ئادەتتىكى كۈندۈلىك تۇرمۇشتا ئۇچىراشقاندا ئەيدىز ۋېروسى كىسىلى يۇقمايدۇ
مەسىلەن ؛
1) ئەيدىز كىسىللى بىلەن يۇقۇملانغان بىمار بىلەن قول ئېلىشىپ كۈرۈشىش ، قۇچاقلىشىش قاتارلىقلار .
2) ئەيدىز كىسىلى ۋېروسى بىلەن يۇقۇملانغان بىمارلار بىلەن بىرگە تاماق يېيىش ، ئىچىملىك ئىچىش ۋە ئورتاق ھالدا قاچا – قۇچا ، چۇكا ، رومكا ئىشلىتىش .
3) ئەيدىز كىسىلى ۋېروسى بىلەن يۇقۇملانغان بىمارلار بىلەن تەرەتخانا ، ۋاننا ، سۇ ئۈزۈش كۆلچىگى ، تېلىفۇن ، ماشنا قاتارلىقلارنى ئورتاق ئىشلەتكەندە .
4)ئەيدىز كىسىلى ۋېروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن بىرگە بولۇش ، ئەمگەك قىلىش ، ۋە ئەمگەك سايمانلىرىنى بىرگە ئىشلەتكەندە .
5)ماددى بۇيۇم ، پۇل قاتارلىقلارنى بىرگە ئىشلەتكەندە .
6) پاشا ، چىۋىن ، ھاشارەت چاققاندا .
7) يۈتەلگەن ، چۈشكۈرگەندە ، يېشى ئاققاندا ، تەر چىققاندا ، سۈيدىكى چاچىراپ كەتكەندە .
پەقەت يۇقۇملانغۇچى بىلەن قان ، سىپىرما ، جىنسى ئالاقە ۋە بالا ئېمىتىش قاتارلىق ھەركەتلەردە يۇقۇملىنىش ئەھۋالى كۆرۈلدۇ .