ھامىلە چۈشۈرۈش ئاياللارنىڭ سالامەتلىكىگە، بولۇپمۇ كەلگۈسىدىكى تۇغۇت ئىقتىدارىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغان جەريان بولۇپ، ئۇنى ئاددىي بىر تاللاش دەپ قاراشقا بولمايدۇ. تىببىي نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ھامىلە چۈشۈرۈش جەريانى ئوخشىمىغان ئۇسۇللار ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ، بۇ تاللاشلار ھامىلدارلىق ھەپتىسى، ئايالنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ۋە دوختۇرنىڭ تەۋسىيەسىگە ئاساسەن بەلگىلىنىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر بۇ جەرياننى پەقەت بىرلا خىل بولىدۇ دەپ ئويلىسىمۇ، ئەمەلىيەتتە دورا ۋە ئوپېراتسىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. بۇ جەريانلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئۆزىگە خاس ئەۋزەللىكى ۋە يوشۇرۇن خەۋپلىرى مەۋجۇت.

دورا ئارقىلىق بالا چۈشۈرۈش قانداق بولىدۇ؟
دورا ئارقىلىق ھامىلە چۈشۈرۈش ئادەتتە ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، يەنى ھامىلدارلىق ۋاقتى 49 كۈندىن ئاشمىغان ئەھۋالدا كۆپ تاللىنىدۇ. بۇ ئۇسۇلدا ئوپېراتسىيە سايمانلىرى ئىشلىتىلمەيدۇ، شۇڭا نۇرغۇن ئاياللار بۇنى پىسخىكىلىق جەھەتتىن قوبۇل قىلىشقا ئاسان دەپ قارايدۇ. دورا ئىشلىتىش جەريانى ئادەتتە بىر قانچە كۈن داۋاملىشىدۇ. دەسلەپتە ھورموننى توسىدىغان دورىلار بېرىلىدۇ، ئاندىن بالىياتقۇنىڭ قىسقىرىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان دورىلار ئىشلىتىلىپ، ھامىلە توقۇلمىلىرىنىڭ بەدەندىن چىقىرىۋېتىلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.
دورا ئارقىلىق بالا چۈشۈرۈشتە تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك:
- مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش نىسبىتى %92 تىن %97 كىچە بولۇپ، بەزىدە دورا ئۈنۈم بەرمىسە قوشۇمچە ئوپېراتسىيە تەلەپ قىلىنىشى مۇمكىن.
- جەريان ئۈچ-تۆت كۈن داۋاملىشىدۇ، بۇ جەرياندا قان كۆپ كېلىش ۋە قورساق ئاغرىش ئادەتتىكى ئەھۋال.
- دوختۇرخانىغا كەمىدە ئىككى قېتىم بېرىپ، دورىنىڭ ئۈنۈمىنى ۋە بالىياتقۇنىڭ تولۇق تازىلانغانلىقىنى تەكشۈرتۈش لازىم.
- بۇ ئۇسۇل ھامىلدارلىق مۇددىتى ئۇزىرىغانسېرى ئۈنۈمىنى يوقىتىشقا باشلايدۇ.
ئوپېراتسىيە ئارقىلىق بالا چۈشۈرۈشنىڭ جەريانى
ئوپېراتسىيە ئارقىلىق ھامىلە چۈشۈرۈش تېز ۋە ئۈنۈمى بىرقەدەر كاپالەتكە ئىگە ئۇسۇل بولۇپ، ئۇنى تاللايدىغانلارنىڭ دائىرىسى كەڭرەك. بۇ ئۇسۇلدا دوختۇر مەخسۇس سايمانلار ئارقىلىق بالىياتقۇ بوشلۇقىنى تازىلايدۇ. ئوپېراتسىيە جەريانى ئادەتتە 5 مىنۇتتىن 15 مىنۇتقىچە بولغان قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تاماملىنىدۇ. ئادەتتە پاكىز چۈشۈرۈلۈش نىسبىتى 98% كە يىتىدۇ.
ئوپېراتسىيە تاللىغاندا ئويلىنىشقا تېگىشلىك ئامىللار:
- ۋاقىت جەھەتتىن تېز بولۇپ، دوختۇرخانىدا بىر قېتىملا بولۇش كۇپايە قىلىدۇ.
- ئاغرىق ئازابى دورا بىلەن سېلىشتۇرغاندا قىسقا مۇددەتلىك بولىدۇ، چۈنكى كۆپىنچە ئەھۋالدا ناركوز قىلىنىدۇ.
- ھامىلدارلىق ۋاقتى 14 ھەپتىگە يېقىنلاشقان ئەھۋالدىمۇ بۇ ئۇسۇلنى قوللىنىشقا بولىدۇ.
- ئوپېراتسىيەدىن كېيىن بالىياتقۇ تېشىلىش ياكى ياللۇغلىنىش ئىھتىماللىقى بولىدۇ.
ئىككى خىل ئۇسۇلنىڭ پەرقى
دورا ئارقىلىق بالا چۈشۈرۈش ئادەتتە ئوپېراتسىيەدىن قورقىدىغان، سەمىرىپ كېتىشتىن ئەنسىرەيدىغان ياكى ئىلگىرى بالىياتقۇ ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرۇپ باققانلارغا تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ئەمما سىستېمىلىق كېسەللىكى بارلار، مەسىلەن ئېغىر كەم قانلىق، بۆرەك ئۈستى بېزى فۇنكسىيەسى ئاجىزلاش ياكى قان ئۇيۇشماسلىق كېسىلى بارلار دورا ئىشلەتكەندە ئالاھىدە ئېھتىيات قىلىشى لازىم. بۇنداق كىشىلەر ئۈچۈن دوختۇرنىڭ نازارىتىدە ئوپېراتسىيە قىلىش تېخىمۇ بىخەتەر بولۇشى مۇمكىن.
ئوپېراتسىيە ئۇسۇلى بولسا، دورىلارغا زىيادە سەزگۈر كىشىلەر، بالىياتقۇسى غەيرىي شەكىلدە بولغانلار ياكى داس بوشلۇقى ياللۇغى بار ئاياللار ئۈچۈن تېخىمۇ كەسپىي بىر ھەل قىلىش چارىسىدۇر. ئوپېراتسىيەدىن كېيىنكى كۆزىتىش ۋاقتى ئادەتتە بىر-ئىككى سائەت بولۇپ، ئائىلىگە قايتقاندىن كېيىن ئارام ئېلىش ۋە ئوزۇقلۇققا دىققەت قىلىش ئىنتايىن مۇھىم.
قانۇن جەھەتتە ھامىلە چۈشۈرۈش ھەققىدە بەزى ئۇچۇرلار
تۈركىيەنىڭ نۆۋەتتىكى قانۇنلىرىغا (1983-يىلى ماقۇللانغان نوپۇس پىلانلاش قانۇنى) ئاساسلانغاندا، ھامىلدارلىقنىڭ 10-ھەپتىسىگىچە (يەنى 70 كۈنلۈك بولغۇچە) ئاياللارنىڭ ئۆز خاھىشى بىلەن ھامىلىنى چۈشۈرۈشىگە رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەگەر ھامىلدارلىق مۇددىتى 10 ھەپتىدىن ئېشىپ كەتسە، ئادەتتىكى تاللاش بويىچە بالا چۈشۈرۈش چەكلىنىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا پەقەت ئانىنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكەن ياكى ھامىلىدە ئېغىر تىببىي نۇقسانلار كۆرۈلگەنلىكى دوختۇرلار گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن ئىسپاتلانغاندىلا، ئاندىن ئوپېراتسىيە قىلىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. شۇنىمۇ ئەسكەرتىش كېرەككى، تۈركىيە قانۇنىدا توي قىلغان ئاياللارنىڭ ھامىلە چۈشۈرۈشى ئۈچۈن ئېرىنىڭ ماقۇللىقى، 18 ياشتىن تۆۋەنلەر ئۈچۈن ۋەلىيسىنىڭ (ئاتا-ئانىسىنىڭ) رۇخسىتى تەلەپ قىلىنىدۇ.
دۇنيا مىقياسىدا بولسا بۇ چەكلىمىلەر دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي ۋە مەدەنىيەت قۇرۇلمىسىغا قاراپ زور دەرىجىدە پەرقلىنىدۇ. مەسىلەن، ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ كۆپىنچىسىدە (گېرمانىيە، فىرانسىيە قاتارلىق) ئەركىن ھامىلە چۈشۈرۈش مۇددىتى ئادەتتە 12 ھەپتە قىلىپ بەلگىلەنگەن. ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكىنىڭ بەزى شىتاتلىرىدا بۇ مۇددەت 24 ھەپتىگىچە ئۇزىرىشى مۇمكىن. ئەكسىچە، بەزى دۆلەتلەردە (مەسىلەن، مىسىر، پولشا ياكى فىلىپپىن قاتارلىق) ھامىلە چۈشۈرۈش ئىنتايىن قاتتىق چەكلىنىدۇ، پەقەت ئانىنىڭ ھاياتىنى قۇتۇلدۇرۇش يۈزىسىدىنلا ئىنتايىن چەكلىك دائىرىدە رۇخسەت قىلىنىدۇ. بۇ خىل قانۇنىي پەرقلەر ئاساسلىقى ھامىلىنىڭ «ياشاش ھوقۇقى» بىلەن ئاياللارنىڭ «ئۆز بەدىنىنى بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى» ئوتتۇرىسىدىكى تالاش-تارتىشلارغا ئاساسەن شەكىللەنگەن.
راستلا ھامىلە چۈشۈرۈش زۆرۈرمۇ؟
مەيلى قايسى ئۇسۇل تاللىنىشىدىن قەتئىينەزەر، بالا چۈشۈرۈش ئايال كىشىنىڭ جىسمانىي بولۇپمۇ بالىياتقۇسىغا ۋە پىسخىكىلىق ساغلاملىقىغا چوڭ يۈك ۋە زەربە ئېلىپ كېلىدۇ. شۇڭا، تىببىي جەھەتتىن ھەر قانداق قارار چىقىرىشتىن بۇرۇن چوقۇم رەسمىي دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈش، بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلدار بولۇش ئېھتىماللىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىش كېرەك. تىببىي يېتەكچىلىكسىز ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن دورا ئىشلىتىش ئۆمۈرلۈك پۇشايمانغا سەۋەب بولىدىغان ئېغىر قاناش ۋە ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بۇنىڭدىن سىرت بىزنىڭ بۇ مەزمۇندا ئاساسلىقى تىببىي جەھەتتىن، ۋە قانۇن جەھەتتىن بالا چۈشۈرۈش توغرىلىق بەزى ئۇچۇرلارنى تەمىنلەنگەن بولۇپ ، ئەخلاق ۋە ئىتىقاد جەھەتتىن مۇھاكىمە قىلىشقا ئاجىزلىق قىلىمىز.


