كۆڭۈللۈك جىنسىي مۇناسىۋەت ئىنسانىيەتنىڭ نورمال فىزىيولوگىيەلىك ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ساغلام ئەر-خوتۇنلارنىڭ پىسخولوگىيەلىك ئارزۇسىدۇر ئۇ ئەر-خوتۇنلارنىڭ مۇھەببىتىنى قويۇقلاشتۇرۇپلا قالماي، يەنە ئەر-خوتۇن ئىككى تەرەپنىڭ زىددىيىتىنى، كۆڭۈل تۈگۈنلىرىنى يوقىتىپ، ئائىلە تۇرمۇشىنى بېيىتىدۇ بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ قەلبىدە مۇھەببەت غۇنچىلىرى ئېچىلىدۇ ئۇنىڭدىن باشقا، جىنسىي مۇناسىۋەت ئەر-خوتۇنلارنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈنمۇ پايدىلىق
ھازىرقى زامان مېدىتسىنا تەتقىقاتى جىنسىي مۇناسىۋەت جەريانىدا سەرپ بولىدىغان ئىسسىقلىق، سۇ تەركىبى ۋە ئاز مىقداردىكى ئاقسىل، مىكرو ئېلېمىنلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى غىزالىنىش ئارقىلىق پۈتۈنلەي تولۇقلىنىپ كېتىدىغانلىقىنى قايتا-قايتا ئىسپاتلىدى. ئوزۇقلۇق مىقدارى ئېشىپ كەتكەن كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، جىنسىي مۇناسىۋەت بەدەندە ئۇزاقتىن بېرى ساقلىنىپ قالغان ئارتۇق ئىسسىقلىقلارنى خورىتىپ، ئورگانىزمنىڭ ماددا ئالمىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
چۈنكى، جىنسىي مۇناسىۋەتتە مۇسكۇللارنىڭ ھەرىكىتى كۆپ، قاننىڭ ئايلىنىشى تېز بولۇپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا ئىسسىقلىقنىڭ سەرپ قىلىنىشى ئادەتتىكى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىدىن كۆپ بولىدۇ. كۆڭۈلنىڭ خۇش بولۇش دەرىجىسىمۇ ھەرقانداق كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىدىن يۇقىرى بولىدۇ. ئادەم ھاياجانلانغان ۋاقىتتا بەدەننىڭ ئىچكى قىسمىدا سالامەتلىككە پايدىلىق بولغان بىيو خىمىيەلىك ماددا ئىشلەپچىقىرىلىپ، بەدەننىڭ ھەرقايسى ئەزالىرىنىڭ فىزىيولوگىيەلىك ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئادەم بەدىنىنىڭ كۆپىيىش ئەزالىرىمۇ ئورگانىزم ئىچىدىكى باشقا ئەزالارغا ئوخشاش مۇۋاپىق چېنىقىشقا موھتاج. شۇڭا، ئىنسان جىنسىي مۇناسىۋەتتە ئۆزىنى ئۇزاق مەزگىل تورمۇزلىۋالسا، جىنسىي گارمون ئاجرىتىش قابىلىيىتى كۈنسېرى تۆۋەنلەپ، جىنسىي قابىلىيىتىمۇ توسالغۇغا ئۇچرايدۇ.دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ئىلگىرى ھەر ئىككى تەرەپ سىرتقى جىنسىي ئەزاسىنى پاكىز يۇيۇشى، جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ ئالدى-كەينىدە ئۆزئارا ماسلىشىشى، ئۆزئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلىشى كېرەك. ئاياللار ھەيز، تۇغۇت مەزگىلىدە، ئەرلەر ھاراق ئىچكەندىن كېيىن، شۇنداقلا زىيادە چارچاپ كەتكەن چاغلاردا جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمەسلىك كېرەك.