يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىشى بىلەن قارا رەڭ بايلىق ۋە سۆلەتنىڭ سىمۋولى بۇلۇپ قالدى
شۇڭا ، ئەرلەرنىڭ:

1 :كاستۇم-بۇرۇلكىسى قارا رەڭلىك بۇلۇشى كېرەك .
2 :كاستۇم بۇرۇلكىسى قېنىق كۈل رەڭ ، ئاندىن قېنىق كۆك رەڭلىك ، قېنىق كۈل رەڭگە ئىنچىكە سىزىق چۈشكەن ، قېنىق كۆككە ئىنچىكە سىزىق چۈشكەن ، قېنىق كۈل رەڭ چاقماقلىق بۇلۇشى كېرەك .
3:ئىنچىكە سىزىق ۋە چاقماق قانچە سۇس بولسا شۇنچە ياخشى ، شۇڭا سىنچىلاپ قارىغاندا ئاندىن كۆرگىلى بۇلىدىغان سىزىق ياكى چاقماق رەختلىكنى تاللاش كېرەك .
4:ياۋروپا پاسۇنىدىكى قوش قاتار تۈگمىلىك كاستۇم-بۇرۇلكىلارنىڭ تۈگمىسى سەل تۆۋەنرەك تاقىلدىغان بولغاچقا ، يۇقىرى بەدەن سەل ئۇزۇن كۆرۈنىدۇ ،شۇڭا بويى پاكار ئەرلەر بۇنداق كاستۇم كىيىشتىن ھەزەر ئەيلىشى كېرەك .
5:ياقىسىدا تۈگمىسى بار كۆڭلەكنى ھەرگىز قوش قاتار تۈگمىلىك كاستۇم-بۇرۇلكىنىڭ ئىچىگە كىيمەڭ .
6.ئايىغىڭىزغا ھەر ۋاقىت چاڭ -توزان قونمىسۇن، پارقىراپ تۇرسۇن.
300:7 سوملۇق ئاياغنىڭ ئۆمرى 600 سوملۇق ئاياغنىڭكىدىن قىسقا بۇلىدۇ ، شۇڭا ئاياغ تاللىغاندا پۇلنىڭ كۆزىگە ئانچە قاراپ كەتمەڭ . قانچە قىممەت بولسا شۇنچە ئۇزۇن كىيىسىز
8:ئەڭ قىممەت ئاياغنىمۇ ئۇدا ئۈچ كۇندىن ئارتۇق كىيمەڭ.
9:ئەگەر ئەتىر ئىشلىتىشكە جۈرئەت قىلالمىسىڭىز ، چۇقۇم ئەتىر سوپۇن ئىشلىتىڭ .
10:بەزى پاختا رەخىتلىك كۆڭلەكلەرنىڭ باھاسى ئەرزان بولغىنى بىلەن ، ئۆمرى بەك قىسقا بولىدۇ ، دەزمال سېلىشقىمۇ بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ .
11:ئەگەر گالاستۇك تاقىمىسىڭىز ، كۆڭلەكنىڭ ئەڭ ئۈستىدىكى تۈگمىسىنى ئېتىۋالماڭ .
12:ئابرويلۇق ، پىشىپ يېتىلگەن ئەرلەرگەنىسبەتەن گالاستۇكنىڭ گۈلى ئىنتايىن مۇھىم . ئادەم ، ھايۋانلارنىڭ سۈرىتى بار گالاستۇكلار كاستۇم-بۇرۇلكىغا ماس كەلمەيدۇ .
13:گالاستۇكىڭىز بەلۋېغىڭىزدىن تۆۋەن بولۇپ كەتمىسۇن ، ئۇنىڭدىن بەكمۇ يۇقىرى بولۇپ كەتمىسۇن .
14: بەلۋاغ بىلەن ئاياغنىڭ سۈپىتى ۋە رەڭگى ئوخشاش بولۇشى كېرەك. 15:سۆلەتلىكلەرنىڭ سۆلىتى ھەر ۋاقىت پۇتتا ، كاستۇم بۇرۇلكا كىيگەندە ئەنئەنىۋى ، يارىشىملىق بوغۇچلۇق ئاياغ كىيىڭ .
16:ھەرگىزمۇ سۈنئىي تالالىق پايپاق كىيمەڭ ، ئەڭ ياخشىسى يۇڭ ، يىپەك ياكى يۇڭ-يىپەك ئارلاشما تالالىق پايپاقلارنى كىيىڭ .
17: 24 ياشتىن ئاشقان بولسىڭىز ، ئاق پايپاق كىيىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ ، ئاق پايپاق سىزنى ئوقۇغۇچىدەك كۆرسىتىپ قويىدۇ .
18: قانداق بولۇشىدىن قەتئىنەزەر ، گۈللۈك پايپاق ئەرلەرنىڭ كىيىشىگە مۇۋاپىق كەلمەيدۇ .