ئانا سەھىپەساغلاملىقئادەت ۋە ساغلاملىقئۇخلىيالمىغاندا قانداق قىلىش كېرەك؟

ئۇخلىيالمىغاندا قانداق قىلىش كېرەك؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

 

ئۇخلىيالمىغاندا قانداق قىلىش كېرەك؟ بۇ 12 چارە سىزنى ياخشى ئۇخلىتىدۇ

ئۇيقۇسىزلىق ئەھۋالى

ئۇيقۇسىزلىق نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان مەسىلە. تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، جۇڭگودىكى ئاساسلىق شەھەرلەردىكى كىشىلەرنىڭ ئۇيقۇسىزلىق نىسبىتى %45كە يېتىدىكەن. گۇاڭجۇ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 1- دوختۇرخانا كىلىنىكىلىق پسىخىكا بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى يۈ جىنلوڭ كۆپچىلىكنىڭ ئۇيقۇسىزلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ تەۋسىيە قىلىدىغىنى نوقۇل ھالدا ئۇيقۇ دورىسى يېيىشتەك بۇنداق ئاددىي ئەمەس.

مۇدىر يۈ جىنلوڭ بىلىش ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۇيقۇسىزلىقنى داۋالاشنى تەۋسىيە قىلىدىغان بولۇپ، بۇ ئۇسۇل چوڭ مېڭىدىكى نورمال بىيولوگىيەلىك سائەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، ئۇيقۇسىزلىقتىن تەشۋىشلىنىشنى پەسەيتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيقۇسىزلىقنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ، سوزۇلما ئۇيقۇسىزلىقنى داۋالاپ، ئۇيقۇ دورىسىغا تايىنىشتىن قۇتۇلدۇرىدۇ.

ئۇيقۇنى ياخشىلاشنىڭ 12 خىل ئۇسۇلى

  1. كەچتە كارىۋاتقا چىقىش ۋاقتى بەك كېيىن بولماسلىقى ھەم بەك بالدۇر بولۇپ كەتمەسلىكى لازىم (ئادىتىڭىز، تۇرۇۋاتقان جايىڭىز ۋە يېشىڭىزغا ئاساسەن ئازراق تەڭشەشكە بولىدۇ)، ئۇيقۇڭىز كەلگەندە ئاندىن كارىۋاتقا چىقىڭ.
  2. ئۇخلاشتىن باشقا ئىشلارنى كارىۋاتتا قىلماڭ. (كىتاب، كىنو، تېلېۋىزور كۆرۈش، يان تېلېفون ئويناش دېگەندەك ئىشلارنى كارىۋاتتا قىلماڭ).
  3. ئۇخلىغاندىن باشقا ۋاقىتتا، ئادەتتە ياتاق ئۆيگە ئامال بار كىرمەڭ، بۇنداق بولغاندا كارىۋات، ياتاق ئۆي ۋە كارىۋاتقا چىقىش ۋاقتىدىن ئىبارەت بۇ ئۈچ ئامىل بىلەن ئۇيقۇ ئوتتۇرىسىدا تۇتىشىش ھاسىل قىلىپ، شەرتلىك رېفلېكس بەرپا قىلغىلى بولىدۇ.
  4. ئۆزىڭىزنى ئۇخلاشقا مەجبۇرلىماڭ، تەبئىي قويۇۋېتىڭ، ھەمىشە قوڭغۇراقلىق سائەتكە قارىماڭ، يېرىم كېچىدە ئويغىنىپ كەتكەندىمۇ ھەم شۇنداق.ئەتىگەندە دەل ۋاقتىدا ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ، بۇنداق بولغاندا بىيولوگىيەلىك سائەتنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلىغىلى بولىدۇ.
  5. چۈشتە كۆپ ئۇخلىماڭ، 30 مىنۇت ئىچىدە بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ، قانداقلا بولسۇن 45 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ چۈشلۈك ئۇيقۇ ۋاقتى بىر سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. بولۇپمۇ دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ئۇخلىغان ياكى ئۇخلىمىغان بولۇڭ، ئورنىڭىزدىن تۇرۇشىڭىز لازىم.
  6. كارىۋاتتىكى ۋاقتىڭىزغا چەك قويۇڭ، قانداقلا بولسۇن، ئۇيقۇسىزلىقتىن بۇرۇنقى ئومۇمىي ئۇخلاش ۋاقتىڭىزدىن ئېشىپ كەتمىسۇن (ھەپتە ئاخىرى، دەم ئېلىش كۈنلىرىمۇ ئوخشاش).
  7. باشقا ۋاقىتلاردا ناھايىتى سەگەك، روھلۇق ھالەتنى ساقلاش، ئۇخلاپ قېلىشتىن ساقلىنىش لازىم.
  8. ئەگەر ئالدىنقى كۈنى كەچتە ياخشى ئۇخلىيالمىغان بولسىڭىزمۇ، ئەتىسى ھەرگىز ئۇخلاپ تولۇقلىماڭ.
  9. ئۇخلاشتىن بۇرۇن مۇھىم ئىشلارنى ئالدىن ئويلىشىۋېلىڭ، ئۇخلاشتىن بۇرۇن زىيادە ھاياجانغا سالىدىغان پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانماڭ؛ ھاراق، قەھۋە، چاي ئىچمەڭ، ئاسان ھەزىم بولمايدىغان يېمەكلىكلەرنى يېمەڭ، كۆپ مىقتاردا سۇ ئېچمەڭ، سۈت ياكى شېكەرلىك يېمەكلىكلەرنى ئىچىشكە بولىدۇ؛ ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئىلمان سۇدا يۇيۇنسىڭىز بولىدۇ.
  10. ياخشى ئۇخلاش مۇھىتى ھازىرلاڭ، مەسىلەن يورۇقلۇقنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، تىنچ، سالقىن، ئازادە مۇھىتنى تاللاڭ.
  11. بىلىش ئىقتىدارى ئارقىلىق داۋالاش جەھەتتە، ئۇيقۇغا بولغان ئەندىشىنى تۈگىتىشىڭىز كېرەك، ئۇيقۇغا بولغان ئۈمىدىڭىزنى تۆۋەنلىتىپ، ئۇيقۇسىزلىقنىڭ ئاقىۋىتىگە ئاقىلانىلىك بىلەن قاراپ، ئۇخلىيالماسلىقىڭىزنىڭ سەۋەبىنى ئەقلىي تەھلىل قىلىپ، كەيپىياتىڭىزنى كونترول قىلىڭ.
  12. مورىتاچە داۋالاش ئۇسۇلى: بەش ئىشنى كۆپ قىلىش، بەش ئىشنى قىلماسلىق. بەش ئىشنى كۆپ قىلىش مۇنۇلار: كۆپرەك ئىش قىلىش، كۆپ ھەرىكەت قىلىش، كۆپرەك ئويناش، قىزىقىش-ھەۋەسلىرى كۆپ بولۇش، كىشىلەر بىلەن كۆپرەك ئىجتىمائىي ئالاقە قىلىش. بەشنى قىلماسلىق: ئۆزىگە بەك يۇقىرى تەلەپ قويماسلىق، ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە بەك چوڭ ئۈمىد باغلىماسلىق، سىرتقى مۇھىتقا بولغان ئۈمىدى بەك يۇقىرى بولماسلىق، ئامال بار باشقىلار بىلەن بەسلەشمەسلىك، بەك خىجىلچان بولماسلىق قاتارلىقلار.

كوئىنلون تورى
مەسئۇل تەھرىر: ئەركىنجان

 

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2023-03-17

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2023-07-02 / 07:08:18

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ