ئەپ سىنىقىمىزغا قاتنىشىڭ

دوختۇرلار ئەپنىڭ ئاندروئىد نۇسخىسى ئىچكى سىناق شەكىلدە تارقىتىلدى. سىناققا قاتنىشىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!

ئانا سەھىپەساغلاملىقئادەت ۋە ساغلاملىقكېچىدە تاماق يېيىشنىڭ بەدەنگە بولغان زىيىنىنى بىلەمسىز؟

ئەپ سىنىقىمىزغا قاتنىشىڭ

دوختۇرلار ئەپنىڭ ئاندروئىد نۇسخىسى ئىچكى سىناق شەكىلدە تارقىتىلدى. سىناققا قاتنىشىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!

كېچىدە تاماق يېيىشنىڭ بەدەنگە بولغان زىيىنىنى بىلەمسىز؟

نۇر تورى تەرجىمىسى:

يېرىم كېچىدە تاماق يېيىش بىيولوگىيەلىك سائەتكە تەسىر قىلىپلا قالماي، يەنە بىر قاتار ساغلاملىق مەسىلىلىرىنى پەيدا قىلىدۇ.

كېچىدە تاماق يېيىشنىڭ بەدەنگە بولغان زىيىنىنى بىلەمسىز؟

1. ھەزىم قىلىش يولى كېسەللىكلىرىنى قوزغىتىدۇ

كېچىدە دائىم كاۋاپ، قاقلانغان بېلىق، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارنى يەپ، ھاراقنى كۆپ ئىچكەندە ئاشقازان-ئۈچەي يوللىرىنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرىدۇ، ھەتتا جىددى خاراكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغىنى پەيدا قىلىدۇ.

2. بەزى راك كېسەللىكلىرىمۇ يېرىم كېچىدە تاماق يېيىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك

تەتقىقاتلاردا دائىم كېچە سائەت ئوندىن 12گىچە، نۆلدىن ئىككىگىچە، ئىككىدىن سائەت تۆتكىچە ئارىلىقتا تاماق يېگەن ئاياللارنىڭ سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋىپى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %80، %120، %90 بولىدىكەن. ھەپتىدە ئەڭ ئاز بولغاندا كېچە سائەت ئوندىن كېيىن نەرسە يېيىشنى 20 يىلغا يېقىن ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى داۋاملاشتۇرغان ئاياللارنىڭ سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋىپى %128 بولىدىكەن.

3. مېتابولىزىم ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ

تەتقىقاتلاردا كېچە سائەت يەتتىدىن بۇرۇن كەچلىك تاماق يېيىشكە سېلىشتۇرغاندا، كەچ سائەت 11دە كېچىلىك تاماق يېيىش بەدەنگە تېخىمۇ كۆپ ياغنى ساقلايدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

كېچىلىك تاماق كىشىنى سەمىرىتىپلا قالماي، يەنە ئاچ قورساق قەنتى، ئىنسۇلىن، خولېستىرىن، گلىتسېرىن سەۋىيەسى قاتارلىقلارنىڭ ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. دىيابېت كېسىلى ۋە يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋىپىنىمۇ ئاشۇرىدىكەن.

4. نېرۋا ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ

يېرىم كېچىدە تاماق يېيىش چوڭ مېڭە ساغلاملىقىغا پايدىسىز بولۇپ، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى زەخمىلەندۈرىدۇ. تاماقنى ھەزىم قىلىش ئۈچۈن ھەرقايسى ئەزالار «ئىسمېنا قوشۇپ» ئىشلەيدۇ، بۇ ۋاقىتتا چوڭ مېڭىمۇ ئارام ئېلىشقا ئېرىشەلمىگەنلىكتىن، ھاياجانلىنىش دەرىجىسى كۈچىيىپ، ئۇيقۇسىزلىقىنى پەيدا قىلىدۇ.

5. ئوزۇقلۇق مېتابولىزىمىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

كېچىلىك تاماق يۇقىرى ياغلىق، ئاقسىللىق، كاربونات سۇ بىرىكمە ماددىلىرى بولۇپ، ئوزۇقلۇقنىڭ قوبۇللىنىشى تەڭپۇڭسىز بولغاچقا، ياغ مېتابولىزىمىنى غەيرىيلەشتۈرۈپ، كالتسىي ماددىسىنىڭ ئېقىشىنى تېزلىتىدۇ، ۋىتامىن B گۇرۇپپىسىنى كۆپ مىقداردا خورىتىدۇ.

ئۇزۇندىن بۇيانقى خىزمەت ئۈنۈمىنىڭ تۆۋەنلىشى، ئاسان چارچاش، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىشى، سۆڭەك شالاڭلىشىش، سۈيدۈك يولىدا تاش پەيدا بولۇشتەك ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى ئوزۇقلۇق مېتابولىزىمىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

6. يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنىڭ يۇشۇرۇن خەۋپىگە دىققەت قىلىش كېرەك

كوچىدىكى يايما ياكى يول بويىدىكى ئاممىۋى بوشلۇقلاردىكى ئۇششاق-چۈشەك يېمەكلىك سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالى، چىنە-قاچىلىرىنىڭ دېزىنفىكسىيەلىنىشى، ئورنىنىڭ تازىلىق ئەھۋالى، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قاتارلىق ھالقىلارنىڭ ھەممىسىدە يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنىڭ يۇشۇرۇن خەۋپى بار بولۇپ، ئاسانلا جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان-ئۈچەي ياللۇغى ياكى يېمەكلىكلەردىن زەھەرلىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.

يېرىم كېچىدە غىزالىنىشنىڭ ساغلام بولغان ئۈچ پرىنسىپىنى ئىگەللەش كېرەك:

1. ساغلام يېمەكلىكلەرنى تاللاش كېرەك

ساپ بۇغدايدىن پىشۇرغان بولكا، سۇلۇ، بانان، ئۈرۈك، كالا سۈتى، ھەسەل، قېتىق، ئوماچ تۈرىدىكىلەر قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى كۆڭۈلدىكىدەك تاللاش ھېسابلىنىدۇ.

2. تۈرى كۆپ خىل، مايسىز ۋە مىقدارى ئاز بولۇش كېرەك

يۇقىرى ياغلىق، غىدىقلىغۇچى ۋە يەل پەيدا قىلغۇچى يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش كېرەك. تاۋۇزغا ئوخشاش سۇ ۋە قەنت مىقدارى مول مېۋىلەرنى ئاز يېيىش كېرەك. تۇزلۇق يېمەكلىكلەرمۇ ئۇيقۇ سۈپىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئەڭ مۇھىمى يېرىم كېچىدە ھاراق ئىچمەسلىك كېرەك.

3. ئۇخلاشتىن ئىلگىرىكى ئىككى ئۈچ سائەتتە كېچىلىك غىزا يېمەسلىك كېرەك

ئاشقازان-ئۈچەينىڭ قەنت تۈرىدىكىلەرنى ھەزىم قىلىپ سۈمۈرۈش يۇقىرى پەللىسى تەخمىنەن تاماقتىن كېيىنكى ئىككى سائەت ئەتراپىدا بولۇپ، ئەگەر ياغ قوبۇل قىلسا، بۇ ۋاقىت تېخىمۇ كەينىگە سۈرۈلۈشى مۇمكىن. شۇڭا كەچلىك تاماقنى ئەڭ ياخشىسى كەچ سائەت توققۇزدىن بۇرۇن يېيىش كېرەك.

مەنبە: نۇر تورى
ﻛﯧﭽﯩﺪﻩ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻳﯧﻴﯩﺸﻨﯩﯔ ﺑﻪﺩﻩﻧﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺯﯨﻴﯩﻨﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻣﺴﯩﺰ؟

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
تەۋە سەھىپە:
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2026-02-08

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2026-02-08 / 09:19:06

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

تەييارلىغان مەزمۇنلىرىمىزنى رۇخسەتسىز، قانۇنسىز سودا ئىشلىرىغا ئىشلەتمەڭ. بولمىسا قانۇنى ۋە ۋىجدانى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز.

بىر باھا بار

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ