خانىم قىزلارھامىلدارلىق بىلىملىرىھامىلە مەزگىلىدە قاندىكى قەنت (شىكەر) قىممىتى قانچە بولسا نورمال بولىدۇ؟

ھامىلە مەزگىلىدە قاندىكى قەنت (شىكەر) قىممىتى قانچە بولسا نورمال بولىدۇ؟

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

ھامىلىلىكتە قاندىكى قەنت (شىكەر) قىممىتى تۆرەلمە بوۋاقنىڭ يىتىلىشىگە مۇھىم رول ئوينايدۇ. شۇڭا بۇ مەزگىلدە، قاندىكى بۇ قىممەتنى نورمال بىر ئارىلىقتا تۇتۇشقا تىرىشىمىز.  نورمال ھاياتتا، ئاچ قورساق ۋە توق قورساق ۋاقىتتا قاندىكى قەنت (شىكەر) قىممىتىنى ئۆلچەش ئۇسۇلىنى ئېلىپ بارىمىز.

ھامىلە ئايالنىڭ ئاچ قورساق قاندىكى قەنت (شىكەر) قىممىتى قانچە بولسا نورمال بولىدۇ؟

ھامىلە ۋاقىتتىكى ئاچ قورساق قاندىكى شىكەر قىممىتىنى ئۆلچەش ئۈچۈن ئامال بار كېچە ئۇخلاپ ئەتتىگەن قوپقاندا قورساق ئاچ ۋاقىتتا ئۆلچسە ئەڭ توغرا نەتىجە چىقىدۇ. بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى يېرىم كېچىدە قوپۇپ بىرەر نەرسە يىمىگەن بولۇشى كېرەك.

ئەتتىگەنلىك تاماقتىن بۇرۇنقى ھامىلە ئاچ قورساق قاندىكى قەنت  (شىكەر) نىڭ نورمال قىممىتى :

60-90 mg/dl
( 3.3 – 5.0 mmol/L )

 

چۈشلۈك ۋە ئاخشام تاماقلىرى ئالدىدىكى ھامىلە ئاچ قورساق قاندىكى قەنت (شىكەر) نىڭ نورمال قىممىتى :

60-105 mg/dl
( 3.3 – 5.8 mmol/L )

 

ھامىلە توق قورساق قاندىكى قەنت  (شىكەر)  قىممىتى قانچە بولسا نورمال بولىدۇ؟

ھامىلە توق قورساق ۋاقىتتىكى قاندىكى قەنت (شىكەر)  قىممىتىنى تاماق تۇنجى ئېغىز يىيىشتىن  كېيىن 2. سائىتىدە ئۆلچەش كېرەك.

ھامىلە توق قورساق ۋاقىتتىكى قاندىكى قەنت (شىكەر)  قىممىتى :

120-130 mg/dl
( 6.7-7.2  mmol/L )

 

ئوخشىمىغان بىرلىكتىكى قاندىكى قەنت (شىكەر) قىممەتلىرىنى يېزىپ قويدۇق. ئەگەر بۇ جەھەتتە قايمۇقۇپ قالسىڭىز، تۆۋەندىكى ھىساپلىغۇچتا قان قەنت (شىكەر) ئۆلچىگۈچ ئەسۋابىڭىزدىكى چىققان نەتىجىنى تۆۋەندىكى ئادرىستىكى بىز تەييارلىغان قىممەت ئالماشتۇرۇش ماشىنىسى بىلەن ئالماشتۇرۇپ كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ.

دوختۇرلار قان شىكەر قىممەت بىرلىكى ئالماشتۇرۇش ماشىنىسى

https://dohturlar.com/sinaq/qan-shiker-qimmiti-birliki-almashturush-mashinisi.html

ئەگەر ھامىلە خانىملا،  قاندىكى قەنت (شىكەر) قىممىتىنى بىر قانچە قېتىم ئۆلچەش نەتىجىسىدە، يۇقارىدا بېرىلگەن ئارىلىقلاردىن ئېشىپ كېتىش ياكى تۆۋەن بولۇپ كېتىش ئەھۋاللىرى بولسا، كېچىكتۈرمەي مۇنتىزىم ئاياللار ۋە تۇغۇت بۆلۈمىگە بېرىپ تەكشۈرتۈپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

 

ھامىلە ئاياللارغا قارىداندا، ساغلام كىشىلەرنىڭ قان قەنت شىكەر قىممىتى سەل ئوخشىمايدىغان يەرلىرى بولىدۇ. قىززىقسىڭىز تۆۋەندىكى ماقالىنى كۆرۈپ بېقىڭ.

كىشىلەرنىڭ قاندىكى قەنت (شىكەر) قىممىتى قانچە بولسا نورمال بولىدۇ؟

كىشىلەرنىڭ قاندىكى قەنت (شىكەر) قىممىتى قانچە بولسا نورمال بولىدۇ؟

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزكۈر مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-01-07

مەزكۈر مەزمون ئاخىرقى قېتىم يېڭىلانغان ۋاقىت: 2021-01-07 / 08:29:47 / PM (+03)

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇرۇش

Please enter your comment!
Please enter your name here

يېقىنقى مەزمونلار

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ

مۇندەرىجە