كۆپ قېتىم ھامىلە چۈشۈرگەندىن كېيىن ئەڭ ياخشىسى دورا بىلەن ھامىلە چۈشۈرمەڭ دورا بىلەن ھامىلە چۈشۈرۈش بەلگىلىك ماسلىشىشچانلىققا ئىگە بولۇپ، ھەممە ئاياللارغا ماس كېلىۋەرمەيدۇ بولۇپمۇ كۆپ قېتىم ھامىلە چۈشۈرگەنلەرگە دورا بىلەن ھامىلە چۈشۈرۈش ماس كەلمەيدۇ
ئىلگىرى سۈنئىي ئۇسۇلدا ھامىلە چۈشۈرگەن ئاياللارنىڭ بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى ئەسۋابنىڭ زەخمىسىگە ئۇچرىغان بولغاچقا، بالىياتقۇنىڭ سىلىقلىقى تەسىرگە ئۇچراپ، يېتىلىشى ياخشى بولماسلىق، بالا ھەمرىيى چاپلىشىپ قېلىش قاتارلىقلار كۆۈلىدۇ. بۇ ئوپراتسىيە مەشغۇلاتى مۇۋاپىق بولماسلىقتىن كېلىپ چىققان بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى ئۈستۈنكى تېرىسىنىڭ قايتا ھاسىل بولىشىغا قارىغاندا تەس بولۇپ، بەز ئۈستى تېرىسى قايتا ھاسىل بولماي، تالالىشىش ۋە ئەينەككە ئوخشاش ئۆزگىرىش ياكى كالتىسيلىشىش ھادىسىسى كۆرىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
كۆپ قېتىم ھامىلە چۈشۈرگەندە، يەنە بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى يۇقۇملىنىدۇ. ئېغىر بولغاندا بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى قايتا ھاسىل بولالماي، ياللۇغ خاراكتىرلىك يىگىلەش كۆرىلىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى دورا بىلەن ھامىلە چۈشۈرۈشكە ئاۋارىچىلىق ئەكىلىدۇ. ھامىلە چۈشۈرۈش قېتىم سانى كۆپ بولسا، دورا ھامىلىنى تولۇق چۈشۈرەلمەسلىك نىسبىتىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. ھامىلە تولۇق چۈشمىسە، ئاياللارنىڭ ساغلاملىقىغا ناھايىتى زور خەۋپ ئەكىلىدۇ.
كىلىنىكىدا دائىم دورا بىلەن ھامىلە چۈشۈرگەندە تولۇق چۈشمەسلىك ھادىسىسى كۆرۈلىدۇ. دورا يىگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى بۇنىڭدىن ئاغرىنىدۇ ھەتتا دورىدا مەسىلە بار دەپ گۇمان قىلىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ ئۆز بەدىنىنىڭ كونكىرت ئەھۋالى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. دورا بىلەن ھامىلە چۈشۈرۈشتە ھامىلە چۈشۈرگۈچى ھەممە ئەھۋالنى ئەينەن دىيىشى كېرەك. ھەرگىزمۇ خالىغانچە دورا يىيىشكە بولمايدۇ. دورا بىلەن ھامىلە چۈشۈرۈشكە بولمايدىغانلار دائىم ھامىلە چۈشۈرگەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
شۇنى بىلىۋېلىش كېرەككى، دورا بىلەن ھامىلە چۈشۈرۈش سۈنئىي ئۇسۇلدا ھامىلە چۈشۈرۈشكە ئوخشاش، ئامالسىز ئەھۋالدا قوللىنىدىغان ئۇسۇلدۇر. ھەرگىزمۇ ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇلى قىلىۋالماسلىق كېرەك. ئىلگىرى ھامىلە چۈشۈرگەن ئاياللار ئەڭ ياخشىسى دورا بىلەن ھامىلە چۈشۈرگەندە دوختۇرنىڭ پىكىرىنى كۆپرەك ئاڭلاپ، دوختۇرنىڭ دىگىنىگە بويسۇنۇشى كېرەك. ساغلاملىق ۋە بىخەتەرلىك ھەممىسىدىن مۇھىم.