مەيلى سىزنىڭ خىزمىتىڭىز ، كەسپىڭىز ، جەمىيەتتىكى ئورنىڭىز قانداق بولۇشتىن قەتئىنەزەر تۆۋەندىكى 10 جەﮬەتتىن دېققەت قىلسىڭىزلا باشقىلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشەلەيسىز .
1. مېڭىش – تۇرۇش ﮬالىتى توغرا ، چىرايلىق ۋە سالاپەتلىك بولۇشقا دېققەت قىلىش :
2. خىزمەت خارەكتىرىگە ماسلاشتۇرۇپ ياسىنىش ، چۈنكى ئاددى ﮬەم مۇۋاپىق ياسىنىش ئادەمنى تېخىمۇ گۈزەل كۆرسىتىدۇ ئەمەسمۇ ….؛
3. گىرىمنى تەبئىي قىلىش ئاشۇرۋەتمەسلىك ؛
4. ئەگەر خىزمەت ئېھتىياجى بولمىسا خىزمەت ۋاقتىدا ئالتۇن زىبۇ زىننەت ، ئۈنچە مارجانلارنى زىيادە كۆپ ئېسۋالماسلىق ؛
5. ئائىلە ئىشلىرى ۋە شەخسى تۇرمۇش بىلەن خىزمەتنى ئېنىق ئايرىش ؛
6. جىنسى پەرقىتىن پايدىلىنىپ ئەرلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىشقا ئۇرۇنماسلىق ؛
7. سۆزلىگەندە تىلى گۈزەل ئەدەبلىك بولۇشقا دېققەت قىلىش ؛
8. خىزمەتتە گوروﮬۋازلىق ﮬەركەتلىرىدىن يىراق تۇرۇش ؛
9. ئىجتىئائى ئالاقە ، زىياپەت ، توي تۆكۈنلەردە ئۆزىنى تەمكىن تۇتۇش ، قائىدە يۇسۇنلۇق بۇلۇش ، ئاياللارغا ماس كەلمەيدىغان سورۇنلاردىن ئۆزىنى تارتىش ؛
10 . ئېسىڭىزدە بولسۇنكى سىز بىر ئاياللىق سالاﮬىيتىڭىز بىلەن ئۆزىڭىزدە يۈكسەك بىر غايە تىكلەڭ ، چۈنكى سىز نوقۇل ﮬالدا ئايال كىشىلا ئەمەس بەلكى جەمىيەتتە ياشاۋاتقان بىر ئادەم ؛