ئەزالارنىڭ مىزاجى
بەدەندىكى ھەرقايسى ئورگانلارنىڭ مىزاجى
ئورگان مىزاج
ھەر بىر ئەزانىڭ ئۆزىگە خاس مىزاجى بىلەن تونۇشۇش ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خاس مىزاجىدا يۈز بېرىدىغان كېسەللىكلەر ئىھتىمالىنى بىلىش، كېسەللىكلەرگە دىئاگنوز قويۇش، داۋالاش چارىلىرىنى مەقسەتكە لايىق تاللاش، داۋالاش ئۈنۈمىنىڭ نەتىجىلىك بولۇشىدا ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئېگە. نۇرمەمەت دوختۇر شۇڭا تۆۋەندە ئەزالارنىڭ مىزاجلىرى ھەققىدە ئايرىم ئايرىم توختىلىمىز:
يۈرەكنىڭ مىزاجى : يۈرەكنىڭ ئەسلى مىزاجى قۇرۇق ئىسسىق بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئۆپكىنىڭ ئارىلىقىدا تۇرغانلىقى ۋە بەدەندىن قايتىپ ئۆپكىدە ھاۋا ئالماشقاندىن كېيىن ئۆز تەركىبىدە روھىي قۇۋۋەت ۋەكىلى بولغان ساپ ھاۋانى دوختۇرلار تورى تۇتقان قان ئۆزلۈكسىز ئايلىنىپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن، يۈرەكنىڭ قۇرۇق ئىسسىقلىق ھالىتى پەسىيىپ، ھۆل ئىسسىقلىق ھالەتكە ئايلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن يۈرەكنىڭ مىزاجى ھۆل ئىسسىق بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.
جىگەر ۋە گۆشلەرنىڭ مىزاجى: جىگەر 4 خىلىتنى پىششىقلاپ ئىشلەپ ئۇلارنى تۈرلەرگە ئاجرىتىش خىزمىتىنى ئۆتەشتىن تاشقىرى، يۈرەكتىن ئېقىپ كېلىۋاتقان قان بىلەن ئوزۇقلىنىپ تۇرغانلىقى ۋە گۆشلەرمۇ يۈرەكتىن دوختۇر تورى بىۋاستە كېلىۋاتقان قان بىلەن بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن، جىگەر ۋە گۆشلەرنىڭ مىزاجىمۇ ھۆلا ئىسسىق بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.
قىزىلئۆڭگەچ، 12 بارماق ئۈچەي، ئىنچىكە ئۈچەيلەر مىزاجى: قىزىل ئۆڭگەچ ئۆپكىنىڭ ئارىلىقىدا يۈرەكنىڭ يېنىدا بولغانلىقى ۋە 12 بارماق ئۈچەي بىلەن ئىنچىكە ئۈچەيگە قۇرۇق ئىسسىق خاراكتىرىدىكى ئۆت سۇيۇقلۇقى چۈشۈپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن قىزىلئۆڭگەچ، 12 بارماق ئۈچەي ۋە ئىنچىكە ئۈچەينىڭ مىزاجى ھۆل ئىسسىق بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.
ئاشقازاننىڭ مىزاجى: ئاشقازاننىڭ ئەسلى مىزاجى ھۆل ئىسسىق بولسىمۇ، لېكىن ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ تەسىرى ۋە تالدىكى سەۋدا خىلىتىنىڭ تەسىرى بىلەن ھۆل سوغۇققا مايىلراق بولىدۇ.
چوڭ ئۈچەي ۋە سۈيدۈك خالتىسىنىڭ مىزاجى: بۇ ئەزالار، ھاياتلىق ئۈچۈن كېرەكسىز بولغان ۋە چىرىگەن ئوفۇنەت پەيدا قىلىدىغان تاشلاندۇقلارنى ۋاقىتلىق ساقلايدىغان يەر بولغاچقا ھەم ئىسسىق مىزاجلىق ئەزالاردىن يىراقراق جايلاشقانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ مىزاجى قۇرۇق سوغۇققا مايىلراق بولىدۇ.
تالنىڭ مىزاجى: تال سەۋدا خىلىتىنى ساقلايدىغان ئەزا بولغانلىقى ئۈچۈن مىزاجى قۇرۇق سوغۇق بولىدۇ.
مېڭە، يۇلۇن، چاۋە ۋە سۇيۇقلۇقلارنىڭ مىزاجى: چوڭ-كىچىك چاۋىلار، مېڭە، يۇلۇن ۋە بەدەننىڭ دوختۇرلار تورى ئەڭ كىچىك بىرلىكلىرى ئارىلىقىدا ساقلىنىۋاتقان سۇيۇقلۇقلار ھەمدە سۆڭەكلەرنىڭ بوغۇم ئارىسىدا ساقلىنىۋاتقان سۇيۇقلۇقلارنىڭ مىزاجى ھۆل سوغۇق بولىدۇ.
سۆڭەك، پەي، كۆمۈرچەك، تارىمۇش، چاندىر، چاچ-تىرناقلارنىڭ مىزاجى: بۇلارنىڭ مىزاجى قۇرۇق سوغۇق ھىساپلىنىدۇ.
ئۆپكىنىڭ مىزاجى: ئۆپكىنىڭ ئەسلى مىزاجى ھۆل سوغۇق بولسىمۇ، دوختۇرلار تورى لېكىن ئۇ داۋاملىق ھەرىكەتلىنىپ تۇرغانلىقى شۇنىڭدەك يۈرەكنىڭ يېنىدا ھەمدە ئارتۇقچە قۇرۇقلۇق ۋە سوغۇقلۇقنىمۇ خالىمايدىغان بىر ئەزا بولغاچقا، مىزاجى ھۆل ئىسسىق بولىدۇ.
تېرىنىڭ مىزاجى: تېرىنىڭ مىزاجى، ھەر بىر شەخىسنىڭ تەبىئىي مىزاجى بىلەن ئوخشاش دەپ دوختۇرلار تورى قارالسىمۇ، لېكىن ئىچكى ۋە تاشقى مۇھىتنىڭ تەسىرىدىن قۇرۇققا مايىل مۆتىدىل مىزاج دەپ قارىلىدۇ.
قولنىڭ مىزاجى: بارلىق ئەزالار ئىچىدە قولنىڭ بولۇپمۇ كۆرسەتكۈچ بارماق ئۇچىنىڭ مىزاجى مۆتىدىل بولىدۇ. دوختۇرلار تورى ئۇنىڭدىن قالسا باشقا بارماقلار ،ئۇنىڭدىن قالسا ئالقان، قول دۈمبىسىنىڭ مىزاجى مۆتىدىلراق بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.
بۆرەكنىڭ مىزاجى: بۆرەك ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىنى ئوراپ تۇرىدىغان ياغلارنىڭ مىزاجى ھۆل سوغۇق بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.
ئۇيغۇر تېبابەت قامۇسى 1-جىلت دىن ئۈزۈندە