ھامىلىدارلىق مەزگىلى ھەر بىر ئايال ئۈچۈن ئالاھىدە ۋە ھاياجانلىق بىر باسقۇچ بولسىمۇ، بۇ مەزگىلدە بەدەندە يۈز بېرىدىغان ئۆزگىرىشلەر سەۋەبىدىن بەزى خەتەرلەرگە دۇچ كېلىش ئېھتىماللىقىمۇ ئاشىدۇ. بۇ خەتەرلەرنىڭ بىرى يىقىلىپ چۈشۈشتۇر. تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ يىقىلىپ چۈشۈش نىسبىتى باشقا ئاياللارغا قارىغاندا 2.3 ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ. گەرچە كۆپىنچە يىقىلىپ چۈشۈشلەر ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارمىسىمۇ، ھەر قانداق ئەھۋالدا نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى ۋە قاچان دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەكلىكىنى بىلىش ئىنتايىن مۇھىم.
نېمە ئۈچۈن ھامىلىدار ئاياللار يىقىلىپ چۈشۈشكە ئاسان ئۇچرايدۇ؟
ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە بىر قانچە فىزىئولوگىيىلىك ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىدۇ، بۇلار يىقىلىپ چۈشۈش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ:
- ئېغىرلىق مەركىزىنىڭ ئۆزگىرىشى: ھامىلىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئايالنىڭ ئېغىرلىق مەركىزى ئالدىغا يۆتكىلىدۇ، بۇ بەدەننىڭ تەڭپۇڭلۇقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
- بوغۇملارنىڭ بوشىشى: ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە «رىلاكسىن» دەپ ئاتىلىدىغان ھورمون ئاجرىلىپ چىقىدۇ، بۇ ھورمون تۇغۇتقا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن داس بوشلۇقىدىكى بوغۇم ۋە پەيلەرنى بوشىتىدۇ. بۇ خىل بوشاش پۇت ۋە تىز بوغۇملىرىنىڭ مۇقىملىقىنى تۆۋەنلىتىپ، يىقىلىپ چۈشۈش ئېھتىماللىقىنى ئاشۇرىدۇ.
- تۆۋەن قان بېسىمى ۋە قاندىكى شېكەرنىڭ تۆۋەنلىشى: بۇ ئەھۋاللار باش قېيىش ۋە ھۇشسىزلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
- ھاردۇق ۋە كۆڭۈل ئېلىشىش: ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى ھاردۇق ۋە كۆڭۈل ئېلىشىش ئاياللارنى ھالسىز ۋە دىققىتى چېچىلاڭغۇ قىلىپ قويىدۇ.
يىقىلىپ چۈشكەندىن كېيىن نېمە قىلىش كېرەك؟
يىقىلىپ چۈشكەن ئەھۋالدا، ئالدى بىلەن جىددىيلەشمەسلىك كېرەك. ئالدىراپ ئورنىدىن تۇرۇشقا ئۇرۇنماسلىق لازىم.بىر نەچچە مىنۇت ئۆزىڭىزنى تەكشۈرۈپ، ئاغرىق ياكى باشقا بىنورماللىق بار-يوقلۇقىنى ھېس قىلىڭ. ئەگەر ئۆزىڭىزنى نىسبەتەن ياخشى ھېس قىلسىڭىز، ئاستا-ئاستا، بىرەر نەرسىگە ياكى كۈچلۈك بىرسىنىڭ ياردىمىغا تايىنىپ ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ.
قاچان دەرھال دوختۇرغا بېرىش كېرەك؟
تۆۋەندىكى ئەھۋاللار كۆرۈلگەندە، دەرھال دوختۇرغا ياكى جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە بېرىڭ ۋەيا جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىسى چاقىرىڭ:
- بالىياتقۇغا تولغاق كىرىش ياكى قورساق ئاغرىقى: بۇ بالدۇر تۇغۇشنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن.
- جىنسىي يولدىن قان ياكى سۇ كېلىشى: بۇ تۆرەلمە پەردىسىنىڭ يېرىلغانلىقىنىڭ ياكى بالىياتقۇ بوشلۇقىدىن ئاجرىلىپ كەتكەنلىكىنىڭ بەلگىسى بولۇشى مۇمكىن.
- ھامىلىنىڭ ھەرىكىتىنىڭ ئازىيىشى ياكى توختاپ قېلىشى: ھامىلىنىڭ ھەرىكەت قىلىش رىتىمى ۋە كۈچلۈك ئاجىزلىقىغا دىققەت قىلىپ بېقىڭ.
- قورساق قىسمىغا بىۋاسىتە زەربە يېيىش: قورساق قىسمىنىڭ ئۈستىگە بىۋاسىتە يىقىلىپ چۈشۈش ئەڭ خەتەرلىك.
- قاتتىق ئاغرىق، باش قېيىش ياكى ھۇشسىزلىنىش.
- ئەگەر سىزنىڭ قان تىپىڭىز Rh مەنپىي بولسا: ھەر قانداق يىقىلىشتىن كېيىن دوختۇرغا كۆرۈنۈش زۆرۈر، چۈنكى ئىچكى قاناش ئەھۋالىدا، بوۋاقنىڭ قېنى ئانىنىڭ قان ئايلىنىشىغا ئۆتۈپ كېتىشى ۋە قان ئۇيۇشماسلىق ئەھۋالى كۆرۈلۈپ، ھاياتى خەۋپى بولۇشى مۇمكىن، بۇ ئەھۋالدا ئاياللار جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدە RhoGAM ئوكۇلى ئۇرغۇزۇش كېرەك.
يىقىلىپ چۈشۈشنىڭ ئانا ۋە ھامىلىگە بولغان خەۋپى
گەرچە ھامىلە بالىياتقۇنىڭ قېلىن مۇسكۇللىرى ۋە ھامان سۇيۇقلۇقى تەرىپىدىن ياخشى قوغدالسىمۇ، ئېغىر دەرىجىدىكى يىقىلىپ چۈشۈشلەر بەزى ئېغىر ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن:
- بالىياتقۇ بوشلۇقىدىن ئاجرىلىپ كېتىش (Placental abruption): بۇ جىددىي ئەھۋال بولۇپ، بالىياتقۇنىڭ ئىچكى دىۋارىدىن ئاجرىلىپ كېتىشىنى كۆرسىتىدۇ، بۇ ھامىلىگە ئوكسىگېن ۋە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
- بالدۇر تۇغۇش: يىقىلىشنىڭ زەربىسى بالىياتقۇنىڭ قىسقىرىشىنى قوزغىتىپ، بالدۇر تۇغۇشقا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.
- ئانىنىڭ سۆڭىكى سۇنۇش ياكى باشقا جاراھەتلىرى.
- ھامىلىنىڭ باش سۆڭىكىنىڭ زەخىملىنىشى (ئەمما بۇ ئەھۋال ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ).
- ئانا ۋە بوۋاقتا ئىچكى قاناش.
ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە يىقىلىپ چۈشۈش ئادەتتە چوڭ خەتەر تۇغدۇرمايدۇ، چۈنكى بۇ مەزگىلدە بالىياتقۇ داس بوشلۇقىنىڭ ئىچىدە ياخشى قوغدالغان بولىدۇ. ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى پەسىللەردە، بولۇپمۇ قورساققا بىۋاسىتە زەربە يەتكەندە خەتەر تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ.
يىقىلىپ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى
يىقىلىپ چۈشۈش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللىنىش مۇھىم:
- مۇۋاپىق ئاياغ كىيىش: تۈز، تېيىلمايدىغان، راھەت ئاياغلارنى تاللاش كېرەك. ئېگىز پاشنىلىق ئاياغلاردىن ساقلىنىڭ.
- مۇھىت بىخەتەرلىكى: ئۆي ئىچى ۋە سىرتىدىكى يوللارنى رەتلىك ۋە قۇرغاق تۇتۇڭ. پەلەمپەيلەردە تۇتقۇچنى ئىشلىتىڭ. يۇيۇنۇش ئۆيىگە تېيىلىشتىن ساقلايدىغان گىلەم سېلىڭ.
- ئاۋايلاپ ھەرىكەت قىلىش: ئورنىدىن تۇرغاندا ياكى ئولتۇرغاندا ئالدىرىماڭ. ئېغىر يۈك كۆتۈرۈشتىن ساقلىنىڭ.
- تەڭپۇڭلۇقنى ياخشىلايدىغان مەشىقلەر: دوختۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن ھامىلىدارلارغا ماس كېلىدىغان يېنىك دەرىجىدىكى مەشىقلەرنى قىلىش، مەسىلەن مېڭىش، سۇ ئۈزۈش ياكى ھامىلىدارلار يوگاسى قاتارلىقلار تەڭپۇڭلۇقنى ياخشىلاشقا ياردەم بېرىدۇ.
- ساغلام تۇرمۇش ئادىتى: يېتەرلىك سۇ ئىچىش ۋە قان شېكىرىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن قەرەللىك ئوزۇقلىنىش باش قېيىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە يىقىلىپ چۈشۈش كۆپ ئۇچرايدىغان ئەھۋال بولسىمۇ، كۆپىنچە ئەھۋالدا ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ. ئەڭ مۇھىمى، ھەر قانداق يىقىلىشتىن كېيىن ئۆزىڭىزنىڭ ۋە ھامىلىنىڭ ئەھۋالىغا يېقىندىن دىققەت قىلىش ۋە گۇمانلىق ئەھۋاللار كۆرۈلگەندە دەرھال مۇنتىزىم دوختۇردىن مەسلىھەت ئېلىڭ.