ئانا سەھىپەئۇنىۋېرسال مەزمونلارھە شۇنداقمۇ؟كىنو-فىلىملەرنىڭ باشلىنىشتىكى بەلگىلەر

كىنو-فىلىملەرنىڭ باشلىنىشتىكى بەلگىلەر

تۈركىيىدە قويۇلغان كىنو، فىلىملەر، كۆرۈنۈشلىك خەۋەر مەزمونلارنىڭ باشلىنىشنىڭ ئالدىدا بەزى بەلگىلەرنى چىقىرىپ قويىدۇ. بۇ بەلگە ئىشارەتلەر، مەزكۇر فىلىمنىڭ ئىچىدىكى مەزمونلارنىڭ قايسى ياش گۇرۇپپىسىدىكى كىشىلەرگە ماس كېلىدىغانلىقىنى بەلگىلەيدۇ.

«5244 – نومۇرلۇق كىنونى باھالاش ۋە تۈرگە ئايرىش ھەم قوللاش قانۇنى» ۋە «كىنونى باھالاش ۋە تۈرگە ئايرىش تەرتىپى ھەم پىرىنسىپ نىزامى» غا ئاساسەن، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى قارمىقىدىكى باھالاش ۋە تۈرلەرگە ئايرىش كومىتېتى دۆلەت ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىلغان ياكى ئىمپورت قىلىنغان كىنولارنى باھالاش ۋە تۈرلەرگە ئايرىشقا مەسئۇل بولىدۇ.

كىنو، رەقەملىك ئويۇن ۋە ئالدىن ئېلان قىلىنغان فىلىمىنى باھالاش ۋە تۈرگە ئايرىشنى ئىككى كومىتېت ئېلىپ بارىدۇ : بىرىنچى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ ۋەكىلى، كىنوچىلىق كەسپىي جەمىئيىتىنىڭ ۋەكىلى ھەمدە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى بېكىتكەن بىر نەپەر پىسخولوگدىن تەشكىللەنگەن «تارماق كومىتېت» بولىدۇ ؛ ئىككىنچىسى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ بىردىن ئەزاسى، ئالاقىدار ساھەلەردىكى كەسپىي جەمئىيەتلەر كۆرسەتكەن مۇتەخەسسىسلەر ئىچىدىن تاللاپ چىقىلغان ئۈچ ئەزا، شۇنداقلا مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى بېكىتكەن دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئىگە بىر جەمئىيەتشۇناس، بىر پىسخولوگ ۋە بىر بالىلار تەرەققىيات مۇتەخەسسىسى بولۇپ جەمئىي توققۇز ئەزادىن تەركىب تاپقان «باھالاش ۋە تۈرگە ئايرىش كومىتېتى» بولىدۇ.

كومېتىت كىنو ۋە ئالدىن ئېلان قىلىش فىلىمىنى باھالاش ۋە تۈرگە ئايرىغاندا، ئۇنىڭ ئىچىدە مەۋجۇت بولۇش ئېھتىمالى بولغان زوراۋانلىق، تېررورلۇق، جىنسىيەت ۋە يالىڭاچ مەزمۇنلار، شۇنداقلا زەھەر، قوپال تىل قاتارلىق سەلبىي تەسىر پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولغان قىلمىشلارنىڭ دەرىجىسىنى ئويلىشىدۇ. بۇ تىلغا ئېلىنغان بارلىق ئامىللارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ تۇرۇپ، تۆۋەندىكى تۈرلەرگە ئايرىپ چىقىدۇ.

ئائىلىدە يالغۇز ياكى بالىلىرىڭىز بىلەن بىللە كىنو فىلىم كۆرگەندە ، ئەڭ بېشىدا چىققان بەلگىگە ئاساسەن بالىڭىز ۋەيا سىز بىلەن بىللە بولغان كۆرۈرمەننىڭ بۇ فىلىمنى كۆرۈش ۋەيا كۆرمەسلىكنى قارار بەرسىڭىز بولىدۇ.

كىنو-فىلىملەر باھالاش ۋە تۈرگە ئايرىش بەلگىلىرى

كىنو-فىلىملەرنىڭ باشلىنىشتىكى بەلگىلەر

6 ياشتىن كىچىك
كۆرۈرمەنلەر ئائىلە ھەمرالىقىدا كۆرسە بولىدۇ

6 ياش ۋە ئۈستىدىكى
كۆرۈرمەنلەر ئۈچۈن تەييارلانغان

10 ياشتىن كىچىك
كۆرۈرمەنلەر ئائىلە ھەمرالىقىدا كۆرسە بولىدۇ

10 ياش ۋە ئۈستىدىكى
كۆرۈرمەنلەر ئۈچۈن تەييارلانغان

13 ياشتىن كىچىك
كۆرۈرمەنلەر ئائىلە ھەمرالىقىدا كۆرسە بولىدۇ

13 ياش ۋە ئۈستىدىكى
كۆرۈرمەنلەر ئۈچۈن تەييارلانغان

16 ياش ۋە ئۈستىدىكى
كۆرۈرمەنلەر ئۈچۈن تەييارلانغان

18 ياش ۋە ئۈستىدىكى
كۆرۈرمەنلەر ئۈچۈن تەييارلانغان

ھەرياش كۆرۈرمەنلەر
ئۈچۈن تەييارلانغان.

شىددەت ۋە قورقۇنچ
مەزمونلار بار.

جىنسى ۋە يالىڭاچ
مەزمونلار بار

پاسسىپ ئۈلگە
بولىدىغان مەزمونلار بار.

 

پايدىلانغان مەنبە:
https://sinema.ktb.gov.tr/TR-144749/degerlendirme-ve-siniflandirma-isaretleri.html

باھالانغان ۋە تۈرگە ئايرىلغان كىنو ۋە رەقەملىك ئويۇنلارنى كۆرمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئۇلانمىنى چېكىڭ:
http://filmsiniflandirma.ktb.gov.tr

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
تەۋە سەھىپە:
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-08-25

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-08-25 / 05:33:25

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

تەييارلىغان مەزمۇنلىرىمىزنى رۇخسەتسىز، قانۇنسىز سودا ئىشلىرىغا ئىشلەتمەڭ. بولمىسا قانۇنى ۋە ۋىجدانى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ