ئادەتتە، كۆپىنچە كىشىلەر كۆڭۈلدىكىدەك جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشنىڭ ياخشى پەيتلىرىگە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىشىدۇ
بەزىلەر ھاراق ئىچكەندىن كېيىن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ھەتتا بەزىلەر ھاراقتىن كېيىن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغاندا جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ، دەپ قارىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە ھاراق ئىچىپ مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن ۋاقىتتا ئەرلەرگە بولغان زىينى ئېغىر بولىدۇ.
بىرىنچى: جىنسىي قوزغىلىش بولغاندا، جىنسىي تۇرمۇشقا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئەزالاردا قان تولۇش ئەڭ كۆپ بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ھاراق تەركىۋىدىكى زەھەرلىك ماددىلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئەزالارغا كىرشى ئادەتتى ۋاقىتتىكىدىن ھەسسىلەپ ئاشىدۇ، زىيىنى ئېغىر بولىدۇ، ئاخىرىدا جىنسىي ئەزالاردا ھەرخىل جىنسىي كېسەللىكنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولىدۇ.
ئىككىنچى: ئەگەر مۇشۇ پەيتلەردە ئايال كىشى ھامىلىدار بولۇپ قالسا، سۈپەتلىك پەرزەنىت كۆرۈشكە تەسىر يېتىدۇ. ساغلام بىر ئۇرۇقنىڭ پىشىپ يىتىلىشى ئۈچۈن ئۈچ ئاي يەنى(75) كۈن ۋاقىت كېتىدۇ.
شۇڭا سۈپەتلىك پەرزەنىت كۆرۈش ئۈچۈن ئۈچ ئاي ھاراقتىن پەرىز تۇتۇش تەشەببۇس قىلىنىدۇ.
ئۈچىنچى: داۋاملىق ھاراق ئىچىپ مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە، ئايال تەرەپنىڭ غەيرى پۇراقتىن بىزارلىق كەيپىياتى شەكىللىنىپ، ئايالىنىڭ جىنسىي تۇرمۇشتىن ھۇزۇرلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا ئائىلىنىڭ ئىناقلىقىغا تەسىر يېتىدۇ.