ئانا سەھىپەخانىم قىزلارھامىلىدارلىق بىلىملىرىھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئاق خۇننىڭ كۆپىيىپ كېتىشى نورمالمۇ؟

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئاق خۇننىڭ كۆپىيىپ كېتىشى نورمالمۇ؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

سوخۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئاياللار ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن بەدىنىدە ھەر خىل مەسىلىلەر كۆرۈلىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ھامىلىدار ئاياللارنىڭ پىسخىكىسىدا ناھايىتى زور بېسىم پەيدا بولىدۇ، بولۇپمۇ تۇنجى قېتىم ھامىلىدار بولغان ئانىلار كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى بەزى كىچىك سالامەتلىك ئەھۋاللىرىغا ئانچە كۆڭۈل بۆلمەسلىكى مۇمكىن، ئاق خۇن كۆپ كېلىش گەرچە كۆپ كۆرۈلىدىغان ئاياللار كېسەللىكى بولسىمۇ، ئەمما ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە بۇ نورمال ئەھۋالمۇ؟

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئاق خۇننىڭ كۆپىيىپ كېتىشى نورمالمۇ؟

ئادەتتىكى ئەھۋالدا ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئاياللاردىكى ئاق خۇن كۆپىيىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا رەڭگى ئادەتتىكىدىنمۇ قېنىقراق بولۇشى مۇمكىن، بۇ بىر خىل نورمال فىزىيولوگىيەلىك ھادىسە. چۈنكى ئاياللار ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن تۇخۇمدان تېخىمۇ كۆپ ئانىلىق ھورمۇن ئاجرىتىپ چىقىرىپ تۆرەلمىنىڭ ئورۇنلىشىش ۋە يېتىلىشىنى ساقلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بالىياتقۇ بوينى ۋە جىنسىي يول شىللىق پەردىسى ھامىلىدارلىق ھورمۇنىنىڭ تەسىرىدە تېخىمۇ كۆپ شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ۋە تۆكۈلگەن ھۈجەيرىلەر ئارقا-ئارقىدىن ئېقىپ چىقىدۇ، شۇڭا بۇ خىل ھالەتتىن ئاياللار بەك قورقۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

 

ئانىلار ئاق خۇننىڭ كۆپىيىپ كېتىشىنى قانداق پەرقلەندۈرۈش كېرەك؟

1. ئاق خۇننىڭ ھالىتى

ئەگەر ھامىلىدار ئانىلار ئاق خۇننىڭ كۆپىيىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاق خۇننىڭ سۇلۇق، يېپىشقاق ياكى مەلھەمسىمان ھالەتتە ئىكەنلىكىنى بايقىسا، بۇنىڭغا دىققەت قىلىشى كېرەك، چۈنكى بۇ زەمبۇرۇغلۇق جىنسىي يول ياللۇغى يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىققان بىنورمال ئەھۋال بولۇشى مۇمكىن.

2. ئاق خۇننىڭ پۇرىقى

نورمال، ساغلام ئاق خۇننىڭ پۇرىقى بولمايدۇ، ئەمما جىنسىي يول ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان ئاق خۇندا ھەر خىل غەلىتە پۇراق بولىدۇ، ئەڭ تىپىك بولغىنى سېسىق پۇراقتۇر. بۇنداق ۋاقىتتا ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىش كېرەك، بولۇپمۇ ھامىلىدار ئاياللار بۇنى كەينىگە سۆرەشكە تېخىمۇ بولمايدۇ.

3. ئاق خۇننىڭ رەڭگى

نورمال ئاياللاردىكى ئاق خۇن ئاق رەڭدە بولىدۇ، ئەمما ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن سەل سېرىق رەڭدە كۆرۈنىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى نورمال ئەھۋال. ئەمما ھامىلىدار ئاياللار ئاق خۇننىڭ سېرىق، يېشىل، كۈل رەڭ، قان ئارىلاش ئىكەنلىكىنى بايقىسا، تامچە قۇرتتىن يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىققان جىنسىي يول ياللۇغىدىن ھوشيار بولۇشى كېرەك. چۈنكى تامچە قۇرتتىن ئىبارەت بۇ تۈردىكى باكتېرىيەلەر ئوكسىگېن كەمچىل مۇھىتتا ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ، شۇنداقلا يەنە جىنسىي ھەرىكەت ياكى شەخسىي يۇيۇنۇش بۇيۇملىرى ئارقىلىق يۇقۇملىنىدۇ. شۇڭا ھامىلىدار ئاياللار دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالانغاندىن سىرت، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئۆزىگە تەۋە بولغان شەخسىي يۇيۇنۇش بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىپ، يۇقۇم مەنبەسىنى توسۇشى كېرەك.

مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/18031013.shtml

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: [ppdate]

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: [wpv-post-modified format="Y-m-d / h:i:s"]

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ