ئانا سەھىپەئەرلەر يىگىتلەرئەرلەر ۋە تۇرمۇشئەر-ئاياللارنىڭ بۇنداق قىلىشى ئاجرىشىشتىنمۇ بەكرەك قورقۇنچلۇق

ئەر-ئاياللارنىڭ بۇنداق قىلىشى ئاجرىشىشتىنمۇ بەكرەك قورقۇنچلۇق

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

بىر پەلسەپەشۇناس دېگەن،ھەر قانچە ئىناق بولغان ئەر ئاياللارمۇ ئۆمرىدە ئاز دىگەندە يۈز قېتىم ئاجىرشىپ كىتىشنى ھەمدە قارشى تەرەپنى بوغۇپ قۇيۇشنى ئويلايدىغان چاغلىرى بار ئىكەن.مۇھەببەت ناھايتى شېرىن،نىكاھ بولسا ئاۋارىچىلىق بىر ئىش،ئىككى ھېچقانداق قانداشلىق مۇناسىۋىتى يوق ئادەملەر بىللە ياشىغاندا،ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ.بەزىدە ھەتتا چىش پاستىسىنى سىقىشتەك كىچىك ئىشلارمۇ بىر مەيدان ئائىلە ئۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرى مۇمكىن.

ئەملىيەتتە، ئەر ئاياللارنىڭ ئۇرۇشىشى ئوخشىمايدىغان ھىسيات ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلىدۇر،پەقەت ئۇرۇشنىڭ ماھيتىنى چۈشىنىشنىڭ قارشى تەرەپنىڭ غورورىغا تىگىشتىن ساقلانغاندىلا،ئۇرۇشۇپ قالسىمۇ ھېچقىسى يوق.

ئۇنداقتا ئۇرۇشقاندا نىمىلەرگە دېققەت قىلىش كېرەك؟

1.قارشى تەرەپنىڭ پۇل تېپىش ئىقتىدارىدىن گۇمانلىنىش
ئاياللار ئەرلەرگە«ئەتىدىن كەچكىچە ئالدىراش يۈرىسەن،زادى قانچىلىك پۇل تېپىۋەتكەنسەن؟خۇتۇن بالاڭنىمۇ باقالمايدىغان نەرسەڭگە نىمىگە ۋارقىرايسەن؟»«قارا قوشنىمىزغا ئايالىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە داڭلىق ماركىلىق سومكىلارنى ئېلىپ سوۋغا قىلىدۇ،سەنچۇ؟توي قىلغاندىن بېرى ماڭا نىمە سوۋغا قىلىپ باڭتىڭ؟»دەيدۇ،ئەر ئاڭلىغاندىن كىيىن شۇنچىلىك قولى قىچىشىپ كىتىدۇ.

2.قارشى تەرەپنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى تىللاش
ئۇرۇشقاندا ئادەمنىڭ ئېغىزىغا ھەر خىل گەپلەر كىلىدۇ،بارلىق سەت گەپلەر،ھاقارەتلىك سۆزلەرئېغىزدىن چىقىپ كىتىدۇ.لىكىن ئىسىڭىزدە بولسۇن،قارشى تەرەپنىڭ ئائىلىدىكىللىرىنى چىشلەپ تارتماڭ،قارشى تەرەپنى تىللاۋىتىپ ئۇنىڭ ئۆيىدىكىللىرىنىمۇ قۇشۇپ تىللايدىغان ئىشتىن ساقلىنىڭ.ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ ئائىلىسىدىكىللىرىنى قوغدايغان ئېڭى بولىدۇ،بۇنداق قالايمىقان گەپلەرنى ئاڭلىغاندا غەزەپلەنمەي تۇرغىلى بولامدۇ؟
3.كونا خاماننى سورۇش

بەزى ئەر-ئاياللار ئۇرۇشۇپ قالسا،كونا خماننى سورۇشقا ئامراق.قارشى تەرەپنىڭ خاتا قىلىپ قويغان ئىشى،خاتا دەپ قالغان گەپلىرى قاتارلىقلار بىلەن قارشى تەرەپىنى كېرەكسىز،نان قېپى قاتارىغا چىقىرۋىتىدۇ.

4.قول تىگىپ كىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك
ئۆزىڭىزنىڭ ھالال جۈپتىگە قول تەگكۈزۈشكە قانداقمۇ قولىڭىز بارىدۇ؟ھەرگىزمۇ بىر دەملىك ئاچچىقنى دەپ قارشى تەرەپنىڭ يۈرىكىنى پارە-پارە قىلىۋەتمەڭ.

5.ئۆيدىن چىقىپ كىتىپ كىرمەسلىك
ئۇرۇشۇپ قېلىشىغىلا ئۆيدىن چىقىپ كىتىپ،قاۋاقخانىلاردا مەس بۇلۇپ يۈرىدىغان ئىشنى قىلماڭ.بەزىلەر ھەتتا بىر كىچە ئۆيگە كىرمەيدۇ،قۇلاق تىنىچ بولسا دەپ ئويلايدۇ،لىكىن بۇنىڭلىق بىلەن قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىگە گۇمانخورلۇق ئۇرۇقىنى بېرىپ قۇيىدۇ.شۇنداق قىلىپ بىر ئوبدان ئائىلە ۋەيران بولىدۇ.

6.ئۆيىدىكىلەرگە ئېيتىشتىن ساقلىنىڭ

بەزى ئەر ئاياللار ئۇرشۇپ قالغان زامانلا ئۆيىدىكىلەرگە ئېيتىدۇ،كىمنىڭ خاتا كىمنىڭ توغرىلىقىغا ھۆكۈم قىلغۇزىدۇ.لىكى بۇ ئىش بارغانسىرى قالايمىقانلىشىپ كىتىدۇ.يەنىلا ئىشىكنى ئىتىپ قۇيۇپ، ئۇرىشامسىلەر،تىللىشامسىلەر،كۈلىشەمسىلەر،يىغلىشامسىلەر،قانداق قىلساڭلار شۇنى قىلغىنىڭلار ياخشى.ئۇرۇش تۈگىگەندىن كىين سىلەر يەنىلا شۇ ئامراق بىر جۈپلەر.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-10-23

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-10-22 / 06:29:12

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ