ئىنتايىن چارچايسىز.

4. سوغۇق مۇئامىلە ئارقىلىق سىزنى جازالاش. ھېسسىيات جەھەتتىن خورلايدىغان ئەرلەر ئادەتتە يانفۇن ئۇچۇرىڭىزغا ھېچقانداق جاۋاب قايتۇرمايدۇ، نېمە سەۋەبتىن ئاچچىقلانغانلىقىنىمۇ دېمەيدۇ، بۇ ئارقىلىق سىزنى جازالىماقچى بولىدۇ.

5. ئەيىبلەپ ھېسسىياتىڭىزغا زەربە بېرىش.«دۆت»، «پور»، «سەت» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن سىزنى ھاقارەتلەيدۇ. بۇ ئۇنىڭ سىزنى چۈشۈرۈش ئارقىلىق ئۆزىنى ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلماقچى بولغانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر.

6. مەلۇم نەرسىلەرگە خۇمار بولۇش. سىزنى ھېسسىيات جەھەتتىن خورلاشقا كۆنۈك ئەرلەر مەلۇم نەرسىگە ئۆزىنى زورلاپ خۇمار بولىدۇ.

7. قورقۇنچ ھېسسىياتى پەيدا قىلىش. ئەگەر بىر ئەر سىزگە تەھدىت سېلىش ياكى ھەيۋە كۆرسىتىش ئارقىلىق قورقۇنچ ھېسسىياتى پەيدا قىلسا بۇ ئۇنىڭ سىزنى ھېسسىيات جەھەتتىن خورلاۋاتقانلىقىنىڭ بېشارىتىدۇر.

8. ئابرۇيىڭىزنى چۈشۈرمەكچى بولۇش. كۆڭۈلدىكىدەك ھەمراھ ئابرۇيىڭىزنى قوغدايدۇ. ھىسسيات جەھەتتىن خورلايدىغان ئەرلەر سىزدىن خالىغانچە گۇمانلىنىش ئارقىلىق ئابرۇيىڭىزنى چۈشۈرىدۇ.

9. سىزگە بۇيۇم قاتارىدا مۇئامىلە قىلىش. سىزنى ھېسسىيات جەھەتتىن خورلايدىغان ئەر سىز بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە «بىزنىڭ» دېگەن سۆزنى ئىشلەتمەيدۇ، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا بىر خىل ئۆزىنىلا مەركەز قىلىدىغان شەخسىيەتچىلىك يوشۇرۇنغان بولىدۇ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-01-08

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-01-01 / 05:40:45

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ