رەسىملەر40 ھەپتە ھامىلدارلىقھامىلىلىكنىڭ 12-ھەپتىسى - 12 ھەپتە ھامىلدارلىق (ھەقىقىي ھامىلەلىكنىڭ 10-ھەپتىسى)

ھامىلىلىكنىڭ 12-ھەپتىسى – 12 ھەپتە ھامىلدارلىق (ھەقىقىي ھامىلەلىكنىڭ 10-ھەپتىسى)

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

ھامىلىلىكنىڭ 12-ھەپتىسى

(ھەقىقىي ھامىلىنىڭ 10-ھەپتىسى)

تۆرەلمە بوۋاق 3 سانتىمېتىر ئەتراپىدا دىسەك بولىدۇ. باش قىسمى بەدەننىڭ باشقا يەرلىرىگە قارىغاندا داۋاملىق ئىتتىك تەرەققىي قىلىدۇ. باش قىسمى بەدەننىڭ باشقا ئورگانلىرىدىن چوڭ بولىدۇ. قوللىرىنى ئېگەلەيدۇ، پۇت قول بارماقلىرى بىربىرىدىن ئايرىلىدۇ. تېرىسى سۈزۈك ئىنچىكە بولغاچقا، بىخ شەكىلدىكى ئىچكى ئورگانلارنى بولۇپمۇ ئومۇرتقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ناھايىتى ئىنچىكە بولغان قۇلاق يوللىرى ئاستا ئاستا شەكىللىنىشكە باشلايدۇ.

بالىياتقۇ، ھامىلە بولمىغان ۋاقىتىڭىزغا قارىغاندا 2 ھەسسە چوڭىيىپ بولىدۇ. ئەگەر تۇنجى ھامىلە بولسىڭىز، بەلكىم قوسقىڭىز يەنىلا يوغىنىمىغاندەك ھىس قىلىشىڭىز مۇمكىن. ئەمما بەدىنىڭىز ئاز تولا ئىششىغاندەك ھىس قىلىسىز، بۇرۇن چىپ كىلىدىغان كىيىملىرىڭىزگە بەلكىم پاتمىغاندەك ھىس قىلىسىز. بۇ ھەپتىلەردىن باشلاپ ئاستا ئاستا ھامىلە كېيىملىرىنى تاللاشقا باشلىسىڭىز بولىدۇ. ئۆي تازىلىغاندا ئاسانلا ھارىدىغان بولۇپ قالىسىز.

بۇ ھەپتىلەردە بوۋاقنىڭ يۈرەك سوقۇشىنى دوپلېر ئۇلتائاۋازلىق تەكشۈرۈشلەردە ئاڭلىغىلى، ئۇلترائاۋازلىق تەكشۈرۈشتە بوۋاقنىڭ بار يوقلۇقى، بوۋاقنىڭ قان ئايلىنىشى بار يوقلۇقى بىلگىلى بولىدۇ.

قوشۇمچە بىلىم: ئالدىنقى 3 ئاي بوۋاقنىڭ بەدىنى، ھەرقايسى ئورگانلىرىنىڭ شەكىللىنىدىغان دەۋرى، شۇڭا بۇ 3 ئايدا غەيرىلىك بولۇش ئىھتىماللىقى كېيىنكى ئايلارغا قارىغاندا يۇقىر بولىدۇ.

بۇ ھەپتىلىك كىچىك تەۋسىيەلەر:

1. يېنىك ھامىلە چېنىقىش ھەرىكەتلىرىنى قىلىپ بەرسىڭىز سىزگە پايدىسى بولىدۇ.
2. تۆمۈر ماددىسىنى تولۇقلايدىغان يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىڭ. چۈنكى بوۋاق سىزدىن ۋىتامىن، قان تەلەپ قىلىدۇ. تۆمۈر بولمىسا بوۋاققا قان يىتىشمەي قالىدۇ. تۆمۈر ماددىسى كۆپ يېمەكلىكلەر ئورۇق گۆش، پالەك، پىدىگەن، قۇرۇق مىۋىلەر، تۇخۇم، پۇرچاق، نوقۇت، چىلان، سالمون بىلىقى… قاتارلىقلار.
3. مۇنتىزىم دوختۇر بۇيرۇغان، كۈندىلىك ئىستىمال قىلمىسا بولمايدىغان دورىلارنى ۋاقتىدا ئىشلىتىشكە ئەھمىيەت بېرىڭ.

بۇنىڭدىن سىرت ئالدىنقى ھەپتىلەردە قىلىنغان تەۋسىيەلەرنىمۇ كۆرۈپ بېقىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزكۈر مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-07-24

مەزكۈر مەزمون ئاخىرقى قېتىم يېڭىلانغان ۋاقىت: 2021-12-05 / 06:16:26 / PM (+03)

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇرۇش

Please enter your comment!
Please enter your name here

يېقىنقى مەزمونلار

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ

مۇندەرىجە