ھامىلىلىكنىڭ 9-ھەپتىسى
ھەقىقىي ھامىلەلىكنىڭ 7 -ھەپتىسى
تۆرەلمە بوۋاق بۇ ھەپتىدە 13-15 مىللىمېتىر بولغان بولۇشى مۇمكىن. بوۋاقنىڭ مېڭىسى، بېشىنىڭ يىتىلىشى، بەدەنگە قارىغاندا ئىتتىك بولىدۇ. نەپەسلىنىش ھەرىكەتلىرى بولىدۇ، ئەمما بۇ ھەرىكەتتە ھاۋا ئەمەس، بەلكى باش سۈيىنى ئىچىپ چىقىرىدۇ. تۆرەلمىنىڭ ئىچى تىشى ئانىنىڭ بالىياتقۇ باش سۈيى بىلەن تولغان بولىدۇ. شۇڭا تۇغۇلغان بوۋاقلار ئادەتتە سۇدىن قورقمايدۇ. تۆرەلمە بوۋاقنىڭ بۆرىكىمۇ ناھايىتى ئىتتىك تەرەققىي قىلىشقا باشلايدۇ.
بوۋاقنىڭ كۆز، قۇلاق، قول، بارماقلىرى خېلى بىر شەكىلگە كىرىپ قالىدۇ. ئەمدى دەسلەپكى بىر بوۋاق دىگۈدەك شەكىلگە كىرىشكە باشلايدۇ.
بالىياتقۇڭىز ئالدىنقى ھەپتىلەرگە قارىغاندا 2 ھەسسە يوغىناپ بولغان بولىدۇيۇ، بۇنى سىز بەك ھىس قىلىپ بولالمايسىز. كىچىك تەرەت قېتىم سانى كۆپ بولىدۇ، قۇرۇق ھۆ تۇتۇش داۋام قىلىدۇ. قۇرۇق ھۆ تۇتۇش بەلكىم يەنە نەچچە ھەپتىدىن كېيىن ئاندىن يوقىشى مۇمكىن. ئەمما كىچىك تەرەتنىڭ كۆپ بولۇشى، تۇغقانغا قەدەر داۋام قىلىدۇ.
گەرچە ئىشتىھارىڭىز ياخشى بولمىسىمۇ، قۇسۇپ چىقىرىۋېتىش ئىھتىماللىقى بولسىمۇ، ئەمما ئوزۇقلۇقنى مول قىلىشقا تىرىشىڭ.
ۋىتامىن د، يوپۇرماق كىسلاتاسى (فولىك ئاسىت)، يۇد، كېسەللىك سەۋەبىدىن ئىستىمال قىلمىسا بولمايدىغان دورىلار توغرىسىدا مۇنتىزىم دوختۇرىڭىزدىن تەپسىلىي مەسلىھەت ئېلىشنى ئۇنۇتماڭ.
بۇنىڭدىن سىرت ئالدىنقى ھەپتىلەردە قىلىنغان تەۋسىيەلەرنىمۇ كۆرۈپ بېقىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.