ئانا سەھىپەكېسەللىكلەرسۆڭەك كېسەللىكلىرىقاتما خاراكتىرلىك ئومۇرتقا ياللۇغى 强直性脊柱炎

قاتما خاراكتىرلىك ئومۇرتقا ياللۇغى 强直性脊柱炎

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

قاتما خاراكتىرلىك ئومۇرتقا ياللۇغى

强直性脊柱炎

Ankylosing spondylitis

قاتما خاراكتېرلىك ئومۇرتقا ياللۇغى ئىچكى تاشقى سوغۇقلۇقنىڭ تەسىر قىلىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان، كىلىنىكىدا بويۇن، كۆكرەك، بەل ئومۇرتقا ساھەسى ئاغرىش، ھەرىكىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراش، ھەرىكەت قىلغاندا ئاغرىش كۈچىيىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان جاھىل خاراكتېرلىك كېسەللىك

دىياگنوز ئاساسى:

1) بىماردا كۆرۈلگەن تىپىك كېلىنىكىلىق ئالامەتلەرگە ئاساسەن : بويۇن، كۆكرەك، بەل ئومۇرتقا ساھەسى ئاغرىش، ھەرىكەت قىلغاندا ئاغرىق كۈچىيىش، ھەرىكىتى قىيىنلىشىش ياكى توسقۇنلۇققا ئۇچراش، پۈتۈن بەدەن سوغۇق بولۇش، زىيادە توڭۇش، نەپەس ئېلىش ۋە چىقىرىش قىيىنلىشىش .

2) قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن :

(1) لابۇلاتورىيىلىك تەكشۈرگەندە ASO مۇسبەت بۇلۇش، ESR يۇقىرى بۇلۇش .

(2) رىنتىگېندا ياكى MRIسايىلاندۇرۇپ تەكشۈرگەندە ئومۇرتقا تۈۋرۈكىنىڭ فىزىيولوگىيەلىك ئەگىرلىكى يوقۇلۇش، ئومۇرتقا سۆڭىكىنىڭ قىرى بۇزۇلۇش، ئومۇرتقا تۈۋرىگىدە بامبۇكسىمان ھالەت شەكىللىنىش، ئومۇرتقا پەي – مۇسكۇللىرى ياللۇغلىنىپ ئىششىش، ئېغىرلىرىدا مۇسكۇل قېتىپ كالتسىي پىشىش ئەھۋالى بۇلۇش قاتارلىقلارغا ئاساسەن دىياگنوز قويۇلدى .

ئالامىتى :

بىماردا كېسەل باشلانغاندا بويۇن، كۆكرەك، بەل ئومۇرتقا ساھەسى ئاغرىش، بەدەن سوغۇق بۇلۇش، زىيادە توڭلاش ئەھۋالى بولۇپ ئومۇرتقىنىڭ ھەرىكىتى قىيىنلىشىش ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك بولمايدۇ، تەدرىجىي ئومۇرتقا ساھەسى ئاغرىش ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ، ھەرىكەت قىلغاندا ئاغرىق كۈچىيىش، ئومۇرتقا ھەرىكىتى قىيىنلىشىش، مۇسكۇللار قېتىش ئەھۋالى بولۇپ ئېغىرلاشقاندا ئومۇرتقا تۈۋرۈكى غەيرىلىشىش، ھەرىكىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراش، مۇسكۇللار قېتىشىپ كالتسىي پىشىش، بىمار ئوڭدىسىغا ياكى دۈم بولۇپ ياتالماسلىق ، بەدەن ئۇرۇقلاش، نەپەس ئېلىش ۋە چىقىرىش قىيىنلىشىش، ئۇيقۇسىزلىق، يول يۈرۈش – ئولتۇرۇپ قوپۇش ھەرىكىتى قىيىنلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ .

دەرىجىگە بۆلۈنۈشى :

1 . يېنىك دەرىجىدە : بويۇن، كۆكرەك، بەل ئومۇرتقا ساھەسى ئاغرىش، بەدەن سوغۇق بۇلۇش، زىيادە توڭلاش ئەھۋالى بولۇپ ئومۇرتقىنىڭ ھەرىكىتى قىيىنلىشىش ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك بولمايدۇ،

2 . ئوتتۇرھال دەرىجىدە : بويۇن، كۆكرەك، بەل ئومۇرتقا ساھەسى ئاغرىش، ھەرىكەت قىلغاندا ئاغرىق كۈچىيىش، ئومۇرتقا ھەرىكىتى قىيىنلىشىش، نەپەس ئېلىش ۋە چىقىرىش يەڭگىل دەرىجىدە قىيىنلىشىش، بەدەن سوغۇق بۇلۇش، زىيادە توڭلاش ئەھۋالى بولىدۇ .

3 . ئېغىر دەرىجىدە : بويۇن، كۆكرەك، بەل ئومۇرتقا ساھەسى ئاغرىش، ھەرىكەت قىلغاندا ئاغرىق كۈچىيىش، ئومۇرتقا تۈۋرۈكى غەيرىلىشىش، ھەرىكىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراش، مۇسكۇللار قېتىشىپ كالتسىي پىشىش، بىمار ئوڭدىسىغا ياكى دۈم بولۇپ ياتالماسلىق ، بەدەن ئۇرۇقلاش، نەپەس ئېلىش ۋە چىقىرىش قىيىنلىشىش، ئۇيقۇسىزلىق، يول يۈرۈش ۋە ئولتۇرۇپ قوپۇش ھەرىكىتى قىيىنلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ .

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-12-04

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-12-11 / 09:42:19

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ