توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئادەمنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ياخشى ياكى ناچارلىقىنى كۆپ ھاللاردا ئۇخلاش سۈپىتىدىنلا بايقىغىلى بولىدۇ. تېنى ساغلام كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئويغانغاندىن كېيىن روھى كۆتۈرەڭگۈ ھېس قىلىدۇ. بىراق بەزى كىشىلەرنىڭ ئۇخلاش ۋاقتى ئاز ئەمەس، ئەمما ئويغانغاندىن كېيىن خۇددى ئۇخلىمىغاندەك، ئىنتايىن چارچىغاندەك، روھسىزلىنىپ كەتكەندەك ھېس قىلىدۇ. ئۇخلىغانسېرى ھېرىپ كەتكەندەك ھېس قىلىدۇ، بۇ زادى قانداق ئىش؟
1. پەسىل ئامىلى
پەسىلنىڭ ئۇيقۇغا بولغان تەسىرى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ. ئەتىيازدا تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلىشى مېڭىگە قان يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ياز كۈنلىرى ھاۋانىڭ ئىسسىشى ئادەمنىڭ جىسمانىي كۈچىنىڭ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، كۈز كۈنلىرى قۇرغاق بولسا، بەدەننىڭ جىسمانىي كۈچنىڭ خورىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، قىش كۈنلىرى مېلاتونىننىڭ (褪黑素) ئاجرىتىپ چىقىرىش مىقدارى ئېشىپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئادەم مېلاتونىننىڭ تەسىرىدە تېخىمۇ ئۇيقۇسىراپ كېتىدۇ.
2. ياستۇق بەك پەس ياكى بەك ئېگىز بولۇپ كېتىش
فىزىيولوگىيەلىك نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ياستۇقنىڭ ئېگىزلىكى 8~12سانتىمېتىرغىچە بولسا مۇۋاپىق. ياستۇق بەك پەس بولۇپ قالسا، مېڭىگە ئېقىپ كىرىدىغان قان بەك كۆپ بولۇپ كېتىپ، ئىككىنچى كۈنى بېشى قېيىش، قاپىقى ئىششىش كېلىپ چىقىدۇ. ياستۇق بەك ئېگىز بولۇپ كەتسە، نەپەس يولىغا تەسىر يېتىپ، ئاسانلا خورەك تارتىدۇ. مۇشۇنداق داۋاملىشىۋەرسە، ئاسانلا بويۇن قىسىمى بىئارام بولۇپ، ئۇيقۇ سۈپىتىگە تەسىر يېتىدۇ.
3. ئۇخلاشتىن بۇرۇن بەك تويۇپ كېتىش
تاماقنى بەك كۆپ يەۋەتسە، ئۇيقۇغا تەسىر قىلىدۇ. كەچلىك تاماقنى بەك تويۇپ يېگەندە، ئاشقازان، ئۈچەينىڭ يۈكى ئارتىپ، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ئاستىلاپ، يېمەكلىك بەدەندە يىغىلىپ قېلىپ، چوڭ مېڭىنى غىدىقلاپ، ئۇيقۇغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.
4. بېشىنى ئىچىگە تىقىپ ئۇخلاش
بېشىنى ئىچىگە تىقىپ ئۇخلاش ئادىتى سالامەتلىككە زىيانلىق. بۇنداق ئۇخلاش نەپەس راۋان بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، يوتقاننىڭ ئىچىدە ھاۋا ئۆتۈشمەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن چوڭ مېڭىگە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئۇيقۇغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17854444.shtml