«ھەكىملەرخۇلاسىسى» دىن جەۋھەرلەر
«خۇلاسەت ئەل – ھۆكۈما»
ھافىز كالانى
ھەكىملەرنىڭ بىر قارارغا كېلىشىچە:
ئادەمنىڭ جان – تېنىگە تۆت نەرسە چوڭ زىيان يەتكۈزىدۇ:
(1) كۆپ يېيىش
(2) كۆپ سۆزلەش
(3) كۆپ جىما قىلىش.
(4) كۆپ ئىچىش.
ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئىنسان ئۈچۈن ئاز يەپ، ئاز ئىچىشتىن پايدىلىقراق دورا يوق.
ئادەم كۆپ يېسە، كۆپ ئۇخلىسا يۈزى ساغىرىپ كېتىدۇ،بەدىنى ئاجىزلىشىدۇ، كۆڭلى پاراكەندە بولىدۇ ۋە قاپاقلىرى ئىششىيدۇ.
جىمانىڭ كۆپ بولىشىمۇ ئىنسان ئۈچۈن زىيانلىقتۇر. بۇنداق ئادەمنىڭ ئەزالىرىدا سۇسلۇق پەيدا بولۇش بىللە، يۈرىكى ئاجىز، مەيدىسى زەئىپ، كۆزلىرى خىرە، چىرايى سارغايغان بولىدۇ.
كىمكى كۆپ سۆزلىسە، بۇنىڭدىن مېڭىگە نۇقسان يېتىدۇ. سەۋدايى بولۇپ تىز قېرىيدۇ.
ھەكىملەرنىڭ ئورتاق پىكرىچە:
ئاز يېيىش، ئاز ئىچىش ۋە لايىقىدا ئۇخلاش ئىنسان بەدىنىگە سالامەتلىك ئېلىپ كېلىدۇ. شۇنداق يول تۇتۇلسا، تاماق ياخشى ھەزىم بولۇپ، بەدەنگە سىڭىدۇ. بەل قۇۋۋەتلىك، كۆز روشەن، كۆڭۈل يورۇق، ئۆزى خۇشخۇي، ئەستە ساقلاش قابىلىيىتى مۇستەھكەم بولىدۇ.
جالىنۇسنىڭ ئېيتىشىچە:
كىمكى ئىسسىق ھاممامغا چۈشۈپ، بېشىدىن بەك ئىسسىق سۇ قۇيىۋەتسە كۆزىگە زىيان يېتىدۇ. ئەمما يېڭى سېغىۋىلىنغان سۈتنىڭ ئىسسىقلىقى دەرىجىسىدە ئىسسىق سۇ باشتىن قۇيۇلسا مېڭىگە پايدىلىق ۋە مېڭە قېتىقىنىڭ زىيادە بولۇشىغا يارىدەم قىلىدۇ. باش سۆڭەكلىرىگىمۇ پايدىلىقتۇر.
سوقراتنىڭ ئېيتىشىچە:
كىشى قورۇلغان گۆش يەپ،كەينىدىن سۇ ئىچسە، ئاشقازاننىڭ ئاجىزلىشىشىغا سەۋەب بولىدۇ ۋە تائامنىڭ ھەزىم بولىشى قىيىنلىشىدۇ.
كىمكى تاماق يەپ دەرھال ئۇخلىسا، ئويغانغاندا ئۆزىنى تولىمۇ ئېغىر ھىس قىلىدۇ ۋە مەيدە فەساد بىلەن تولىدۇ.
ئادەم ھەر كۈنى ئاز مىقداردا كىشمىش يەپ بەرسە، بەلغەملىك يۆتەل تۈگەيدۇ. كىشمىش بەدەندىكى سەپرانى قوغلايدۇ. ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ياخشىلايدۇ.
ھەكىملەرنىڭ ئورتاق پىكرىچە:
تۆت نەرسە ئادەمنىڭ يۈرىكىگە خۇشھاللىق ئاتا قىلىدۇ:
(1) سايە يەرگە قاراش.
(2) ئېقىن سۇغا قاراش .
(3) چىرايلىق خەتكە قاراش.
(4) گۈزەل چىرايغا قاراش.
مەنبە:
تۇرغۇنجان ئابدۇلئەخەت
تور دۇنياسى