بەيدۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئاياللارغا نىسبەتەن ھەر ئايدىكى شۇ بىر نەچچە كۈن ئىنتايىن مۇھىم، قىزلار كىچىك ۋاقتىدا بەدىنى بارغانسېرى تەرەققىي قىلىشقا باشلايدۇ، قىزلارغا خاس ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن قىزچاقنىڭ چوڭ بولغانلىقىنى، ئانا بولۇش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، قەدىمكى زاماندا ئائىلىدىكى قىزلارغا ھەيز كەلسە پۈتۈن ئۆيدىكىلەر قىز ئۈچۈن مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ بېرەتتىكەن، شۇلاردىنلا ھەيىزنىڭ ئاياللارغا قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى كۆرىۋالالايمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر ئايدىكى شۇ ئالاھىدە بىر نەچچە كۈندە بەدىنىمىزدە يىغىلىپ قالغان زەھەرلىك ماددىلار چىقىرىۋېتىلىدىغان بولۇپ، بەدەننى تېخىمۇ ساغلام قىلىدۇ.

بالىياتقۇنىڭ ساغلاملىقى ئاياللارنىڭ ھاياتىغا بېرىپ تاقىشىدىغان مۇھىم ئىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ھەر ئايدىكى ئالاھىدە بىر نەچچە كۈندە بەدىنىڭىزدىكى بىر قىسىم ئۆزگىرىشلەرگە دىققەت قىلسىڭىز بالىياتقۇڭىزنىڭ ساغلام ياكى ساغلام ئەمەسلىكىنى بىلەلەيسىز.
1. ھەيز قېنىنىڭ ھالىتى.
نورمال ھەيز قېنى قىزىل، سۇيۇق ھالەتتە بولىدۇ، ئەگەر كاللەك قان پارچىسى، قان رەڭگى قېنىق بولۇش قاتارلىق بىنورماللىق كۆرۈلسە، بالىياتقۇنى سوغۇق ئېلىپ كەتكەن بولىدۇ، بۇنداق چاغدا ھەيز ئاغرىتىپ كېلىدۇ. بالىياتقۇنى سوغۇق ئېلىپ كەتكەن ئاياللار بىردەك سېمىز كېلىدىغان بولۇپ، بولۇپمۇ قورساق قىسمىدىكى گۆشلەر بىرقەدەر كۆپ بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بالىياتقۇنى سوغۇق ئېلىپ كەتكەن ئاياللار ئادەتتىكى ساغلام ئاياللارغا قارىغاندا ئاسانلار قېرىپ كېتىدۇ، كۆز خالتىسى پەيدا بولىدۇ، يۈز قىسمىدا قارا داغ پەيدا بولىدۇ، بۇلار ئۇنچە ئېچىنىشلىق ئەمەس، ئەگەر بالىياتقۇنى سوغۇق ئېلىپ كېتىش ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشسا تۇغماسلىقنى، ئادەت خارەكتېرلىك بويىدىن ئاجراپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭلاشقا بالىياتقۇنى سوغۇق ئېلىپ كېتىش ئىنتايىن قورقۇنچلۇق بىر ئىش.
2. ھەيزنىڭ مىقدارى
نورمال ھەيز مىقدارى 50~30 مىللىلېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ، ئاددىي قىلىپ ئېيتساق ھەر قېتىملىق ھەيز كەلگەن ۋاقىتتا ئىشلەتكەن تازىلىق قەغىزىنىڭ سانى 20~15 تالغىچە بولسا ھەيز نورمال ھېسابلىنىدۇ، ئەگەر بۇنىڭدىن يۇقىرى بولسا بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ ئىنتايىن قېلىن ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭدىن تۆۋەن بولسا بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ نېپىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ھەر قېتىملىق ھەيز كەلگەن ۋاقىتتا شەخسىي تازىلىققا ئالاھىدە دىققەت قىلىش، مىكروبلارنىڭ پۇرسەتتىن پايدىلىنىشىغا يول قويماسلىق لازىم. ئەگەر ئۇزۇن مەزگىل ھەيز مىقدارى ئاز بولسا ۋاقتىدا تېبابەت دورىلىرى بىلەن داۋالىنىش لازىم، بولمىسا پۈتۈن بەدەن ئاجىزلىشىش، ھەيز توختاپ قېلىش، ئېغىر بولغاندا تۇغماسلىقنى كۈلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
3. ھەيزنىڭ دەۋىر ھەپتىلىكى
ئاياللارنىڭ نورمال ھەيز ھەپتىلىكى 28 كۈن بولىدۇ، ئەگەر ھەيز ھەپتىلىكى تۇراقسىز بولسا بالىياتقۇنىڭ تولۇق يېتىلمىگەنلىكىنى، بالىياتقۇدا مەلۇم دەرىجىدە كېسەللىك بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا ئاياللار چوقۇم ساغلاملىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش، ئەگەر داۋاملىق مۇشۇنداق بولسا ئۆزىنى ئاسراشقا، كۈتۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشى، زۆرۈر بولغاندا دوختۇرخانىغا بېرىپ كۆرىنىشى لازىم.
ھەيز كەلگەندە ئاياللار تۆۋەندىكى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىپ بەرسە بالىياتقۇنى ئاسراش، قۇۋۋەتلەش مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ.
1. تەبىئىيتى ئىسسىق بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىش.
ئاياللارنىڭ بالىياتقۇسى سوغۇقتىن ئىنتايىن قورقىدۇ، ئاياللار بالىياتقۇ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىمەن دەيدىكەن چوقۇم تەبىئىتى ئىسسىق بولغان يېمەكلىكلەرنىڭ كۆپرەك يەپ بېرىش لازىم، بۇنداق قىلغاندا بالىياتقۇ ساغلام بولغاندىن سىرت ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش ئالامىتىمۇ ياخشىلىنىدۇ.
2. يۇقىرى كالتىسىيلىق يېمەكلىكلەر
ئادەتتە يۇقىرى كالتىسىيلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىدىغان ئاياللارنىڭ بالىياتقۇ راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن بولىدۇ، ئاللىبۇرۇن بالىياتقۇ كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان ئاياللارغا نىسبەتەن يۇقىرى كالتىسىيلىق يېمەكلىكلەر كېسەللىك ئەھۋالىنى ياخشىلايدۇ، شۇڭلاشقا ئاياللار سۈت، پۇرچاق، تۇخۇم، راك قاتارلىق يۇقىرى كالتىسىيلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بېرىش لازىم.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2025/05/3060898.shtml


