ئانا سەھىپەكېسەللىكلەرسۆڭەك كېسەللىكلىرىبوغۇم ياللۇغىنىڭ تۆت خىل ئالامىتى

بوغۇم ياللۇغىنىڭ تۆت خىل ئالامىتى

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

بوغۇم ياللۇغى قوزغىلىش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان بىر خىل رېماتىزم كېسىلى بولۇپ، قېرىلىق، زەخىملىنىش، ياللۇغ، سېمىزلىك، ماددا ئالماشتۇرۇش توسقۇنلۇققا ئۇچراش ۋە ئىرسىيەت ئامىللىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تېببىي خادىملارنىڭ كۆرسىتىشىچە، بوغۇم ياللۇغىنى بالدۇر بايقاش داۋالاش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم ئىكەن

ئادەتتە بوغۇم ياللۇغىنىڭ ئاغرىش، قېتىۋېلىش، قارسىلدىغان ئاۋاز چىقىش، ئىششىش قاتارلىق ئالامەتلىرى بولىدىكەن. بوغۇم ياللۇغى ئېغىرلىشىپ كەتسە، ھەرىكەت ئىقتىدارىغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن. شۇڭا، تۆۋەندىكى ئالامەتلەر كۆرۈلگەندە ئېھتىيات قىلىش ۋە ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.

1. بوغۇملارنىڭ ھەرىكىتى چەكلىمىگە ئۇچراش:

ئەگەر بەزى بوغۇملار ئەركىن ھەرىكەتلىنەلمىسە، بۇ دەسلەپكى باسقۇچتىكى بوغۇم ياللۇغىنىڭ بېشارىتى بولۇشى مۇمكىن.

2. بوغۇملار قېتىۋېلىش:

بوغۇم ياللۇغى بىمارلىرىدا دائىم پۇت-قوللىرى قېتىشىپ قالغاندەك سېزىم بولىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا ھەم ئۇزۇن ۋاقىت ھەرىكەت قىلماي ئولتۇرغاندىن كېيىن كۆرۈنەرلىك بولىدۇ.

3. بوغۇملار ھەرىكەتلەنگەندە ئاۋاز چىقىش:

بوغۇم ياللۇغى ئېغىرلاشقاندا، كۆمۈرچەك ئىقتىدارىنى يوقىتىدىغان بولغاچقا، ئاستىدىكى سۆڭەك چىقىپ قالىدۇ-دە، بوغۇم ھەرىكەتلەنگەندە سۆڭەك بىر-بىرىگە سۈركىلىپ ئاۋاز چىقىرىدۇ.

4. بوغۇملار ئىششىپ شەكلى ئۆزگىرىش:

بوغۇملارنىڭ شەكلى ئۆزگەرسە بوغۇم پەردىسى ياللۇغلىنىدۇ.

بوغۇم پەردىسىدە نۇرغۇنلىغان نېرۋا ئۇچلىرى بولۇپ، ئاغرىق سېزىمىنى چوڭ مېڭىگە يەتكۈزگەندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ سىلىقلىغۇچى ئاجرالمىلار ئاجرىلىپ چىقىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بوغۇم ئارىلىقىدىكى سۇيۇقلۇق كۆپىيىپ كېتىپ، ئىششىقنى پەيدا قىلىدۇ ۋە قاتتىق ئاغرىيدۇ. ھەتتا بوغۇملارنى ھەرىكەتلەندۈرۈش مۇمكىن بولماي قالىدۇ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-12-27

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-12-27 / 08:14:01

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ