ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسى بەدىنىڭىزنىڭ ئىچكى ئالماشتۇرۇشى (ياكى ھورمون تەڭپۇڭلۇقى)، ئېنېرگىيە سەۋىيەسى، كۆپىيىش، ئۆسۈش ۋە تەرەققىيات، شۇنداقلا بەدەننىڭ يارىلانغاندىكى ئىنكاسى، بېسىم ۋە ئەتراپ مۇھىت ئامىللىرىغا بولغان ئىنكاسىنى كونترول قىلىش ۋە ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھورمونلارنى ئىشلەپ چىقىرىدۇ ۋە ئىشلىتىدۇ. تۆۋەندە ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسىدا ئىشلەپ چىقىرىدىغان ھورمونلار ۋە ئىشلەپ چىقىرىش ئورۇنلىرى ۋە ۋەزىپىسى بېرىلدى.
ھورمون ئىشلەپچىقىرىلىدىغان جاي | ئىشلەپچىقىرىلغان ھورمون(لار) | ھورمون ۋەزىپىسى |
---|---|---|
بۆرەك ئۈستى بېزى | ئالدوستېرون (Aldosterone) |
بەدەندىكى تۇز، سۇ تەڭپۇڭلۇقى ۋە قان بېسىمىنى تەڭشەيدۇ |
بۆرەك ئۈستى بېزى | كورتىكوستېرويىد (Corticosteroid) |
بەدەندىكى مۇھىم ۋەزىپىلەرنى كونترول قىلىدۇ؛ ياللۇغلىنىشقا قارشى تۇرىدۇ؛ قان شېكەر دەرىجىسى، قان بېسىمى ۋە مۇسكۇل كۈچىنى ساقلايدۇ؛ تۇز ۋە سۇ تەڭپۇڭلۇقىنى تەڭشەيدۇ |
مېڭە ئاستى بېزى (ھىپوفىز) |
سۈيدۈك توختىتىش ھورمون (سۈيدۈك توساش ھورمون) (Antidiuretic hormone – vasopressin) | بۆرەكنىڭ سۇ تۇتۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ قان بېسىمىنى كونترول قىلىدۇ |
مېڭە ئاستى بېزى (ھىپوفىز) |
ئادرېنوكورتىكوتروپىك ھورمون (Adrenocorticotropic hormone – ACTH) | بۆرەك ئۈستى بېزىنىڭ كورتىكوستېرويىد ئىشلەپچىقىرىشىنى تەڭشەيدۇ |
مېڭە ئاستى بېزى (ھىپوفىز) |
ئۆسۈش ھورمونى (Growth hormone – GH) | بەدەننىڭ ئۆسۈش ۋە تەرەققىياتقا تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ ئاقسىل ئىشلەپچىقىرىشنى قوزغايدۇ؛ ماي تەقسىملىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ |
مېڭە ئاستى بېزى (ھىپوفىز) |
لۇتېينلاشتۇرغۇچى ھورمون سىرىق تەن ھاسىل بولۇشنى تېزلەتكۈچى ھورمون (Luteinizing hormone – LH)فوللىكۇلنى قوزغىغۇچى ھورمون تۇخۇم پۈۋەكچىلىرىنىڭ يېتىلىشىنى تېزلەتكۈچى ھورمون (Follicle-stimulating hormone – FSH) |
جىنسىي ھورمونلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشىنى (ئاياللاردا ئېستروگېن يەنى ئاياللىق ھورمون ۋە ئەرلەردە تېستوستېرون يەنى ئەرلىك ھورمون) ۋە ئاياللاردا تۇخۇم، ئەرلەردە ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىلىشىنى كونترول قىلىدۇ |
مېڭە ئاستى بېزى (ھىپوفىز) |
ئوكسىتوسىن (Oxytocin) |
بالىياتقۇنىڭ يىغىلىشىنى (بالىياتقۇ مۇسكۇللىرىنىڭ قىسقىرىشى) ۋە كۆكرەكتىكى سۈت يوللىرىنى قوزغايدۇ |
مېڭە ئاستى بېزى (ھىپوفىز) |
پرولاكتىن سۈت كەلتۈرگۈچى ھورمون (Prolactin) |
ئەمچەكتە سۈت ئىشلەپچىقىرىشنى باشلايدۇ ۋە ساقلايدۇ؛ جىنسىي ھورمون دەرىجىسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ |
مېڭە ئاستى بېزى (ھىپوفىز) |
قالقانسىمان بەز قوزغىغۇچى ھورمون (Thyroid-stimulating hormone – TSH) |
قالقانسىمان بەز ھورمونلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى ۋە ئاجرىلىشىنى قوزغايدۇ |
بۆرەك | رېنىن (Renin)ئانگىيوتېنسىن (Angiotensin) |
قان بېسىمىنى بىۋاسىتە ھەم بۆرەك ئۈستى بېزىدىن ئالدوستېرون ئىشلەپچىقىرىشنى تەڭشەش ئارقىلىق كونترول قىلىدۇ |
بۆرەك | ئېرىتروپويېتىن (Erythropoietin) |
قىزىل قان ھۈجەيرىسى (RBC) ئىشلەپچىقىرىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ |
ئاشقازان ئاستى بېزى | گلۇكاگون (Glucagon) |
قان شېكەر دەرىجىسىنى ئۆستۈرىدۇ |
ئاشقازان ئاستى بېزى | ئىنسۇلىن (Insulin) |
قان شېكەر دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىدۇ؛ گلۇكوزا، ئاقسىل ۋە ماي ئالماشتۇرۇشىنى قوزغايدۇ |
تۇخۇمدان | ئېستروگېن ئانىلىق گورمونى (Estrogen) |
ئايال جىنسىي ئالاھىدىلىكلىرى ۋە كۆپىيىش تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، بالىياتقۇ ۋە كۆكسىنىڭ ئىشلىشى ئۈچۈن مۇھىم؛ شۇنداقلا سۆڭەك ساغلاملىقىنى قوغدايدۇ |
تۇخۇمدان | پروگېستېرون (Progesterone) |
ئۇرۇقلاندۇرۇش ئۈچۈن بالىياتقۇنىڭ ئىچكى تەرىپىنى قوزغايدۇ؛ ئاياللارنىڭ كۆكسىنىڭ سۈت ئىشلەپچىقىرىشقا تەييارلايدۇ |
قالقانسىمان يان بېزى | قالقانسىمان يان بەز ھورمونى (Parathyroid hormone – PTH) |
قان كالتسىي دەرىجىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم تەڭشىگۈچىسى |
قالقانسىمان بەز | قالقانسىمان بەز ھورمونى (Thyroid hormone) |
ئالماشتۇرۇشنى كونترول قىلىدۇ؛ شۇنداقلا ئۆسۈش، يېتىلىش، نېرۋا سىستېمىسىنىڭ پائالىيىتى ۋە ئالماشتۇرۇشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ |
بۆرەك ئۈستى بېزى | ئېپىنېفرىن (Epinephrine) |
يۈرەك سوقۇش تېزلىكىنى، ئوكسىگېن قوبۇل قىلىشنى ۋە قان ئېقىشىنى ئاشۇرىدۇ |
بۆرەك ئۈستى بېزى | نورېپىنېفرىن (Norepinephrine) |
قان بېسىمىنى ساقلايدۇ |
ئۇرۇقدان | تېستوستېرون ئەرلىك ھورمون (Testosterone) |
ئەر جىنسىي ئالاھىدىلىكلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ ۋە ساقلايدۇ |
چىلغوزا تەنچە (مىڭە ئۈستى بېزى) |
مېلاتونىن (Melatonin) |
ئۇخلاشقا ياردەم بېرىدۇ، ئۇيقۇنىڭ سۈپىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. |
تۆۋەنكى دۆڭچە مېڭە | ئۆسۈش ھورمونىنى قويۇپ بېرىش ھورمونى (Growth hormone releasing hormone – GHRH) |
ھىپوفىز بېزىدە ئۆسۈش ھورمونىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەڭشەيدۇ |
تۆۋەنكى دۆڭچە مېڭە | تىروتروپىننى قويۇپ بېرىش ھورمونى (Thyrotropin releasing hormone – TRH) |
ھىپوفىز بېزىدە قالقانسىمان بەزنى قوزغايدىغان ھورمونىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەڭشەيدۇ |
تۆۋەنكى دۆڭچە مېڭە | گونادوتروپىننى قويۇپ بېرىش ھورمونى جىنسىي بەزنى قوزغاتقۇچى ھورموننى قويۇپ بېرىش ھورمونى (Gonadotropin releasing hormone – GnRH) |
ھىپوفىز بېزىدە LH/FSH ئىشلەپچىقىرىلىشىنى تەڭشەيدۇ |
تۆۋەنكى دۆڭچە مېڭە | كورتىكوتروپىننى قويۇپ بېرىش ھورمونى (Corticotropin releasing hormone – CRH) |
ھىپوفىز بېزىدە ئادرېنوكورتىكوتروپىن قويۇپ بېرىلىشىنى تەڭشەيدۇ |
تۆش بېزى | بەدەن سۇيۇقلۇقلىرى فاكتورلىرى (Humoral factors) |
لېمفا سىستېمىسىنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم قىلىدۇ |
ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسى ئىنسان بەدىنىدىكى ئەڭ مۇرەككەپ سىستېمىلارنىڭ بىرىدۇر. بۇ سىستېما ھورمون ئىشلەپچىقىرىدىغان بىر قاتار بەزلەر ۋە ئورگانلاردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ئۇلار ئىشلەپچىقارغان ھورمونلار قان ئارقىلىق بەدەننىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا يەتكۈزۈلىدۇ. ھورمونلار ئىنتايىن كۈچلۈك خىمىيەلىك ئاگېنتلار بولۇپ، ئىنتايىن ئاز مىقداردىمۇ بەدەننىڭ ئوخشىمىغان قىسىملارنىڭ فۇنكسىيەلىرىگە كۈچلۈك تەسىر كۆرستىشى مۇمكىن.
ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسى بەدەننىڭ نورمال ئىشلىشى ئۈچۈن ھاياتىي زۆرۈردۇر. بۇ سىستېما:
- ئالماشتۇرۇش (مېتابولىزم) كونتروللۇقى: بەدەننىڭ ئېنېرگىيە ئىشلىتىشى، قان شېكەر دەرىجىسى ۋە كالتسىي دەرىجىسى قاتارلىقلارنى تەڭشەيدۇ.
- ئۆسۈش ۋە تەرەققىيات: ئۆسۈش ھورمونى ۋە قالقانسىمان بەز ھورمونلىرى قاتارلىقلار بەدەننىڭ ئۆسۈشى ۋە تەرەققىياتىنى كونترول قىلىدۇ.
- جىنسىي ئىقتىدار ۋە كۆپىيىش: جىنسىي ھورمونلار تۇخۇم ۋە ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش، ھەيىز كۆرۈش دەۋرىنى تەڭشەش، ھامىلىدارلىق ۋە ئەمىتىشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.
- بېسىمغا ئىنكاس: ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسى بەدەننىڭ بېسىمغا تېز ئىنكاس قايتۇرۇشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ، بولۇپمۇ بۆرەك ئۈستى بېزىنىڭ «قاچ ياكى كۈرەش fight-or-flight» ھورمونلىرى بولغان ئېپىنېفرىن ۋە نورېپىنېفرىننى ئىشلەپچىقىرىشى ئارقىلىق.
- سۇ ۋە ئېلېكترولىت تەڭپۇڭلۇقى: سۈيدۈك توختىتىش ھورمون ۋە ئالدوستېرون قاتارلىق ھورمونلار بەدەندىكى سۇ ۋە تۇز تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاشقا ياردەم قىلىدۇ.
- مايىللىق ۋە ئاچلىقنى تەڭشەش: ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسى بىر قاتار ھورمونلار ئارقىلىق ئاچلىق ۋە تويغۇزلۇق سېزىمىنى تەڭشەيدۇ، بۇ ئارقىلىق يېمەك-ئىچمەك ئادىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى، ھورمون ئىشلەپچىقىرىلىشىنىڭ ھەددىدىن زىيادە ياكى ھەددىدىن تۆۋەن بولۇشى، قانداقتۇر بىر شەرتتە جىددى ياكى ئۇزۇن مۇددەتلىك ساغلاملىق مەسىلىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. مەسىلەن، ئىنسۇلىن يېتىشمەسلىكى دىيابېت كېسىلى سەۋەبى بولسا، قالقانسىمان بەز ھورمونىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى مېتابولىك چوڭقۇر مەسىلىلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.
ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسى شۇنداقلا نېرۋا سىستېمىسى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولۇپ، بىرلىكتە نېرۋا-ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ ئىككى سىستېما بەدەننىڭ ئىچكى تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش ۋە ئەتراپ مۇھىتتىكى ئۆزگىرىشلەرگە ماسلىشىشتا ھەمكارلىشىدۇ.
ھورمونلار كۆپ جەھەتتىن بىر-بىرىگە باغلىق بولۇپ، ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسىدە بىر يەردىكى ھورمون ئىشلەپچىقىرىشتا مەسىلە كۆرۈلسە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە باشقا ھورمون سىستېمىلىرىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسى بەدەننىڭ ساغلاملىقى ۋە نورمال ھالەتتە ئىشلىشى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم دىسەكمۇ بولىدۇ.