يۈرەك تاۋۇشى يۈرەكنىڭ خىزمەت جەريانىدا پەيدا بولغان ئاۋازىنى كۆرسىتىدۇ، ئاساسلىقى يۈرەك ھەربى قېتىم قىسقىراپ ۋە كېڭەيگەندە، كىلاپانىنىڭ يىپىلىشى ۋە قاننىڭ ئېقىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. تىڭشىغۇچ ئارقىلىق بۇ ئاۋازلارنى ئاڭلىغىلى ھەمدە ئېلېكتروكاردىيوگرافىدە (شىندىيەنتۇ) كۆرسەتكىلى بولىدۇ.
ئۇيغۇرچە ئىسمى: يۈرەك تاۋۇشى
ئىنگىلىزچە ئىسمى: Heart sound
خەنزۇچە ئىسمى: 心音
تۈركچە ئىسمى: Kalp sesi
يۈرەك تاۋۇشى يۈرەك ساغلاملىق ئەھۋالىنىڭ مۇھىم كۆرسەتكۈچى بولۇپ، دوختۇرلارنىڭ ھەر خىل يۈرەك كېسەللىكلىرىگە دىئاگنوز قويۇشىغا ياردەم بېرىدۇ. ئادەتتە يۈرەك تاۋۇشى تۆۋەندىكى بىر قانچە تۈرگە بۆلۈنىدۇ:
بىرىنچى يۈرەك تاۋۇشى ( S1 ):
بىرىنچى يۈرەك تاۋۇشى ئىككى قاناتلىق كلاپان ۋە ئۈچ قاناتلىق كلاپان يېپىلغاندا پەيدا بولغان ئاۋاز بولۇپ، يۈرەك قېرىنچىسىنىڭ قىسقىرىشىنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئالاھىدىلىكى: يۈرەكنى تىڭشاپ تەكشۈرگەندە، S1 ئادەتتە ئىككىنچى يۈرەك تاۋۇشى ( S2 ) گە قارىغاندا تۆۋەن ھەم داۋاملىشىش ۋاقتى بىر قەدەر ئۇزۇن بولىدۇ.
ئىككىنچى يۈرەك تاۋۇشى ( S2 ):
ئىككىنچى يۈرەك تاۋۇشى ئائورتا كلاپانى ۋە ئۆپكە ئارتېرىيە كلاپانى ئېتىلگەندە پەيدا بولغان ئاۋاز بولۇپ، يۈرەك قېرىنچىسىنىڭ كېڭىيىشىنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئالاھىدىلىكى: S2 S1 گە قارىغاندا زىل، ئادەتتە ئىككى تەركىبىي قىسىمغا بۆلۈنىدۇ:ئائورتا كلاپانىنى ياپقان ئاۋاز ( A2 ) ۋە ئۆپكە ئارتېرىيە كلاپانىنى ياپقان ئاۋاز ( P2 ).
ئۈچىنچى يۈرەك تاۋۇشى ( S3 ):
ئۈچىنچى يۈرەك تاۋۇشى ئادەتتە تېز سۈرئەتتە تولۇش مەزگىلىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە پەيدا بولىدۇ، بۇ كۆپ مىقداردىكى قاننىڭ يۈرەك قېرىنچىسىغا تېز سۈرئەتتە كىرىشىدىن كېلىپ چىققان تەۋرىنىشتىن پەيدا بولغان ئاۋاز.
ئالاھىدىلىكى: S3 تىڭشاپ تەكشۈرگەندە ئاڭلىماققا «كېنتۇككى» سۆزىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئىككى بوغۇمىغا ئوخشايدۇ، ساغلام قۇرامىغا يەتكەن كىشىلەردە ئۈچىنجى يۈرەك تاۋۇشى ئاڭلىنىپ كەتمەيدۇ. ئەمما بەزى بالىلاردا، ھامىلىدارلاردا ۋە ياشلاردا كۆپ ئۇچرايدۇ. لېكىن قۇرامىغا يەتكەنلەردە يۈرەك ئىقتىدارىنىڭ نورمالسىزلىقى ( مەسىلەن، يۈرەك زەئىپلىشىش ) بولغاندىمۇ بۇ ئاۋاز پەيدا بولۇشى مۇمكىن.
تۆتىنچى يۈرەك تاۋۇشى ( S4 ):
تۆتىنچى يۈرەك تاۋۇشى يۈرەك دالانچىسى قىسقارغاندا، ئېلاستىكلىقى ياخشى بولمىغان يۈرەك قېرىنچىسىغا قان كىرىشىدە پەيدا بولغان ئاۋازدۇر.
ئالاھىدىلىكى: S4 ئاڭلاپ تەكشۈرگەندە ئاڭلىماققا «تېننېسسى» دېگەن سۆزنىڭ ئالدىنقى ئىككى بوغۇمىغا ئوخشايدۇ، بۇ تاۋۇش ئاڭلانسا، يۈرەك كېسىلى بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ ( مەسىلەن:يۇقىرى قان بېسىم ياكى ئائورتا تارىيىش ) يەنى تۆتىنجى يۈرەك تاۋۇشى پاتولوگىيىلىك تاۋۇش ھېساپلىنىدۇ.
شاۋقۇن:
ئۇيغۇرچە ئىسمى: شاۋقۇن، يۈرەك شاۋقۇنى
ئىنگىلىزچە ئىسمى: heart murmur
خەنزۇچە ئىسمى: 杂音, 心脏杂音
تۈركچە ئىسمى: Üfürüm, kalp üfürümü
شاۋقۇن يۈرەك كىلاپان ھەرىكىنىڭ نورمالسىزلىقى ياكى قان ئايلىنىشنىڭ نورمالسىزلىقىدىن( مەسىلەن، يۈرەك دالانچە پاسىلى كەمتۈكلۈكى ياكى يۈرەك قېرىنچە پاسىلى كەمتۈكلۈكى ) دىن كېلىپ چىققان ئاۋازنى كۆرسىتىدۇ.
ئالاھىدىلىكى: شاۋقۇننى تارىيىش دەۋرىدىكى شاۋقۇن، كېڭىيىش دەۋرىدىكى شاۋقۇن ياكى ئۈزلۈكسىز شاۋقۇن دەپ ئايرىشقا بولىدۇ، ئۇنىڭ يۈز بېرىش ۋاقتى، داۋاملىشىش ۋاقتى ۋە ئاھاڭىغا ئاساسەن تۈرگە ئايرىلىدۇ.
بۇ يۈرەك تاۋۇشى ۋە شاۋقۇنلار يۈرەك قۇرۇلمىسى ۋە ئىقتىدارىغا دائىر مۇھىم ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدۇ، بۇلار يۈرەك كېسىلىگە دىئاگنوز قويۇشتىكى مۇھىم كۆرسەتكۈچ ھېساپلىنىدۇ. دوختۇر تىڭشىغۇچ ئارقىلىق يۈرەك تاۋۇشىنى تىڭشاپ تەكشۈرۈش ۋە تەھلىل قىلىش ئارقىلىق بىمارنىڭ يۈرەك ساغلاملىق ئەھۋالىنى تېخىمۇ ياخشى ئىگىلىيەلەيدۇ ھەمدە مۇناسىپ داۋالاش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقالايدۇ. يۈرەكنى قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇش يۈرەك مەسىلىسىنى بالدۇر بايقاش ۋە داۋالاشقا پايدىلىق بولۇپ، يۈرەكنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.