كېكىردەك قۇرۇلمىسى: ئاۋاز ھاسىل قىلىش ۋە نەپەسلىنىشنىڭ ئاچقۇچى
كېكىردەك ئىنسان بەدىنىدىكى ئەڭ مۇھىم ئەزالارنىڭ بىرى بولۇپ، نەپەس يولى بىلەن ئاشقازان-ئۈچەي يولىنىڭ ئېغىزىدا، بوغۇز بىلەن كاناي ئارىلىقىغا جايلاشقان. ئۇ بىر قاتار كۆمۈرچەك، مۇسكۇل ۋە پەردىلەردىن تەركىب تاپقان مۇرەككەپ بىر قۇرۇلما. كېكىردەكنىڭ ئاساسلىق فۇنكسىيەلىرى ئاۋاز ھاسىل قىلىش (فونېتىك فۇنكسىيە)، نەپەس يولىنى ئوچۇق تۇتۇش ۋە يۇتۇش جەريانىدا يېمەكلىكلەرنىڭ نەپەس يولىغا كىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت.
بۇ ماقالىدە، بىز كېكىردەكنىڭ ئىنچىكە قۇرۇلمىلىرىنى تەپسىلىي كۆزدىن كەچۈرىمىز. ئاساسلىق كېكىردەك قاپقىقى، ئاۋاز پەردىسى ۋە كېكىردەك بوشلۇقى قاتارلىق مۇھىم ئەزالارنى تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق، كېكىردەكنىڭ ئىقتىدارى ۋە ئىنساننىڭ فىزىئولوگىيەسىدىكى ئورنىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىمىز. بۇ ئۇچۇرلار ئوقۇرمەنلەرگە كېكىردەك توغرىسىدا چوڭقۇر ۋە كەسپىي چۈشەنچە بېرىشنى مەقسەت قىلىدۇ.
رەسىم مەنبەسى: ئادەم ئاناتومىيىسىنىڭ رەڭلىك ئاتلىسى (ئۇيغۇرچە – خەنزۇچە 1993-يىلى)
رەسىم تەرجىمە تەھرىرى: ھەلىمە ئابدۇكېرىم ؛ تەھرىر: سابىت ئىسلام
رەسىم تەرجىمە قىلغۇچىلار: ئاگۇ خەسەنوۋ ، تۇرسۇنجان توقاي ، گۈلنىسا كېرەم ، نۇرمەمەت باغاشار ، ھەلىمە ئابدۇكېرىم
مەزمۇن تەييارلاش ۋە تەھرىر : دوختۇرلار تورى ئەترىتى
كېكىرتەك قۇرۇلمىسىدىكى ئاساسلىق بەلگىلەرنىڭ تەپسىلىي تونۇشتۇرۇشى
كىرىش قىسمىدىكى مۇھىم بەلگىلەر:
- كېكىردەك قاپقىقى ( Epiglottis / 会厌 ): كېكىردەك قاپقىقى يوپۇرماقسىمان شەكلى بار، ئېلاستىك كۆمۈرچەكتىن تۈزۈلگەن. يۇتۇش جەريانىدا كېكىردەكنىڭ ئېغىزىنى يېپىپ، يېمەكلىكلەرنىڭ كانايغا كىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. بۇ، نەپەسلىنىش ۋە يۇتۇش فۇنكسىيەلىرىنىڭ خاتا يۈز بېرىشىنى توسۇيدىغان مۇھىم مېخانىزم.
- ئاۋاز قاتلىقى ( Vocal Fold / 声襞 ): ئاۋاز قاتلىقى كېكىردەك ئىچىدىكى ئىككى جۈپ پەردىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئاۋاز ھاسىل قىلىشنىڭ ئاساسلىق قۇرۇلمىسى. ئۆپكىدىن چىققان ھاۋا ئېقىمى بۇ قاتلاملاردىن ئۆتكەندە تەۋرىنىپ ئاۋاز ھاسىل قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ جىددىيلىكى ۋە شەكلى ئۆزگىرىش ئارقىلىق ئاۋازنىڭ پەردىسى ۋە كۈچلۈكلۈكى كونترول قىلىنىدۇ.
- كېكىردەك بوشلۇقى ( Laryngeal Cavity / 喉腔 ): كېكىردەك بوشلۇقى كېكىردەك قاپقىقىنىڭ ئاستىدىن كانايغا ئۇلىنىدىغان بوشلۇق بولۇپ، ئاۋاز قاتلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ بوشلۇق نەپەسلىنىش ۋە ئاۋاز ھاسىل قىلىش ئۈچۈن زۆرۈر ھاۋا يولىنى تەمىنلەيدۇ. ئۇنىڭ شەكلى ۋە كەڭلىكى ئاۋازنىڭ ساپلىقى ۋە رېزونانسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
باشقا بەلگىلەرنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشى:
- تىل يىلتىزى ( Root of Tongue / 舌根 ): تىلنىڭ ئارقا قىسمى بولۇپ، يۇتۇش جەريانىدا كېكىردەك قاپقىقى بىلەن ھەمكارلىشىپ، يېمەكلىكلەرنى يۇتۇش يولىغا توغرىلايدۇ.
- قوشۇق قاپقاق قاتلىقى ( Aryepiglottic Fold / 杓状会厌襞 ): كېكىردەك قاپقىقى بىلەن قوشۇقسىمان كۆمۈرچەك ئارىلىقىدىكى پەردە قاتلىقى بولۇپ، كېكىردەك ئاغزىنىڭ يۇقىرى چېگرىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ.
- شىنسىمان تۈگۈنچە ( Cuneiform Tubercle / 楔状结节 ): قوشۇق قاپقاق قاتلىقىنىڭ ئالدى قىسمىدىكى كىچىك تۈگۈنچە بولۇپ، شىنسىمان كۆمۈرچەكنىڭ ئۈستىنى قاپلاپ تۇرىدۇ.
- ئامۇتسىمان يۇشۇرۇن ئويمان ( Piriform Recess / 梨状隐窝 ): بوغۇزنىڭ يان تەرىپىدىكى بوشلۇق بولۇپ، يۇتۇش جەريانىدا يېمەكلىكلەرنىڭ ئۆتۈشىگە ياردەم بېرىدۇ.
- قوشۇق ئارىلىق ئويۇغى ( Interarytenoid Notch / 杓间切迹 ): ئىككى قوشۇقسىمان كۆمۈرچەك ئارىلىقىدىكى ئويمانلىق.
- كېكىردەك ئاغزى ( Laryngeal Inlet / 喉口 ): كېكىردەك بوشلۇقىنىڭ يۇقىرى ئېغىزى بولۇپ، بوغۇز بىلەن ئۇلىنىدۇ.
- دالان قاتلىقى ( Vestibular Fold / 前庭襞 ): ئاۋاز قاتلىقىنىڭ يۇقىرى تەرىپىدىكى يالغان ئاۋاز پەردىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئاۋاز ھاسىل قىلىشقا بىۋاسىتە قاتناشمايدۇ، ئەمما كېكىردەكنى قوغداشقا ياردەم بېرىدۇ.
- ئاۋاز يوچۇقى ( Glottis / 声门裂 ): ئىككى ئاۋاز قاتلىقى ئارىلىقىدىكى بوشلۇق بولۇپ، نەپەسلىنىش ۋە ئاۋاز ھاسىل قىلىش جەريانىدا ئېچىلىپ-يېپىلىپ تۇرىدۇ.
- كىچىك بۇرجەك تۈگۈنچىسى ( Corniculate Tubercle / 小角结节 ): قوشۇقسىمان كۆمۈرچەكنىڭ ئۈستى تەرىپىدىكى كىچىك تۈگۈنچە بولۇپ، كىچىك بۇرجەك كۆمۈرچىكىنى قاپلاپ تۇرىدۇ.
- كېكىردەك قاپقاق تۈگۈنچىسى ( Epiglottic Tubercle / 会厌结节 ): كېكىردەك قاپقىقىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كىچىك تۈگۈنچە.
- ئاۋاز يوچۇقى پەردە ئارىلىق قىسمى ( Membranous Glottis / 声门裂膜间部 ): ئاۋاز يوچۇقىنىڭ ئالدى قىسمى بولۇپ، ئاۋاز پەردىسىنىڭ پەردىلىك قىسمىدىن تەركىب تاپىدۇ.
- ئاۋاز يوچۇقى كۆمۈرچەك ئارىلىق قىسمى ( Cartilaginous Glottis / 声门裂软骨间部 ): ئاۋاز يوچۇقىنىڭ ئارقا قىسمى بولۇپ، ئىككى قوشۇقسىمان كۆمۈرچەك ئارىلىقىدىن تەركىب تاپىدۇ.
- ئاۋاز تارىمۇشى ( Vocal Ligament / 声韧带 ): ئاۋاز قاتلىقىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى تارىمۇش بولۇپ، ئاۋاز پەردىسىگە ئېلاستىكىلىق بېرىدۇ.
- ئاۋاز پەردە مۇسكۇلى ( Vocalis Muscle / 声带肌 ): ئاۋاز قاتلىقىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى مۇسكۇل بولۇپ، ئاۋاز پەردىسىنىڭ جىددىيلىكىنى تەڭشەيدۇ.
- قالقانسىمان كۆمۈرچەك ( Thyroid Cartilage / 甲状软骨 ): كېكىردەكنىڭ ئالدى ۋە يان تەرەپلىرىنى تەشكىل قىلىدىغان ئەڭ چوڭ كۆمۈرچەك. ئادەتتە ئادەم بويۇنىنىڭ ئالدى تەرىپىدىكى «ئادەم ئالماسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
- قالقان قوشۇق مۇسكۇلى ( Thyroarytenoid Muscle / 甲杓肌 ): قالقانسىمان كۆمۈرچەك بىلەن قوشۇقسىمان كۆمۈرچەك ئارىلىقىدىكى مۇسكۇل بولۇپ، ئاۋاز پەردىسىنى قىسقارتىپ بوشاشتۇرىدۇ.
- ئاۋاز پەردە ئۆسۈكى ( Vocal Process / 声带突 ): قوشۇقسىمان كۆمۈرچەكنىڭ ئالدىغا سوزۇلغان قىسمى بولۇپ، ئاۋاز پەردىسىنىڭ ئارقا قىسمى ئۇنىڭغا چاپلاشقان.
- مۇسكۇل ئۆسۈكى ( Muscular Process / 肌突 ): قوشۇقسىمان كۆمۈرچەكنىڭ يان تەرىپىگە سوزۇلغان قىسمى بولۇپ، بەزى مۇسكۇللار ئۇنىڭغا چاپلاشقان.
- قوشۇق توغرا مۇسكۇلى ( Transverse Arytenoid Muscle / 杓横肌 ): ئىككى قوشۇقسىمان كۆمۈرچەكنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇسكۇل بولۇپ، ئۇلارنى بىر-بىرىگە يېقىنلاشتۇرىدۇ.
- يۇتقۇنچاق بوشلۇقى ( Pharynx Cavity / 咽腔 ): بوغۇز بىلەن ئېغىز ۋە بۇرۇن بوشلۇقىنى تۇتاشتۇرىدىغان يول.
- ھالقىسمان كۆمۈرچەك تاختىسى ( Cricoid Lamina / 环状软骨板 ): ھالقىسمان كۆمۈرچەكنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى كەڭ تاختاي قىسمى.
- قوشۇقسىمان كۆمۈرچەك ( Arytenoid Cartilage / 杓状软骨 ): پىرامىدا شەكلىدىكى ئىككى كىچىك كۆمۈرچەك بولۇپ، ئاۋاز پەردىسىنىڭ ھەرىكىتىنى كونترول قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.
كېكىرتەك قۇرۇلمىسىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە فۇنكسىيەسىگە ئومۇمىي چۈشەنچە
كىكىرتەك كېكىرتەك، ئىنسان بەدىنىدىكى ئىنتايىن مۇرەككەپ ۋە كۆپ ئىقتىدارلىق ئەزا بولۇپ، ئۈستۈنكى نەپەس يولىنىڭ مۇھىم بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىق فۇنكسىيەلىرى پەقەت نەپەسلىنىش ۋە ئاۋاز ھاسىل قىلىش بىلەنلا چەكلەنمەستىن، يەنە يۇتۇش جەريانىدا نەپەس يولىنى قوغداش ۋە ئىچكى بېسىمنى تەڭشەش قاتارلىق ھايانانلىق ئىقتىدارلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
- ئاۋاز ھاسىل قىلىش (فونېتىك فۇنكسىيە): كېكىردەكنىڭ ئەڭ داڭلىق فۇنكسىيەسى ئاۋاز ھاسىل قىلىش. ئاۋاز قاتلىقى (Vocal Fold) ئۆپكىدىن چىققان ھاۋا ئېقىمى بىلەن تەۋرىنىپ، ھەر خىل چاستوتا ۋە كۈچتىكى ئاۋاز دولقۇنلىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ دولقۇنلار ئېغىز بوشلۇقى، بوغۇز ۋە بۇرۇن بوشلۇقى قاتارلىق رېزونانس بوشلۇقلىرىدا كۈچىيىپ، ئاخىرىدا سۆزگە ئايلىنىدۇ. ئاۋاز قاتلىقىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كېكىردەك مۇسكۇللىرىنىڭ ھەرىكىتى ئاۋازنىڭ پەردىسى، كۈچلۈكلۈكى ۋە رەڭگىنى تەڭشەيدۇ.
- نەپەسلىنىش (رېسپىراتور فۇنكسىيە): كېكىردەك نەپەس يولىنى ئوچۇق تۇتۇپ، ھاۋانىڭ ئۆپكىگە كىرىپ-چىقىشىنى تەمىنلەيدۇ. ئاۋاز قاتلىقى نەپەس ئالغاندا كېڭىيىپ، ھاۋا ئۆتۈش يولىنى چوڭايتىدۇ. نەپەس يولىنى ئوچۇق تۇتۇش كېكىردەك كۆمۈرچەكلىرى (قالقانسىمان، ھالقىسىمان، قوشۇقسىمان كۆمۈرچەكلەر) نىڭ مۇستەھكەم قۇرۇلمىسى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.
- نەپەس يولىنى قوغداش (مۇداپىئە فۇنكسىيەسى): يۇتۇش جەريانىدا، كېكىردەك قاپقىقى (Epiglottis) ئاپتوماتىك ھالدا تۆۋەنلەپ، كېكىردەك ئاغزىنى يېپىپ، يېمەكلىكلەرنىڭ كانايغا كىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. بۇ مېخانىزم «خوخلاش» نىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئىنتايىن مۇھىم. ئەگەر بۇ مېخانىزمدا مەسىلە كۆرۈلسە، يېمەكلىك ياكى سۇيۇقلۇقنىڭ ئۆپكىگە كىرىپ كېتىشى، نەپەس يولى يۇقۇملىنىش ياكى باشقا خەتەرلىك ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
- كېكىردەك مۇسكۇللىرىنىڭ رولى: كېكىردەكتە ئىچكى ۋە تاشقى مۇسكۇللار بار. ئىچكى مۇسكۇللار ئاۋاز قاتلىقىنىڭ ھەرىكىتىنى بىۋاسىتە كونترول قىلىپ، ئاۋازنىڭ چاستوتىسى ۋە كۈچىنى تەڭشەيدۇ. تاشقى مۇسكۇللار بولسا پۈتۈن كېكىردەكنىڭ ئورنىنى يۇقىرى-تۆۋەن توشىشىغا ياردەم بېرىدۇ، بۇمۇ ئاۋازنىڭ ئۆزگىرىشىگە ۋە يۇتۇشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
- كۆمۈرچەك قۇرۇلمىسى: كېكىردەك ئاساسلىقى توققۇز كۆمۈرچەكتىن تەركىب تاپقان: بىر قالقانسىمان كۆمۈرچەك، بىر ھالقىسىمان كۆمۈرچەك، بىر كېكىردەك قاپقىقى كۆمۈرچىكى، ئىككى قوشۇقسىمان كۆمۈرچەك، ئىككى كىچىك بۇرجەك كۆمۈرچىكى ۋە ئىككى شىنسىمان كۆمۈرچەك. بۇ كۆمۈرچەكلەر كېكىردەكنىڭ شەكلىنى ساقلاپ، ئۇنىڭ قۇرۇلمىۋى پۇختىلىقىنى تەمىنلەيدۇ.
كېكىردەكنىڭ مۇرەككەپ قۇرۇلمىسى ۋە كۆپ خىل فۇنكسىيەلىرى ئىنساننىڭ ھاياتىي پائالىيەتلىرىدە، جۈملىدىن ئالاقە قىلىش، نەپەسلىنىش ۋە ئوزۇقلىنىش جەريانلىرىدا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئۇنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلاش ئومۇمىي بەدەن ساغلاملىقى ئۈچۈن ئاچقۇچلۇق ئەھمىيەتكە ئىگە.