ئانا سەھىپەئەيدىز AIDSئەيدىز ساۋاتلىرىئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ساۋاتلىرى

ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ساۋاتلىرى

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ساۋاتلىرى
( تەرجىمە )

( يۈكسەل )

ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئەيدىز كېسەللىكى ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلىقىڭىزدىن گۇمان قىلسىڭىز، جەزمەن سەﮬىيە تارماقلىرى تەرىپىدىن ئەيدىز ۋىروسىنى تەكشۈرۈپ بايقاش شارائىتى ۋە سالايىھىتى بار، دەپ بېكىتىلگەن داۋالاش – سەﮬىيە ئورۇنلىرىغا بېرىپ ، ئۆزىڭىزنى تەكشۈرتىشىڭىز لازىم. مەملىكەت ئىچىدىكى ﮬەرقايسى چوڭ دوختۇرخانا، سەﮬىيە – ئالدىنى ئېلىش پونكىتلىرى، جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئورگانلىرىنىڭ ﮬەممىسى ئادەتتە ئەيدىز ۋىروسىنى تەكشۈرۈپ بايقاش شارائىتى ۋە سالايىھىتىگە ئىگە بولغان بولىدۇ. شۇڭا، سىز ئۆزىڭىزنى يۇقىرىقىدەك ئورۇنلاردا تەكشۈرتىڭ. ﮬەرگىزمۇ << يالاڭئاياق دوختۇر >> لارغا كۆرۈنۈپ داۋالانماڭ. ئەگەر لابوراتورىيىلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت چىقسا، بۇ سىزنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىڭىزنى ۋە سىزنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگۈچى ئىكەنلىكىڭىزنى ئسپاتلايدۇ. ئەمما، تېخى سىزنى ئەيدىز كېسەللىكى بىمارى دېيىشكە بولمايدۇ.

ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ يۇشۇرۇن دەۋرى ناﮬايىتى ئۇزۇن بولۇپ، ئادەتتە 8 -5 يىلغىچە بولىدۇ. بەزىدە 10 يىلدىنمۇ ئېشىپ كېتىدۇ. ئەيدىز كېسەللىكى ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ﮬەممىسى ئەيدىز ئاتلىق كېسەللىك يالماۋۇز تەرىپىدىن زىيانلانغۇچىلار بولۇپ، ئەتراپتىكى كىشىلەر ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە مىھرى – مۇﮬەببەت بېرىپ ئاسرىشى كېرەك. بۇ خىل كشىلەرنى كەمسىتىپ خورلاشقا قەتئىي بولمايدۇ.

سىز ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ساۋاتلىرىنى بىلسىڭىز، بىلىدىغانلىرىڭىزنى ئۆپ – چۆرىڭىزدىكى دوست -بۇرادەر، ئەلۇ – قاياشلىرىڭىزغا سۆزلەپ بېرىڭ.

1 . ئەيىدىز كېسەللىكى بولسا ئۆلۈش نىسبىتى ناﮬايىتى يۇقىرى بولغان، ئۆتكۈر يۇقۇچان بىر خىل كېسەللىك. نۆۋەتتە بۇ خىل كېسەللىكنى داۋالاپ ساقايتىدىغان دورا ۋە داۋالاش ئۇسۇلى يوق. ئەمما ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

2. ئەيدىز كېسەللىكى ۋىرۇسى ئاساسلىقى يۇقۇملانغۇچىنىڭ قېنى، ئسپىرمىسى، جىنسىي يول ئاجراتمىسى، سۈتى قاتارلىقلاردا مەۋجۇد بولىدۇ. شۇڭا، ئەيدىز كېسەللىكى ۋىرۇسى << جىنسىي ئۇچرىشىش، قان، ئانا – بوۋاق >> دىن ئىبارەت  3 خىل يول ئارقىلىق يۇقىدۇ. زور كۆپ ساندىكى يۇقۇملانغۇچىلار بارا – بارا تەرەققىي قىلىپ، 10- 5 يىل ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئەيدىز كېسەللىكى بىمارىغا ئايلىنىدۇ. ئادەتتە كېسەللىك قوزغىلىپ، 3 – 2 يىلدىن كېيىن ئۆلۈپ كېتىدۇ.

3. ئەيدىز كېسەللىكى بىمارى ۋە ئەيدىز كېسەللىكى ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن كۈندىلىك ئۇچرىشىش، بىرلىكتە خىزمەت قىلىش ( قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش، قۇچاقلىشىش، بىرلىكتە غىزالىنىش، قاچا – قۇچىلارنى، ئىشخانا بويۇملىرىنى ئورتاق ئىشلىتىش ) تۈپەيلى ئەيدىز كېسەللىكى يۇقمايدۇ. ئەيدىز كېسەللىكى تەرەت قاچىسى، تېلفون، قاچا – قۇچا، يوتقان – كۆرپە، سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى، مۇنچىخانا قاتارلىق ئاممىۋىي ۋاسىتىلەر ۋە سورۇنلار ئارقىلىق تارقالمايدۇ. يۆتىلىش، چشكۈرۈش، چىۋىن – پاشىلار چېقىش قاتارلىق يوللار ئارقىلىقمۇ يۇقمايدۇ.

4. پاك – دىيانەتلىك، ئىپپەت – نۇمۇسلۇق بولۇپ، جىنسىي ئەخلاققا ياخشى رىئايە قىلغاندا، جىنسىي ئۇچرىشىش ئارقىلىق يۇقىدىغان ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى تولۇق ئالغىلى بولىدۇ.

5. ﮬامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش قاپچۇقىنى توغرا ئىشلەتكەندە، ﮬامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۈنۈمىگە ئېرىشىپلا قالماستىن، يەنە ئەيدىز كېسەللىكىدىن يۇقۇملىنىش مۇمكىنچىلىكىنى تۆۋەنلەتكىلى ۋە جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ خەۋىپىنى كېمەيتكىلى بولىدۇ.

6. جىنسىي كېسەللىكلەرنى بالدۇر داۋالاپ ساقايتقاندا، ئەيىدىز كېسەللىكىنىڭ خەۋىپىنى كېمەيتكىلى بولىدۇ. رەسمىي دوختۇرخانىلار ﮬەقىقىي تۈردە خۇسۇسىي مەخپىيەتلىكىڭىزنى قاتتىق ساقلىغان ئاساستا، تەكشۈرۈپ دىئاگنوز قويۇش، داۋالاش ۋە مەسلىھەت بېرىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. زۆرۈز بولغاندا، ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق جايدىكى جىنسىي كېسەللىكلەر ۋە ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قىزىق لىنىيىلىك تېلفونلىرىغا تېلفون قىلىپ مەسلىھەت سورىسىڭىز بولىدۇ.

7. شىپىرسنى ئورتاق ئىشلىپ، زەﮬەر چېكىش بولسا ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئاساسلىق تارقىلىش يوللىرىدىن بىرى. شۇڭا، زەﮬەر چېكىشكە قارشى تۇرۇپ، ﮬاياتلىقنى قەدىرلەش لازىم.

8. زۆرۈر بولمىغان ئەﮬۋال ئاستىدا ، قان سالدۇرماسلىق ، ئوكۇل ئۇرغۇزماسلىق ، يۇقىرى ئۆلچەمدە دېزىنفېكسىيە قىلىنمىغان ئەسۋاپ-ئۈسكىنىلەر بىلەن چىش تارتقۇزماسلىق ۋە چىشنى ئىسكەتلەتمەسلىك كېرەك. ئەيدىز كېسەللىكى ۋىرۇسى تەكشۈرۈلۈپ، يۇقلىقى ئېنىقلانغان قان ۋە قان ياسالمىلىرىنى ئىشلىتىش لازىم.

9. ئەيدىز كېسەللىكى بىمارلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش، ئۇلارغا ياردەم بېرىش ۋە ئۇلارنى كەمسىتمەسلىك كېرەك. ئۇلار كېسەللىكنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلار بولۇپ، ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ، ئۇلارغا سەمىمىي ﮬېسداشلىق قىلىش ۋە ياردەم بېرىش كېرەك. ئائىلە ۋە جەمىئىيەت ئۇلار ئۈچۈن دوستانە بولغان ، چۈشىنىشكە تولغان، ساغلام بولغان ياشاش ۋە خىزمەت قىلىش مۇﮬىتى ﮬازىرىلاپ بېرىشى كېرەك. ئۇلارنىڭ ئاكتىپ ﮬالدىكى ياشاش پوزىتىسىيىسى ، خەۋىپلىك قىلمىشلاردىن قول ئۈزۈپ ئۆزگىرىش، داۋالاشقا ماسلىشىش قاتارلىق ﮬەرىكەتلىرىگە ئىلھام بېرش ، رىىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. بۇنداق بولغاندا، ئۇلارنىڭ ﮬاياتلىق سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ، ﮬاياتىنى ئۇزارتقىلى بولۇپلا قالماسىتن بەلكى يەنە، ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئلىېپ، جەمىئيەتنىڭ مۇقىم، خىرامان بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

10.ئەيدىز كېسەللىكى ﮬەربىر ئادەم ۋە ﮬەر بىر ئائىلىگە خىرىس قىلماقتا!!!

ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش پۈتۈن جەمىئىيەتنىڭ باش تارتىپ بولماس مەسئۇلىيىتى.

————–
شۇنداق قىلىپ، ۋورلىد گېنرالنىڭ ئالىي پەرمانىغا ئاساسەن، بۇ تەرجىمىنى قىلىپ تاماملىدىم. ﮬەممەيلەننىڭ بۇ ئۇرۇشقا ئاتلىنىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

مەنبە:
ئىزدىنىش مۇنبىرى
ManYuksel

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: [ppdate]

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: [wpv-post-modified format="Y-m-d / h:i:s"]

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ