1.ئىزمۇق (سېرىق گۈللۈك ئىزمۇق)يىلتىزىدىن بەش مىسقال ، تاغ دېنىدىن بەش مىسقال ، سېرىق ھاراقتىن بىر سەر ، يىمۇ ساۋدىن بىر سەر ئېلىپ تازىلاپ ، سۇس ئوتتا قاينىتىپ ، كۈنىگە ئىككىقېتىم ئىچىپ بەرسە ، ئاياللاردىكى ھەيىز ئاغرىتىپ كېلىش ، ھەيىز نورمالسىز كېلىش قاتارلىق كېسەللەرگە ئۈنۈملۈك داۋا بولىدۇ .

2.ئىزمۇق يىلتىزىدىن بىر سەر ، زاراڭزا چېچىكىدىن بىر مىسقال ئېلىپ ، پاكىز تازىلاپ ، سۇدا قاينىتىپ كۈنىگە ئىككى قېتىم ئىچىپ بەرسەئاياللاردىكى ئاق خۇن كۆپ كېلىش قاتارلىق كېسەللەرگە ئۈنۈملۈك داۋا بولىدۇ .
3.جۇۋىنە ئۇرۇقى (ئايوۋان مېۋىسى)دىن تۆت مىسقال ، ئارپا بەدىياندىن ئالتە مىسقال ، زەنجىۋىلدىن ئۈچ مىسقال ئېلىپ پاكىزە تازىلاپ ، سۇدا قاينىتىپ ، كۈنىگە ئىككى قېتىم ئىچىپ بەرسە ، پالەچ تارتىشىپ قېلىش ، ئاشقازاننىڭ سوغۇقى ئېشىپ كېتىش ، ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش ، قورساق ئاغرىش ، دوۋساق ۋە سۈيدۈك يوللىرىدىكى تاش چۈشۈرۈش قاتارلىق كېسەللەرگەئۈنۈملۈك داۋا بولىدۇ .
4.بۇ ۋانە (بېيىش)يىلتىزىدىن ئىككى مىسقال ، چاكاندىدىن ئىككى مىسقال ، قىزىلچوغلۇقتىن ئۈچ مىسقال ، چۈچۈكبۇيا يىلتىزىدىن ئىككى مىسقال ، كەترادىن بەش مىسقال ئېلىپ پاكىزە تازىلاپ ، سۇدا قاينىتىپ كۈنىگە ئىككى قېتىم ئىچىپ بەرسە ، رېماتىزىملىق بوغۇم ئاغرىقى ، ئىچكى ئەزالار زەخمىلىنىشتىن بولغان قاناش ، يىقىلىپ يارىلىنىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئۈنۈملۈك داۋا بولىدۇ .